• قوللانچى: پارول:

ئوڭۇشسىزلىققا يولۇققاندائۆزىڭىزدىن بۇلارنى سوراپ كۆرۈڭ

بىز بۇ ئۆمرىمىزدە،غەپلەتكە تولغان كىشىلىك ئالاقە، قىلچىمۇ رازىمەنلىك ئېلىپ كىلەلمەيدىغان خىزمەت، مەڭگۈئۆتەلمەيدىغان ئىمتىھان ياكى ئەمەلگە ئاشمايدىغان پىلان دېگەنلەرنىڭ كاساپىتىگە ئۇچىراپ تۇرىمىز. بەلكىم ھېچقانداق ئىش قىلمىساق ئاندىن ھايات زەربىلىرىگە ئازئۇچىرىشىمىز مۇمكىن، بىراق بۇنداق قىلالمايمىز.
ھەممىمىز بىلىدىغان ھەقىقەت: مەغلۇبىيەتنىڭ تەمىنى تېتىمايدىغان ئادەم يوق. ھەممىمىز قىلىپ كېتەلمەيدىغان ھەرىكەت : مەغلۇبىيەتكە قانداق يۈزلىنىش.
ئوقۇتقۇچىلىرىمىز بىزگە مەغلۇبىيەت غەلىبىنىڭ ئانىسى دەپ ئۆزئىسمىمىزدەك يادقا قىلىۋەتكەن، ئەمما مەغلۇبىيەتنىڭ غەلىبىگە ھامىلدار بولۇشى ئۈچۈن كېتىدىغان جەريان ھەققىدە ھېچنىمە دېمىگەن…
مەغلۇبىيەت بىزنى ھالسىرىتىدۇ، كۆزلىرىمىزنى غۇۋالاشتۇرىدۇ، ئەقلىمىزنى كېسىدۇ،..ھەتتا ئىلگىرى ئويلاپمۇ باقمىغان ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن، لېكىن مەغلۇبىيەت دەقىقىلىرىدە ساغلام روھىي ھالەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈۋالساق، بۇنىڭمۇ بىر ياخشى پۇرسەت ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يېتەلەيمىز.
ئەڭ مۇھىمى تۆۋەندىكى بىرقانچە مەسىلە ھەققىدە ئىنچىكە ئويلىنىپ كۆرۈشنىڭ پايدىسى كۆپ، ئەگەر مەغلۇبىيەت ۋەزىيىتىدە تۇرىۋاتقان بولسىڭىز، ئۆزىڭىزدىن شۇلارنى سوراپ كۆرۈڭ.

1.مەن مەغلۇبىيەتتىن نېمىنى ئۆگىنىۋالدىم؟
سىزنىڭ مەغلۇبىېيتىڭىز پۈتۈنلەي سىزنىڭ خاتالىقىڭىز ئەمەس، ئەمما سىزمۇ بۇنىڭدىكى مەسئۇلىيەتتىن قېچىپ قۇتۇلالمايسىز. مۇۋاپىقىيەت قازانغانلار ئەزەلدىن مەغلۇبىيىتى ئۈچۈن باھانە ئىزدىگەنلەر ئەمەس، بەلكى مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغانلاردىن كېلىپ چىققان.

2.ئەگەر يەنە بىرقېتىملىق پۇرسەت بولسا، ئوخشاش بولمىغان ھەل قىلىش چارىسى تاپالامدىم؟

باشقا بىريول بارمۇ-يوق؟ باشقىچە ھەل قىلىش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىشقا بولامدۇ-يوق؟ مەسىلىنى ھەل قىلىشتا بولسۇن ياكى مەغلۇبىيەت كىرزىسىدىن قۇتۇلۇشتا بولسۇن مەسىلىنىڭ باشقىچە ھەل قىلىش چارىسى ئۈستىدە ئىزدىنىش سىزگە يېڭى بىر يولنى كۆرسىتىپ بېرىشى مۇمكىن.

3.مېنىڭ ئىقتىدارىم قايتاجانلىنامدۇ-يوق؟

ئوڭۇشسىزلىققا يولۇقۇشىڭىز سىزنىڭ ئىقتىدارسىزلىقىڭىزدىنمۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا، قانداق تولۇقلايسىز؟ بەلكىم سىز كىتاپ ئوقۇشىڭىز ياكى باشقىلارنىڭ تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىشىڭىز كېرەكتۇ. ئىشقىلىپ مۇئەييەن پىلان تۈزۈپ، تېرىشىپ -تىرمىشىپ بولسىمۇ ئىقتىدارىڭىزنى ئاشۇرۇڭ.

