بۈگۈن «يېڭى دولقۇن تورى» نىڭ مائارىپ قانىلىدا مۇنداق بىرخەۋەرنى كۆرۇپ قالدىم :
ئا ق ش تېكساس شىتاتىدىكى مالېنىس ئىسىملىك 17ياشلىق قىزئوقۇغۇچى دەرس ۋاقتىدا ئوقۇتقۇچىسىنى قوپال گەپلەر بىلەن ھاقارەتلىگەنلىكى ئۈچۈن 637دوللار«بەدەل»تۆلىگەن.
تەپسىلاتى:2010-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى مالېنىس دەرس ۋاقتىدا ئوقۇتقۇچىسى لېناغا قوپاللىق قىلغان ۋە بولمىغۇرسۆزلەربىلەن ھاقارەت قىلغانلىقى سەۋەبىدىن مەكتەپ مۇدىرى ئىشخانىسىغاچاقىرتىلغان. مەكتەپ تەرەپ ئۇنىڭ قىلمىشىنى ئېنىقلاپ چىققاندىن كېيىن ئۇنىڭغا 340دوللارجەرىمانە قويغان. لېكىن مالېنىس بۇنىڭغا قايىل بولمىغانلىقتىن ئۆزىنى گۇناھسىزدەپ جاكارلاپ، 11-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى سوتنىڭ ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىغا قاتناشمىغان.بۇ سەۋەبلىك سوت مەھكىمىسى ئۇنىڭغا 100دوللار جەرىمانە قويغان ۋە بۇيىل 1-ئاينىڭ 21-كۈنى ئۇنى قولغا ئېلىش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن.
بۇنداق بولغاندا ئۇ يەنە قائىدە بويىچە رەسمىيەت ھەققى ئۈچۈن 50دوللار، ھاۋالە ھەققى ئۈچۈن 147دوللار ھەق تاپشۇرۇشى كېرەك بولۇپ،ئۇنىڭ جەمئى تۆلەيدىغان جەرىمانىسى 637دوللاربولغان.
637دوللارجەرىمانىغا نېسبەتەن«قىلمىشكار» مالېنىس قانداق پوزىتسىيىدە؟
مالېنىس بۇھەقتە زىيارەت قۇبۇل قىلغاندا:«راستىنلاقانداق قېلىشىمنى بىلمىدىم، مەندە ئۇنچىلىك كۆپ پۇل يوق»-دېدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ئۇ ھازىر ساقچى ئىدارىسىدە قارائىش بىلەن مەشغۇل بولۇپ جەرىمانە قايتۇرۇش ئۈچۈن پۇل توپلاۋىتىپتۇ..
________
تورداشلار بۇ ھەقتە ھېس قىلغانلىرىنى سۆزلەپ باقسادېگەن ئۈمىدتەمەن .