• قوللانچى: پارول:

pisaنەتىجىسى جۇڭگو مائارىپىنىڭ غەلىبسىنى تەستىقلامدۇ؟

يىقىندا، تەخمىنەن 5100گە يىقىن 15ياشلىق شاڭخەيلىك ئوقۇغۇچى«خەلقئارائوقۇغۇچىلارنى تەكشۈرۈپ-باھالاش تۈرى»(pisa)نىڭ تەكشۇرۇشىنى قۇبۇل قىلىشقا قاتناشقان بولۇپ، سىناقتىن كېيىنكى نەتىجىسى جۇڭگو-چەتئەل مائارىپ ساھەسىنى زىل-زىلىگە سالغان، بۇ ئەھۋال خىلى كۈنلەرگىچە قىزىق تېما بولۇپ قالغان. «نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى»مائارىپ سەھىپىسىنىڭ باش بەت ئۈستىگە«شاڭخەينىڭ يۇقىرى نەتىجىسى مائارىپچىلارنى ھەيرەتتە قالدۇردى» دېگەن ماقالىنى ئېلان قىلىپ، «جۇڭگو تۇنجى قېتىم خەلقئارائۆلچەملىك ئىمتىھان pisa غا قاتناشتى، سىناق نەتىجىسى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتىكى، شاڭخەيلىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇپ چۈشىنش، ماتېماتكىلىق ئانالىز، ئىلىم-پەن ئۇقۇملىرى قاتارلىق ئۈچ جەھەتتە تەربىيىلىنىش نەتىجىسى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا بولۇپ، ئامېرىكىنى خىلىلا يىراقتا تاشلاپ كەتكەن. بۇ نەتىجە ياۋرو-ئامېرىكا مائارىپ مۇتەخەسسلىرىنى ھەيران قالدۇرغان»دىدى.pisa بولسا نۆۋەتتە دۇنيا مىقىياسىدا ئەڭ نوپۇزغا ئىگە سىناق تۈرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، سىناقنى قۇبۇل قىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ جەمئىيەتكە كېرەكلىك بولغان بىلىم ۋە ئىقتىدارنى ھازىرلاش قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەردىكى ئۇنىۋېرسال، ئەتىراپلىق باھالاپ چىقىدۇ، مەزكۇر سىناق نەتىجىسى ھەرقايسى ئەللەرنىڭ ئۆزئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارىنى مۆلچەرلىشى، ۋە مائارىپ ئىسلاھاتىنى ئېلگىرى سۈرۇشتە ئاساسلىنىدىغان مۇھىم كۆرسەتكۈچ بولالايدۇ.
لىكىن بۇ نەتىجە بارلىققا كىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا گۇمانى نەزەرگە دۇچ كەلدى، بىرقىسم كىشىلەربۇ نەتىجىدىن قانائەتسىزلىنىپ شۇنداق سۇئال قويۇشتى:
 «ئولىمپىك ماتېماتىكا مۇسابىقە نەتىجىسىمۇ ياخشى، pisaنەتىجىسىمۇيۇقىرى، جۇڭگولۇقلارنىڭ چىمپيۇنلۇقلىرى دۇنيادىكى ھەرقانداق بىردۆلەتنىڭكىدىن كۆپ، ئەمما 60نەچچە يىلدىن بۇيان، بىرمىليارد400مىليۇن نوپۇسقا ئىگە جۇڭگو بىرنەپەر نوبىل مۇكاپاتى ساھىبىنى تەربىيىلەپ چىقالمىدى، يەنى دېمەكچىكى جۇڭگو مۇشۇ كەمگىچە دۇنيا ئىلىم-پەن چوققىسغا چىقالىغۇدەك يۇقىرى پەن-تېخنىكاخادىمى ياكى پەن ئۇستازى تەربىيىلەپ چىقالمىدى بۇ نېمە ئۈچۈن؟»
ئۇلار يەنە يەكۈن چىقىرىپ مۇنداق دېيىشتى:
«دەرۋەقە،ئاتالمىش pisa جۇڭگوغا كىرگەن بولسىمۇ، لىكىن «قىلتاق»قا چۇشۇپ كەتتى، ھەتتا جۇڭگوغا كىرىپلائاسسمىلياتسىيە بولۇپ كەتكىنىنى بىلمەيلا قالدى. شۇ سەۋەبتىن جۇڭگو ئوقۇغۇچىلرىنىڭ pisa دائامېرىكا ئوقۇغۇچىلىرىنى بىسىپ چۇشىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس ، ئەممابۇ نەتىجە جۇڭگو ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىمتىھان مائارىپىغا ماسلىشش ئىقتىدارىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۆرۇلگەنلىكىدىن باشقا ھىچنېمىنى چۈشەندۇرۇپ بىرەلمەيدۇ.»
پىقىرنىڭ قارىشىچە ،ئەمەلىي ئەھۋالنىڭ قانداق بولىشىدىن قەتئىي نەزەر، pisaنىڭ تارىخى مۇساپسىدىن قارىغاندا ئۇنىڭ سىنىقىدا بىرىنچلىكىنى ئالغانلىق ئەسلىدە شۇ دۆلەتتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئەكس ئەتتۈرۇپ بىرىدۇ.مەسىلەن فىنلاندىيە 2004-يىلى بۇتۈردە بىرىنچى بولغاندىن كېيىن، دۇنيا مىقىياسىدا فىنلاندىيەدىن ئۆگىنىش دولقۇنى كۆتۆرۇلگەن،يەنەشۇنىڭ بىرگە ئۇدا نەچچە يىل دۇنيا ئىقتىساد ساھەسىدە«دۇنيادىكى رىقابەت كۈچى ئەڭ يۇقىرى»دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.
ئوقۇغۇچىلاردۆلەتنىڭ كېلەچىكى، دۇنيانىڭ ھەممە جايىدائوخشاش. لېكىن فىنلاندىيىگە ئوخشاش غەرب ئەللىرىگە سىلۇشتۇرغاندا بىزدە كەمچىل بولغىنى ئىلغارئوقۇغۇچى ئەمەس، بەلكى ئىلغارمائارىپ تۈزۈلمىسى. بولۇپمۇ ئالى مائارىپ تۈزۈلمىسى ۋە ئالى مەكتەپلەردە شۇنداق.
ئاساسى مائارىپ باسقۇچىدا بىزنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش-ئىپادىلەش، ماتېماتىكلىق ئانالىز، ئىلىم-پەن ئۇقۇملىرى جەھەتتە تەربىيىلىنىش ئارقىلىق يىتىلدۈرگەن ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارى دۇنيانىڭ ھەرقانداق بىريىرىدىكى ئوخشاش ياشلىقلاردىن ئۈستۇن، بۇنىڭغا دۇنياۋى زىھىن مۇسابىقىلىرىدىكى نەتىجىلەر ئىسپات بولۇپ تۇرۇپتۇ. ئەمما شۇنى ئىتىراپ قىلىشىمىز كىرەككى ،بۇ نەتىجىلەرنى ياراتقۇچىلار ئاساسى مائارىپ باسقۇچىدىن ئالى مائارىپ باسقۇچىغاقەدەم قويغاندىن كېيىن يەنىلا ھېلىقى «قىلىپ»لاردا قۇيۇلۇپ چىقىدۇ.ئۇلارنىڭ ئەمەلىي ئىقتىدارى، بولۇپمۇيېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرىدىكى ئوخشاش ياشلىقلاردىن ناھايىتىمۇ ئارقىدا قالغان.

پىقىرنىڭ كىچىككىنە تولۇقلىمىسى:
pisa نىڭ تەكشۈرۈش ئوبيكتى پەقەت شاڭخەي ئوقۇغۇچىلىرى ئىكەن، مېنىڭچە شاڭخەي مائارىپ شارائىتى جەھەتتە جۇڭگوغا نىسبەتەن پەۋقۇلئادە تەرەققىي قىلغان ئورۇن. ئۇيەردىكى مائارىپ سۈپىتى ياكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يىتىلدۈرگەن ئىقتىدار-ساپاسى پۇتكۇل جۇڭگوغا ۋەكىللىك قىلالامدۇ؟

ئۆزلەشتۇرۇپ تەرجىمە قىلغۇچى :ۋەتەن





3 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • ئەگەر شاڭخەي پۈتۈن جۇڭگوغا ۋەكىللىك قىلالىسا شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسى كىلەر يىلى چۇقۇم يۇرتۇمدا يەنى خوتەندە ئۆتكۈزۈلگەن بولاتتى، شۇنىڭغا ئوخشاش مائارىپ جەھەتتىمۇ پەرق بولمىغان بولاتتى.

  • ئەۋللادىم جاۋاب

    بىزچۇ؟ بىز ھەتتا شۇ ‹قېلىپ ›لاردىمۇ ياخشىراق قۇيۇلۇپ چىقالمايۋاتىمىز.بىز زىيالىيلارنىڭ مەسئۇلىيتنىڭ بەكلا ئېغىرلىقىنى ھىس قىلىۋاتىمەن.بىز يەھۇدىيلارنىڭ پەرزەنىت تەربىيلەش پىرىنسىپلىرىنى ،ئامرىكا قاتارلىق تەرەقى قىلغان ئەللەرنىڭ مائارىپ ئۇسۇللىرىنى كۆردۇق .بىراق ئۇلارغا ھەۋەس بىلەن قاراپ قالساقلا بولماس،بىز ئۇيغۇرلاردىنمۇ پەرزەنىت تەربىيلەشتە مەلۇم ئەندىزىلەر بولۇشى كېرەكمۇ قانداق دەپ ئويلايمەن.بۇ بىز زىيالىيلار چوقۇم ئويلىنىشقا تېگىشلىك ئىش ،چۈنكى بىز ئەتراپىمىزدىكى نۇرغۇن مەدەنىيەت ساپاسى تۆۋەنرەك ئادەملەرگە قارىغاندا بىر قەدەر ئىلغار ھېسابلىنىمىز.نۇرغۇنلىرىمىز ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئەۋلاد تەربىيلەۋاتىمز،جوڭگۇنىڭ بۇ خىل ‹قېلىپ›ئۇسۇلىدىن بىز ئەلۋەتتە چەتتە قالمايمىز. ئارىمىزدا تېرەن پىكىرلىك كىشىلەر ئاز ئەمەس،قېنى، ۋەتەنگە كېلەيلى،ئىزدىنىشتىن ئالغان نەتىجىلىرىمزنى يەكۈنلەيلى،ھىچبولمىغاندا ئۆزىمىز بىلەن بىرگە بىر قىسىم كىشىلىرىمىزنى تەربىيلىۋالساق ئەجەپ ئەمەس.

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif