بىر كۈنى پروفېسسور ، ئوقۇغۇچىلاردىن سوراپ قالدى: نېمە ئۈچۈن ئادەمنىڭ ئاچچىقى كەلگەندە ۋارقىراپ سۆزلەيدۇ؟ ئوقۇغۇچىلار ئۇزاقتىن -ئۇزاق ئويلىشىپ ئولتۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن، بىر ئوقۇغۇچى جاۋاب بەردى: چۈنكى بىز ئۇنداق چاغدا سوغۇققانلىقنى يوقۇتۇپ قويىمىز، شۇڭا ۋارقىراپ سۆزلەيمىز.
بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ جاۋابىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، پروفېسسوريەنە سورىدى: بىراق باشقىلار سىنىڭ يېنىڭدا تۇرغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ، يەنىلا ۋارقىرايسەن، ئەجىبا بوشراق سۆزلىسەڭ ئاڭلىماسمۇ؟
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك بۇ سوئالغا ئۆزىنىڭ خاھىشى بويىچە سۆزلەپ باققان بولسىمۇ، بىرەر جاۋابمۇ پروفېسسورنى قايىل قىلالمىدى. شۇنىڭ بىلەن پىروپىسسۇر بۇ ھەقتە مۇنداق چۈشەنچە بەردى:
ئىككى ئادەم قىزىرىشىپ قالغاندا، كۆڭۈللەرنىڭ ئارىلىقى ئىنتايىن يىراقلىشىپ كېتىدۇ، شۇڭا گەپنى ئاڭلىغۇدەك سۆزلەش ئۈچۈن ۋارقىراشقا توغرا كېلىدۇ، بىراق بۇ قارشى تەرەپنى تېخىمۇ غەزەپلەندۈرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بۇ ئارىلىق تېخىمۇ يىراقلىشىدۇ، ئارىلىق يىراقلاشقانسېرى تېخىمۇ ۋارقىرايسەن….
پروفېسسور بىر ئاز تۇرۇۋالغاندىن كېيىن سۆزىنى داۋام ئەتتى: ئەگەر بۇ ئىككى ئادەم مۇھەببەتلىشىۋاتقان بولسىچۇ؟ ئەلۋەتتە ئەھۋال دەل ئەكسىچە بولىدۇ، گەپ-سۆزلەر شۇنچە مۇلايىم، پەس ئاۋازدا بولىدۇ، چۈنكى بۇ چاغدا كۆڭۈللەرنىڭ ئارىلىقى ئىنتايىن يېقىن بولىدۇ، بەلكى يۈرەك بىلەن يۈرەك ئارىسىدا ئارىلىق ئۇقۇمىمۇ مەۋجۈتلۈكىنى يوقىتىدۇ، شۇڭا مۇھەببەت قاينىمىغا غەرق بولغانلارئادەتتە ئۆز-ئارا پىچىرلىشىدۇ، قەلبلەردىكى سۆيگۈ چوڭقۇرلاشقانسرى، بارا-بارا ئېغىزنىڭ ئورنىغا، كۆزلەرنىڭ يېقىملىق بېقىشلىرى ئارقىلىق سۆزلىشىدىغان بولىدۇ، ئەلۋەتتە بۇ چاغدا ئۇلاردا پەقەت بىرلا يۈرەك بولىدۇ….
خەنچە«تۇرمۇش ۋە پىسخىكا» تورژۇرنىلدىن تەرجىمە قىلىندى