4.مەن كىملەردىن ئۆگىنشىم كېرەك؟

ئەتراپىمدا ئەقىل سورىغۇدەك ئادەملىرىم بارمۇ-يوق؟ ئەگەر رەھبىرىڭىز، خىزمەتدىشىڭىز ياكى بۇرادەرلىرىڭىزدىن بىرەرى كۆڭۈل چۈشىنىدىغانلاردىن بولسا سىز ئىككىلەنمەي ئۇلارنىڭ قاراشلىرىنى ئاڭلاپ بېقىڭ. خىلى كۆپ كىشلەر باشقىلاردىن ئەقل سوراشنى ئىقتىدارسىزلىق دەپ قارايدۇ، بۇ بەك خاتا. سىزنىڭ بۇھەقتە ئېغىز ئېچىشىڭىز ماھىيەتتە سىزنىڭ ئۆگىنىش ۋە ئىسلاھاتقا ئاتلانغىنىڭىزدىن بىشارەت، ئەلۋەتتە ئەقىل كۆرسەتكۈچىمۇ بەلگىلىك خۇشاللىقتىن بەھرىمان بولىدۇ.

5. كېيىنكى قەدەمدە قانداق قىلىمەن؟

ھەرىكەت پىلانى بېكىتىش كېرەك. مەغلۇبىيەت بەل قويۇۋېتىشتىن دېرەك بەرمەيدۇ، بەلكىم ئۇ سىزنىڭ بىرتۈرلۈك ئۇسۇلىڭىزدىن چىققان كاشىلىدۇ. شۇڭا، پىلانىڭزغا تەپسىلىي قاراپ چىقىڭ، تەدبىر-سىتىراتىگىيىلىرىڭىزنى تەڭشەڭ.

سىز بەلكىم ئۇتۇق قازانغۇچىلارنىڭ ھېكايەتلىرىنى ئوقۇغان بولىشڭىزمۇمكىن، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن ئوڭۇشسىزلىققا يولۇققان كىىشلەردۇر. باشقىسىنى ئېيتماي، مەن ئىلگىرى بىلوگۇمدا ئېلان قىلغان« پەقەت بىرلا قېتىم مۇۋاپىقىيەت قازانسىڭىز كۇپايە» دېگەن تەرجىمە ماقالىدە كەچۈرمىشى سۆزلەنگەن كېندىچى ماركىسىنىڭ ياراتقۇچىسى Harland Sanders ھاياتىدا 1009 قېتىم مەغلۇبىيەتكە يولۇققان!
مەن كۆرىۋاتقان تۈركىيىنىڭ قىسمىلىق تېلېۋزىيە تىياتىرى« ناتىۋانلار» دا شۇنداق بىرگەپ بار؛« بۇ يولدا( ھاياتتا) قاراڭغۇ تونىللارغا دۇچ كېلىسەن، ئەمما ئۇنىڭ ئۇچىتىگە ھامان چىقىسەن.»  بولدى گەپنى ئاز قىلاي، ئەگەر مەغلۇبىيەت، ئوڭۇشسىزلىق ئىلكىدە تۇرىۋاتقان بولسىڭىز ئاۋۇ بەش تۈرلۈك سۇئالغا جاۋاب بېرىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.





5 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • مەن ھازىرغىچە ئۆزۈمدىن بۇنداق سۇئاللارنى سوراپ باقماپتىمەن، چۈنكى مەن تېخى مەغلۇپ بولۇپ باقمىدىم. ھى ھى… :razz:

    • جۇغلان

      قىپقىزىل يالغانچىلىق! :lol: مىنىڭچە سىزدە مەغلۇبىيەتنىڭ چوڭ دادىسى بارمىكىن دەيمە :lol:

  • ئېسيان جاۋاب

    مەغلۇبىيەت غەلبىنىڭ ئانىسى دەپ ئاڭلىغان، لىكىن مەغلۇبىيەتنىڭ چوڭ دادىسى بارلىقىنى ئاڭلىماپتىكەنمەن! :evil:

    • جۇغلان مەغلۇبىيەتنىڭ جەددە-جەمەتىنى تولۇق بىلىدىغان چىغى :mrgreen:

  • مىھراي جاۋاب

    ئەمما مەن تولىمۇ بىھۇدە، قاملاشمىغان مەغلۇبىيەتنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپتىمەن. يا يىغلىشىمنى يا كۈلۈشۈمنى بىلەلمەي تۇرىمەن، توۋا دىدىم. رەھبىرىم تۈپەيلى، يېرىم يىلدىن بۇيانقى قىلغانلىرىم بىر تىيىن بولدى، بۇنى قانداق قىكىش كېرەك. …

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif