ئالدىنقى قېتىم ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان بىر خەن ياشنىڭ بلوگىدىن تەرجىمە قىلغان«خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى كۈتۈبخانىسى تېمىدىكى 20تەلىم» دېگەن يازمىنى ئېلان قىلغان ئىدىم.
بۈگۈنمۇ ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان بىرىنىڭ بلوگىدا بۇ قىسقىچە يازمىنى ئۇچرىتىپ قالدىم، بۇ ئوقۇغۇچى سەھەرسائەت تۆت يېرىملاردىكى ئۇنىۋېرسىتېت كۈتۇپخانىسنىڭ مەنزىرىسىدىن بىركۆرۈنۈش (رەسىم) تەييارلاپ چىقارغان بولۇپ، رەسىمنىڭ ئاستىغا :«مانابۇ خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسىنىڭ سەھەر4:30دىكى مەنزىرىسى، ئەمدى بۇنىڭغا سېلىشتۇرما ھالدا ئۆزىمىزھەققىدە ئويلاپ باقايلى…» دەپ يازىدۇ.
ئۇيەنە مۇنداق يازىدۇ:
«خارۋاردتىكى ئوقۇتقۇچىلاردائىم ئوقۇغۇچىلارغا مۇنداق سىگنال بېرىدۇ:ئەگەرجەمئىيەت قوينىغا قەدەم قويغاندىن كېيىن، ھەرقانداق ماكان-زاماندا، قوللاش ۋە ياخشى باھاغا ئېرىشىمەن دەيدىكەنسىلەر، ئۇنداقتا خارۋاردتا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىڭلاردا «ئاپتاپقا قاقلىنىدىغان ۋاقىت»ىڭلاربولماسلىقى ئېنىق.
دۇنياغا مەشھۇرئالى ئوقۇل بولۇش نامىغا مۇناسىپ ھالدا، خارۋارد نۇرغۇن داڭلىق كىشىلەرنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈردى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە 33نەپەر نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى، 7نەپەر ئامېرىكاپېرىزدىنتى ۋەئۇنىڭدىن تاشقىرى ھەرقايسى ساھەلەردە شۆھرەت قازانغان (قازىنىۋاتقان)نۇرغۇن كىشىلەر بار.»