• قوللانچى: پارول:

ئوماق بالىڭىزدا قانداق ئىقتىدارلاربار،سىناپ بىقىڭ

قانداق قىلغاندا بالىلاردىكى خاسلىقنى بالدۇر بايقىغىلى بولىدۇ؟ ئامېرىكا يالى ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ پىروفىسسۇرى روبەت.سىتىنبرگ ئۇزۇن يىل تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق بىرتۈرلۈك «كۆپ تەرەپلىمە» سىناق ئېلىپ بىرىش ئۇسۇلىنى بارلىققا كەلتۈرگەن.بۇخىل سىناق بالىلارنىڭ كۆپ تەرەپلىمە ئالاھىدىلىكىگىنى چىقىش قىلغان بولۇپ، روبەت.سىتىنبرگنىڭ ئېيتىشىچە ئەگەر تۆۋەندە بىرىلگەن ئىقتىدارلاردىن كۆپ قىسملىرى بالىڭىز 4 ياشقا كىرگۈچە بولغان ئارىلىقتا بايقالسا،

 ئۇنداقتا سىزنى دەرىجىدىن تاشقىرى بىر ئالاھىدە ئۆسمۆرنىڭ ئاتا-ئانىسى ئىكەنسىز دەپ تەبرىكلىسەك بولارمىش. قىنى نېمىلا بولسۇن سىناپ بىقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.

بالىڭىزدا تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەر بارمۇ؟

1.ناخشا تېكستى ياكى تېلېۋىزىيە تېياتىرلىرىدىكى دىيالوگلارنى ئاسان ئەستە تۇتىۋالىدۇ.

2.يولدىن ئادىشىپ قىلىش ئەھۋالى بەك ئاز.

3.باشقىلارنىڭ كەيپىياتىدىكى ئۆزگۇرۇشلەرنى ئاسان بايقىيالايدۇ.

4.دائىم دېگۈدەك« بۇ ئىشنى  قاچان باشلىغان؟»دېگەندەك يوسۇندىكى سۇئاللارنى سورايدۇ.

5.ھەرىكەت جەھەتتە ماسلىششى ياخشى.

6.ناخىشلارنى ناھايىتى ئۇدارغا چۈشۈرۈپ ئېيتىدۇ.

7.دائىم گۈلدۇرماما، چاقماق چىقىش، يامغۇر يىغىش قاتارلىق كائىنات مەسىلىلىرىنى سورايدۇ.

8.سىزئۇنىڭغا كۆپەرەك سۆزلەپ بېرىدىغان مەلۇم ھېكايىدىكى بىرەرجاينى ئۆزگەرتىپ سۆزلەپ بەرسىڭىز، ئۇ دەرھال تۇزىتىش بىرىدۇ.

9.ئاياغ بوققۇچىنى چىگىش، كېيىملىرنى كېيىش، ۋىلىسپىت مېنىش قاتارلىق ئىشلارنى ئاسانلا ئۆگىنىۋالدى، يىتەكلەشنىڭ ھاجىتى يوق.

10.تۈرلۇك روللارنى تەقلىد قىلىش، ھېكايە توقۇش ئىقتىدارى يۇقىرى.

11.ماشىنىغا ئولتۇرۇپ كېتىپ بېرىپ :« ماۋۇ يەرگە بۇلتۇر قىشتا كەلگەنغۇ» دېگەندەك گەپلەرنى قىلىدۇ.

12.ھەرخىل چالغۇ ئەسۋابلاردا ئورۇندالغان كۈيلەرنى ئاڭلايدۇ،شۇنداقلا كۈينى ئاڭلاپ قايسى چالغۇلار بارلىقىنى ئېيتىپ بىرەلەيدۇ.

13.مەلۇم ئورۇننىڭ خەرىتىسنى تەخمىنەن سىزىيالايدۇ، جىسىملارنىڭ شەكلىنى قىياسەن سىزىيالايدۇ.

14.تۈرلۈك كەيپىيات ئىپادىسى ياكى تەنھەرىكەت قىياپەتلىرىنى ئوخشىتىپ دورىيالايدۇ.

15.شەكلى ۋە رەڭگىگە قاراپ تۈربويىچە نەرسىلەرنى يىغالايدۇ.

16.مەلۇم ئىشلارغا نىسبەتەن ئىپادە-ھېسىياتىنى ئىپادىيىلەيدۇ .مەسىلەن:«بۇنداق بولسا بەك خۇشال بولىمەن» دېگەندەك.

17.پاراڭچى (ھېكايە سۆزلەشكە ئامراق)

18.باھاچى (باشقىلارنى، ئىش-ھادىسىلەرنى، نەرسىلەرنى،…)

19.باشقىلارنى كۆرگەندە :« ئىسىمگە كەلدى، ئۇ ئادىلەنىڭ دادىسى» دېگەندەك گەپلەرنى قىلىدۇ.

20.ئۆزىنىڭ نېمىنى قىلالايدىغان، نېمىنى قىلالمايدىغانلىقىنى توغرا ئېيتىپ بىرەلەيدۇ.

يۇقىرىقى 20 تۈرلۈك ئالاھىدىلىككە ئاساسەن سىناق ئېلىپ باققان بولسىڭىز، ئۇ ئېرىشكەن تۈرلەر بويىچە تۆۋەندىكى جاۋابنى كۆرۈپ چىقىڭ، بالىڭىزنىڭ قايسى جەھەتتىكى ئىقتىدارى كۈچلۇك ئىكەن؟

1.تىل ئىقتىدارى  -1،8،17
2.مۇزىكا(سىزىمى)ئىقتىدارى -6،12،18
3.لوگىكىلىق ماتېماتىكا ئىقتىدارى -4،7،15
4.تەسەۋۋۇر ئىقتىدارى- 2،11،13
5.جىسمانى تەنھەرىكەت ئىقتىدارى -5،9،14
6.ئۆزىنى چۈشىنىش ئىقتىدارى-10،16،20
7.باشقىلارنى چۈشىنىش ئىقتىدارى-3،10،19

ۋەتەن تەرجىمىسى





1 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • مېنىڭ جىيەنىمدە تەسەۋۋۇر ئىقتدارى بىلەن باشقىلارنى چۈشىنىش ئىقتىدارى باركەن ~~~
    :oops:

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif