• قوللانچى: پارول:

سەمىڭىزدە بولسۇن :21-فېۋرال«دۇنيائاناتىل كۈنى»

نۆۋەتتە ،دۇنيادا 7000خىل تىل بار بولۇپ، ئەمما بۇ تىللارنىڭ %96 نى ئىشلىتىدىغانلار دۇنيا نوپۇسىنىڭ ئاران %4نى ئىگىلەيدۇ .

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مائارىپ ،ئىلىم-پەن كومىتېتى 1999-يىلى قارار ماقۇللاپ ،ھەريىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنىنى «دۇنيا ئاناتىل كۈنى» قىلىپ خاتىرىلەشنى بېكىتتى ۋە بۇئارقىلىق ئانا تىلنى قوللىنىش ئاساسىدا مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقىنى ساقلاپ قىلىشقا چاقىرىق قىلىندى .
شۇنىڭدىن بىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ ،ئىلىم-پەن كومىتېتى«مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىق خىتابنامىسى»، «مەدەنىيەتنى ئىپادىلەشنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش ئەھدىنامىسى» شۇنداقلا «ئېنتېرنتتا كۆپ خىل تىلنى ئىشلىتىشنى ئومۇملاشتۇرۇش تەۋسىيەسى» قاتارلىقلارنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ تىل مەسىلىسىگە بولغان دىققىتىنى قوزغاپ، ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ھۆكۈمەتلەرنىڭ تىلىنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداشقا مۇناسىۋەتلىك چارە– تەدبىرلەرنى قوللىنىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلماقتا .

ئۇنداقتا مەزكۇر خەلقئارالىق خاتىرىلەش كۈنى قانداق مەيدانغا كەلگەن؟

2-ئاينىڭ 21-كۈنىنى «دۇنيا ئاناتىل كۈنى» قىلىپ بېكىتىش  بىنگاللىقلارنىڭ ئاناتىل ھەققىدە ئېلىپ بارغان كۈرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك .
1952-يىلى پاكستاننىڭ كونتروللىقىدىكى بىنگاللىقلار بېنگال تىلىنى ھۆكۈمەت ئېتىراپ قىلىدىغان تىللار قاتارىغا كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىپ كۈچ كۆرسىتىپ ،نامايىش ئېلىپ بارىدۇ .2-ئاينىڭ 21-كۈنى پاكىستان ساقچىلىرى بىنگاللىق نامايىشچىلارغا ئوق چىقىرىپ بەش نەپەر نامايىشچىنىڭ ئۆلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .كېيىن بېنگال مۇستەقىل بولۇپ  ئايرىلىپ چىققاندىن كېيىن ،بېنگال ھۆكىمىتى بۇ بەش نەپەر «تىل قۇربانلىرى» (语文烈士)ئۈچۈن مەخسۇس خاتىرە ئابىدىسى تىكلەپ ،خەلقنى ئۇلارنى مەڭگۈ ياد ئىتشىقا چاقىرىدۇ .
1953-يىلىدىن باشلاپ بېنگال 2-ئاينىڭ 21-كۈنىنى ئىزچىل تۈردە قەھرىمانلار خاتىرە كۈنى سۈپىتىدە خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى بىلەن ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە.
1956-يىلى پاكىستانمۇ ئاساسى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ بېنگال تىلىنى  ئوردۇ تىلى بىلەن بىرگە ،ئورتاق ،باراۋەر ھالدا قوللىنىشقا بولىدىغان تىل سۈپىتىدە ھۆكۈمەت ئىتىراپنامىسى ئېلان قىلدى .
1999-يىلى 11-ئايدا  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ،پەن-تېخنىكا كومىتېتى قارار ماقۇللاپ ،200-يىلىدىن باشلاپ، ھەر2-ئاينىڭ21 -كۈنىنى «دۇنيا ئاناتىل كۈنى»قىلىپ بېكىتكەن .

دۇنيا ئانا تىل ھەرىكىتىنىڭ چوڭ ئارقا كۆرۈنىشى

تىل ئىنسانلارنىڭ شەكىللىك ۋە شەكلىسىز مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ساقلايدىغان ھەمدە تەرەققى قىلدۇرىدىغان ئەڭ كۈچلۈك قورال. ئانا تىلنىڭ تارقىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ھەر تۈرلۈك پائالىيەتلەر تىلىنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە كۆپ تىللىق مائارىپنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە دۇنيادىكى ھەرقايسى تىل ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنى چۈشىنىشنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۆز ئارا چۈشىنىش، ئەپۇچانلىق ئاساسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيا ئەللىرىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىمۇ پائال رول ئوينايدۇ.
خەلقئارادىكى ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەتنىڭ دۇنياۋىلىشىشى قاتارلىق ئامىللار تۈپەيلىدىن دۇنيادىكى تىللارنىڭ كۆپ خىللىقى ئېغىر تەھدىتكە ئۇچرىماقتا. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى  مائارىپ، ئىلىم– پەن كومىتېتىنىڭ سىتاستىكىلىغان سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە دۇنيادا 7000دىن ئارتۇق تىل بولسىمۇ، لېكىن دۇنيا نوپۇسىنىڭ 97 پىرسەنىت نوپۇسىدىكى ئادەملەر پەقەت 4 خىللا تىلنى قوللىنىدۇ، پەقەت تۆتتىن بىر قىسىم تىللارلا مەكتەپ ۋە ئېنتېرىنىتتا قوللىنىلىدۇ. نەچچە مىڭلىغان تىللار ئاساسەن دېگۈدەك مائارىپ سىستېمىسى، خەۋەر– ئاخبارات ، نەشرىيات ئورۇنلىرى ۋە ئاممىۋىي سورۇنلارغا كىرەلمەيدۇ. ئەگەر جىددىي چارە قوللىنىلمىغاندا، 7000دىن ئارتۇق تىلىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنىڭ يوقىلىپ كېتىشى مۇقەررەر.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، ئىلىم- پەن كومىتېتى ۋە غەيرىي ماددىي بايلىقلارباشقارمىسىنىڭ ئەمەلدارى سېمس مۇنداق دەيدۇ :
« نۆۋەتتە دۇنيادا نۇرغۇن تىللار يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالدى ،تەخمىنەن ھەر ئىككى ھەپتە ۋاقىتتا بىرخىل تىل يوقالماقتا ، ئەگەر جىددىي تەدبىر قوللىنىلمايدىكەن ،شۇ نەرسە ئىنىقكى  يەنە يۈزيىللاردىن كېيىن يەرشارىدا پەقەت بىرقانچىلا تىللار ساقلىنىپ قالىدۇ. .ئەلۋەتتە ،بۇنداق تىللارنى قۇتۇلدۇرۇپ قىلىش تامامەن مۇمكىن ،بۇنىڭ ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك ئەمەلىي ھەرىكەت ،يېتەرلىك ئىقتىسادى قوللاش بولۇشى كېرەك .لېكىن  نۆۋەتتىكى رېئال ئەھۋاللاردىن قارىغاندا بۇ يەنىلا قېيىن مەسىلە .»
سېمس يەنە مۇنداق كۆرسىتىدۇ :
«يەنە ،ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ ،مەلۇم تىللارنىڭ يوقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ. مەسىلەن : ۋېلش تىلى ،كاتالۇناتىلى ۋە كانادادىكى ئىندىئان تىللىرىنى قوغداش ھەرىكىتىنىڭ غەلىبىسى بۇنىڭغا تىپىك مىسال بولالايدۇ.»

«دۇنيا ئانا تىل كۈنى» جۇڭگودا قانداق ئۆتكۇزىلىۋاتىدۇ ؟

دۆلىتىمىزدە 2006-يىلىدىن باشلاپ «دۇنيا ئاناتىل كۈنى»پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ بۇ ھەقتە كۆپ ماتېرىيالغا ئىرىشەلمىدىم (كېيىنچە تولۇقلىنىدۇ)
دۆلىتىمىزدە 2006-يىلىدىن باشلاپ «كۆپ خىل مەدەنىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ،ئىناق دۇنيا قۇرايلى»دېگەن تېمىلاردا بىرقاتار پائالىيەتلەر ئېلىپ بىرىلماقتىكەن .

«دۇنيا ئاناتىل كۈنى» نى بىزقانداق ئۆتكۇزسەك بولىدۇ؟

«دۇنيائاناتىل كۈنى»گە دائىر مەلۇماتلاردىن بايقىشىمچە ،بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 2008-يىلىنى«دۇنيا تىل كۈنى» قىلىپ جاكارلىغان .مېنىڭچە 2008-يىلى بىزنى ھاياجانغا سالغان «مەھمۇدكاشغەريىلى» بەلكىم شۇ نىڭ تەسىرىدە روياپقاچىققان بولىشى مۇمكىن .
ئىلگىرى بىرمەزگىل توردا تارقىلىپ يۈرگەن«دۇنيادىكى 100چوڭ تىل» تېمىسى ئاستىدىكى بىرسانلىق مەلۇمات ئۇچۇرىدا ئۇيغۇرتىلى 98-ئورۇندا ئىكەنلىكىنى كۆرگەن ئىدىم. بىرتىل بىر مەدەنىيەتكە تەڭ .بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرتىلى تارىختا كۆرۈلمىگەن سىناقلارغا دۇچ كەلمەكتە،بىزئۈچۈن تەرەققىيات بىلەن مىللىي مەدەنىيەت ئوخشاشلا مۇھىم.بىرىنى دەپ يەنە بىرىدىن ۋاز كىچەلمەيمىز.بۇمەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بىر سىجىلىلىققائىگە ئىلمىي تەرەققىيات ئەندىزىسى بولىشى كېرەك .
بىز بۇ ھەقتە ھۆكىمەتتىن ئاناتىلمىزنىڭ مەۋجۈدلىكى ۋە تەرەققىياتى ھەققىدە زور ئۈمىدلەرنى كۈتۈش بىلەن بىرگە بۇ سۆيۈملۈك تىلنىڭ ۋارسلىرى بولغان قىرىنداشلارنى ئاناتىلنى چىن يۈرەكتىن سۆيۇشكەچاقىرىمىز.
سەمىمىزدە بولسۇن :«ئاناتىل»- ئۇ ئانىمىزنىڭ تىلى .
2-ئاينىڭ 21-كۈنىدىكى «دۇنيا ئاناتىل» بايرىمىنى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈش ھەققىدە دوستلارنىڭ پىكىرلىرىنى ئاڭلاپ باقسام دەيمەن .





30 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • بۇ ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك بايرام ئىكەن. :razz:

    • weten

      ئەلۋەتتە شۇنداق ، بولۇپمۇ بىزئۈچۈن

  • ھەركۈنى ئورنۇمدىن تۇرغاندا خۇداغا شۈكرى،ساق-سالامەت تۇرۇپتىمەن دەپ ئۆزۈمگە ئۇيغۇرچە سۆزلەيمەن.كۈندە كەچتە،ئۇخلاشدىن بۇرۇن بەش مېنۇت خاتىرە يازىمەن،دوستلار(ئۇيغۇر) بىلەن ساپ ئۇيغۇر تىلىدا(يەنى ئەبجەش تىل قىلماي)سۆزلەيمەن،مەن ئاناتىلىمنى شۇنداق سۆيىمەن…

  • ئەۋلادىم جاۋاب

    بالىلارنى كىچىكىدىنلا خەنزۇ مەكتەپلىرىگە بىرشكە قانداق قارايسىلەر؟ مېنىڭ بىرنەچچە نەۋرە ئىنى -سىڭىللىرىم كىچىگىدىنلا خەنزۇ مەكتەپتە ئۇقۇغان. ئۇلارنىڭ ئۆز پىكىر ھىسياتىنى ئىپادىلەشتە ئىنتايىن قىينىلۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىمەن. بەزى زىيالىلارمۇ بالىلىرىنى كىچىكىدىنلا خەنزۇ مەكتەپكە بېرىۋاتىدۇ.ئۇلارنىڭ قارىشىچە ئانا تىلنى ئۆيدە ئۈگنىپ ،ساۋادىنى چىقىرىۋلسىلا بولىدىكەن. ئۇيغۇرچە خەتنى ئوقۇيالىسلىلا ،ئۇيغۇرچىنى بىلگەن بولامدۇ؟ كېيىن بىر تۇركۇم تىلى بار ‹كېكەچلەر› يېتىشىپ چىقارمۇ؟

    • كىچىكىدىن خەزۇتىلى مائارىپىدا تەربىيىلىنىش بىۋاستە مىللى مەدىنىيەتنى ئۇنتۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ئاندىن بولمىغۇر يامان ئادەتلەر شەككىلىنىدۇ . نۇرغۇن ئىشلاردا غورور بىلەن ھېسابلاشمايدىغان ئادىمى ھايۋان پەيدا بولىدۇ. ئۇيغۇر مەكتەبلىرىدىمۇ خەنزتىلىنى ناھايتى ياخشى ئېلىپ ماڭغىلى بولىدۇ ئەلۋەتتە . شەخسەن بىزمۇ پۈتۈن مىللى مائارىپى كۆرگەن ، ھەتتا خەنزۇتىلى دەرىسلىرى تولىمۇ كېچىكىپ ھەم جانسىز ئورۇنلاشتۇرۇلغان . ئەمما مەن مۇشۇ ۋاققىچە خەنلەر ئالدىدا تىل قىسىلچىلىقىدا قىپ باقمىدىم !

  • ئاناتىل جاۋاب

    «ئۇيغۇرتىلى كۈنى» نامىدا بىر خاتىرە كۈن بەرپا قىلساق بولامدۇ نېمە؟

    • weten

      ئەرزىيدۇ !

  • ئانا تىل بىلگەن كىشىنىڭ ئىززىتىنى قىلغۇم كېلۇر.
    ئانا تىل بولسا گەر ئافرىقا يۇ ئامېرىكىدا ئاغزىدىن ئالتۇن بىرىپ ئالغۇم كېلۇر.

    • weten

      «دۇنيا ئاناتىل كۈنى» بۇ ناخشىنى راسا بىر توۋلاي..

  • بۇ ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بىر بايرام ئىكەن، بىز باشلىق ھەممىمىزنىڭ تەبىركىلەش بۇرچى بار ئىكەن. يۇقارقى ئىنكاسلارنى ئوقۇپ، مېنىڭمۇ ئازىراق جۆيىلۈپ قويغۇم كەلدى.
    ئۆزەمگە كەلسەم، مەن بىر ئوقۇتقۇچى، يەنە كېلىپ خەنزۇ مەكتەپتە ئىشلەيمەن. بۇ يەردە مەندىن باشقىلارنىڭ ھەممىسى خەنزۇ. ماڭا نىسبەتەن بۇ يەردە ئانا تىلىمنى ئىشلىتىش پۇرسىتى قەتئىي يوق. كۈندە ئىچىم شۇنداق سىقىلىپ كېتىدۇ. باشقىلار بىلەن ئانا تىلىمدا مۇڭداشقۇم، پىكىر ئالماشتۇرغۇم كېلىدۇ لېكىن ماڭا ئامال يوق. ۋەتەن، ئۇيغۇر بەگ، يۈكسەل بىلوگلىرىدىكى مارجاندەك تىزلىپ كەتكەن خەتلەرنى كۆرۈپ كومپيۇتېر ئالدىدا قانچىلىك ئولتۇرغانلىقىمنى بىلمەيمەن! ئاندا ساندا بىلگىنىمچە ئىنكاس يېزىپ قويىمەن، ئىنكاسلىرىمغا جاۋاب كېلىپ قالسىغۇ ئالەمچە خۇشال بولۇپ كېتىمەن. مەن ھازىر پەقەت شۇ توردىكى ئۇيغۇر بىلوگچىلار بىلەن ئالاقىلىشىش بىلەن ئۆزەمنىڭ ئىچ پۇشۇقىنى سەل پەل بېسىپ كېتىپ بارىمەن. يۇقاردا دوستىمىز «ئەۋلادىم» جاۋاب بېرىش ناھايىتى قىيىن، ھەم ھەممىمىز ئويلىنىشقا تېگىشلىك بىر سۇئالنى ئوتتۇرغا قويۇپتۇ. مەن بۇ سۇئالنى ئوقۇپ مەن شۇنداق مۇھىتتا خىزمەت قىلىپ شۇلارنىڭ ئارىسدا بولغاندىن كېيىن بۇ سۇئالغا نسبەتەن ئۆزەمنىڭ كۆز قارىشىنى ئوتتۇرغا قويۇش بۇرچۇم بار دەپ قارىدىم.
    بىزنىڭ باللىرىمىز كىچىكىدە شۇنداق ئەقىللىق، زېرەك، بىر نەرسىنى سوراشقا، دوراشقا ئامراق. ئەمما بىز باللىرىمىزنى مەكتەپكە بەرگەندىن كېينلا بۇلاردىن ھېچقانداق ئەسەرمۇ يوق. بولۇپمۇ خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇغان بالىلارنىڭ كۆپىنچىسى شۇنداق. بۇ نېمە ئۈچۈن؟ بۇ بىزنىڭ ھازىرقى مائارىپ تۈزۈلمىمىزگە، كىشىلەرنىڭ مائارىپقا تۇتقان كۆز قارىشىغا، ئەتىراپىمىزدىكى مۇھىت ئامىلىغا ۋە باشقا ئېقتىسادى ئاممللارغا باغلىق. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئىدىيە،كۆز قاراش مەسىلىنى مەن ھەممىدىن مۇھىم دەپ قارايمەن. كۆپىنچە ئادەم باللىرىمىزنى كىچىكىدىن خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇتساق ،خەنزۇ تىلىنى ياخشى ئۆگىنەلەيدۇ ، خەنزۇ مەكتەپلەر باللىرىمىزنى چىڭ تۇتىدۇ. شۇنداق بولغاندا باللىرىمىزنىڭ كەلگۈسى پارلاق بولىدۇ دەپ قارايدۇ.ئەمەلىيەتتە ئۇنداقمۇ ئەمەس! مەن تۆۋەندە ئۆزەم كۆرگەن، بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن خەنزۇ مەكتەپلەرنىڭ ئادەم تەربىيىلەش ئۇسۇلىنى سۆزلەپ ئۆتىمەن. شۇنىڭغا ئاساسەن ئۆزىڭىز قارار چىقىرىۋالسىڭىز بولىدۇ.
    داۋامى بار….

    • weten

      داۋامىغا قاراۋاتىمىز ،«ئىزدەن» ئەپەندى..

  • ۋاقتى كەلگەندە كەڭ كۆلەملىك پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك :!:

  • «ئەۋلادىم» نىڭ سۇئالىغا جاۋاب (داۋامى…)
    بىزنىڭ مەكتەپ ناھىيىدىكى مۇكەممەل تولۇق ئوتتۇرامەكتەپ. 2500 دىن كۆپرەك ئوقۇغۇچىسى بار. 200 دىن كۆپرەك ئوقۇتقۇچىسى بار. مېنىڭ ھەيران قالغىنىم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ %60ى تولۇق كۇرس، %23ى مەخسۇس كۇرس،%10ى ئوتتۇرا تېخنىكوم، %5ى تولۇق ئوتتۇرا،%2ى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەلۇماتلىق! ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى رادىئو تېلىۋىزىيە ئۇنىۋېرستىتى، ئوتتۇرا تېخنىكوم پىداگوگىكا مەكتىپى، ۋە باشقا غەيرى پىداگوگىكا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. مەخسۇس مەكتەپلەرنىڭ مەخسۇس پىداگوگىكا كەسىپلىرىنى پۈتتۈرگەنلەر ئىنتايىن ئاز. شىنجاڭ ئۇنىۋېرستىتى دىگەندەك ئۇنىۋېرسال ئالى بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇغان ئوقۇتقۇچىلار بارماق بىلەن سانىغۇدەكلا! ئاڭلىسام ئۇنداقلار ئامال بار مۇئەللىم بولمايدىكەن،كۆپىنچىسى پىداگوگىكا بىلەن ھىچقانداق مۇناسىۋىتى يوق غەيرى كەسىپلەردە ئوقۇغان. ھەتتا ئىمتىھان ئارقىلىق ئىش ئورنىغا چىقىش تۈزۈمىنىڭ تۈرتكىسىدە جەمئىيەتتە بىرقانچە يىل باققالچىلىق قىلىپ ئاندىن گاچچىدە ئىمتىھان بېرىپ «ئۆتۈپ» ئىش ئورنىغا چىقىپ ئىشلەۋاتقانلارمۇ ئاندا ساندا بار. قارىسىڭىز ئۇلارنىڭ ھەممىسى شۇنداق تىرىشىپ، تىرمىشىپ ئىشلەۋاتقاندەك كۆرىنىدۇ، دەرس تەييارلىقى شۇنداق تولۇق، تاپشۇرۇق بېرىپ تەكشۈرۈشىمۇ شۇنداق جايىدا لېكىن مەسىلىنىڭ ماھىيىتىگە قاراپ باقىدىغان بولساق، ئۇلار دەرسنى كىتاپخانىدىكى تەييار دەرس تەييارلىقلىرىدىن ئۆز پېتى كۆچۈرۈپ قويىدۇ. بەزى دەرسلەرنىڭ دەرس تەييارلىقىنى مەكتەپ كۇتۇپخانىسىغا ئەكەلمىگەن بولسا ئۇلار شۇ تەييارلىق كەلگىچە ساقلاپ ئولتۇرغىنى ئولتۇرغان! دەرس لايىھەسى بىر ئوقۇتقۇچى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. مەيلى سىز قانچىلىك پىشقەدەم مۇئەللىم بولۇشىڭىز، قانچە يىل تولۇق 3- يىللىققا تەكرار قىلىشىڭىز، مەكتەپتە قانچىلىك ئەمىلىڭىز بولۇشىدىن قەتئىينەزەر مېنىڭچە بولغاندا چوقۇم ھەر يىلى گەرىچە مەلۇم بىر يىللىققا تەكرار دەرس ئۆتسىڭىزمۇ يېڭىدىن دەرس لايىھىسىنى ۋۇجۇتقا چىقىرشىڭىز كېرەك. بۇ كومپيۇتېر ئارقىلىق تەييارلانسىمۇ ، قولدا يېزىپ تەييارلانسىمۇ بولىدۇ. ئىشقىلىپ باشقىلارنىڭ تەييار دەرس تەييارلىقىنى كۆچۈرمىسىڭىزلا بولىدۇ.دەرسى تەييارلىقىڭىز بويىچە ئۆتۈڭ ياكى ئۆتمەڭ بۇ سىز ئۈچۈن ئىنتايىن زۆرۈر. بۇنىڭغا چىدىمىسىڭىز ئەڭ ياخشىسى خەلق ئۈچۈن مۇئەللىم بولىمەن دېمەي باشقا ئىشنى قىلغىنىڭىز تۈزۈك!
    ئەمدى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىغا كەلسەك، مېنىڭ ئاڭلىغىنىم بويىچە خەنزۇ مەكتەپتىكى مىنكاۋخەن (مۇشۇ گەپنى قەتئىي ئىخچام قىلىپ تەرجىمە قىلالمىدىم) ئوقۇغۇچىلار سىلەر دەۋاتقاندەك دەرستە ئۇنچىلىك ياخشى ئەمەس، ھەر يىللىق تولۇقسىزنى پۇتتۈرۈپ ئۆرىلەش ئىمتىھانىدا ئۆتكەن بىرقانچە ئۇقۇغۇچى ۋە ئالى مەكتەپ ئىمتىھانسىدىن نۇقتىلىق ئالى مەكتەپكە ئۆتكەن بىر ياكى ئىككى مىنكاۋخەن ئوقۇغۇچىنى ھىسابقا ئالمىغاندا ئۇلارنىڭ نەتىجىسى ئۇنچىۋالا ياخىشمۇ ئەمەس! ئۇلار ھەممە سىنىپتا دىيىشىۋالغاندەكلا سىنىپنىڭ ئەڭ ئارقىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرىدۇ. كۆپىنچىسنىڭ ئىنتىزامى ئىنتايىن ناچار. دەرس ۋاقتىدا ئۇخلايدۇ ياكى باشقا بىر مۇناسىۋەتىسىز ئىشنى قىلىپ ئولتۇرىدۇ. ئەمەلى نەتىجىسىگە قارساق خەنزۇ تىل ئەدەبىياتى (ئەدەبىيات دەرسىدە قەدىمى خەنزۇ تىلى ئۆتۈلىدۇ) ، ئېنگىلىز تىلى، دەرسلىرىدىكى نەتىجىسى ياخشى ئەمەس. كۆپىنچىسى تىل ئەدەبىيات دەرسىدىكى تېكىستنى ئوڭلاپ تەرجىمە قىلالمايدۇ ( بۇ يەردىكى تەرجىمە قەدىمى خەنزۇ تىلىنى ھازىرقى زامان خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىپ يېشىپ چۈشەندۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ). كىچىكىدىن ئەرەب تىلىدىكى ئايەتلەرنى تەلەپپۇزى شۇنداق توغرا ھالەتتە ئۆگىنەلىگەن ئاشۇ باللىرىمىز بۇ يەردە ئېنگىلىز تىلىنى تۈزۈك تەپپۇز قىلالمايدۇ. ئايەتلەردىن سۆز ئېچىشقۇ مۇمكىن ئەمەس! ئۇلارنىڭ سۆزلىگىنى ئېنگىلىز تىلى ئەمەس چېنگلىز تىلى (ChinaEnglish دىگەن سۆزنى مەن شۇنداق دەپ ئاتىۋالدىم). بېرىلىدىغان تاپشۇرۇق زىيادە كۆپ بولغانلىقتىن تاپشۇرۇق كۆچۈرۈش ئەھۋالى ئىنتايىن ئېغىر. بۇنى كونتىرول قىلىمەن دەپمۇ كونترول قىلىپ بولغىلى بولمايدۇ….
    سىنىپ مۇدىرلىرىغا كەلسەك، ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى ئىنتايىن «ئېغىر». سىنىپتا كۈندە دىگۈدەك دەرس تاشلاش، كېچىكىش، ئۇرۇش تالاش بولۇپ تۇرىدۇ.بۇ ئىشلار بولۇپمۇ مىنكاۋخەن بالىلاردا تېخمۇ ئېغىر. لېكىن بۇ ئىشلارغا قارىتا سىنىپ مۇدىرلىرى كونكىرىت تەدبىر قوللانماستىن ئەكسىنچە شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئاتا ئانىسىنى چاقىرىپ كېلىپ، «-بالاڭ كېچىكىتى؟ -بالاڭ مۇنچىلىك دەرس تاشلىدى! ، پالانى بىلە ئۇرۇشتى؟ قانداق قىلىسەن؟ ئۆزگەرتمىسەڭ كېلەر مەۋسۈم تىزىملىمايمەن.. بۇقېتىم گۇنا يېزىلدى، كېلەر قېتىم يەنە مۇشۇنداق بولسا….،.» دىگەندەك گەپلەرنى ياغدۇرۋېتىدۇ. مەن بۇ مەكتەپتە بىردىنبىر ئۇيغۇر بولغانلىقتىن كۆپىنچە ئۇلارغا تۇڭچى بولۇپ قالىمەن. بۇ ئىشنىڭ سەۋەبىنى سورىساق ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا ئانىسى ھەممىسى مىنكاۋخەن بولمىغاندىن كېيىن ، بىر سەۋەبى مەكتەپ بىلەن ئاتا ئانا ئوتتۇرسىدا تىل چۈشىنىشمەسلىك، تېلىغۇن ئۇرسا ئۇقماي ۋاقتىدا كەلمەسلىك، باللىرىنىڭ ئەھۋالىنى ۋاقتى ۋاقتىدا سۈرۈشتۈرۈپ تۇرماسلىق بولسا مېنىڭچە ئەڭ مۇھىم سەۋەبى شۇ بىچارە باللىرىمىزغا مەكتەپتە تىل ھەم دەرس بېسىمى، ئۆيدە تاپشۇرۇق بېسىمى، جەمىئىيەتتە ھەم بېسىم بولىۋەرگەچكە شۇنداق گەپ ئاڭلىماس ياغاچ قۇلاق بولۇپ قالغان. بەزىلىرىمىز باللىرىمىزنىڭ تىلى كىچىكىدىن خەنزۇ تىلى تۇرسا نېمىشقا تىل جەھەتتە بېسىم بولغۇدەك؟ دەپ سۇئال سورىشىڭىز مۇمكىن. تېمىمىزغا مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا مەن بۇ توغىرسىدا ئالىمىمىىز ئەركىن سىدىقنىڭ يازمىسىدىن ئازىراق نەقىل ئالاي. دۇنيادىكى مەشھۇر تىلشۇناس ئالىملارنىڭ ئىسپاتلىشىچە، ھەر قانداق بىر بالا توغۇلۇپ چوقۇم ئاز دىگەندە 6 يىل، بولسا 8 يىل ئانا تىل مائارىپىدىن بەھرىمان بولۇشى زۆرۈركەن، ئاندىن كېيىن دۆلەت تىلىنى ئۆگىنىشى زۆرۈركەن. باشقا تىلدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلغان تەقدىردىمۇ ، ماتېرىيال شۇ تىلدا بولسا بولىدىكەن لېكىن چوقۇم دەرس ئانا تىلىدا يەتكۈزۈلۈشى لازىمكەن. گېپىمىزگە كەلسەك، بىزنىڭ يېزىقىمىز ئەقىلى يېزىق، لېكىن خەنزۇ تىلى شەكلەن يېزىق، ئۇنىڭ مەنا ئىپادىلەش ئىقتىدارى مىڭ دىگەن بىلەنمۇ ئانا تىلىمىزنىڭ قولىغا سۇ قۇيۇپ بېرەلمەيدۇ، بۇ مەن ئۆز ھېسياتىمغا تاينىپ دىگەن گەپ ئەمەس بەلكى ھەقىقەت! خەنزۇ مەكتەپلەردە بىز پۈتۈن باشلانغۇچتا پەقەت ئوقۇغۇچلارنىڭ ساۋادىنى چىقىرىشىنى مەقسەت قىلىمىز. شۇنچىلىك سەبىي، ئاقسۈت ئەمگەن باللىرىمىزنىڭ تەپەككۈرىنىڭ يېتىلىشى ئەڭ تېز بولغان ئالتۈندەك ۋاقتىنى بىز مەجبۇرى ھالدا ئاشۇ باش ئايىقى چىقمايدىغان، ھازىرمۇ ئۈزلۈكسىز خەت ئىجاد قىلنىۋاتقان رەسىمدەك يېزىقنى ئۆگىنىشى ئۈچۈن ، ئىستىقبالىنىڭ «پارلاق» بولۇشى ئۈچۈن باللىرىمىزنىڭ مەنپەئەتىنى قىلچە ئويلاپمۇ قويماسىتىن خازان قىلىۋېتىمىز. مانا بۇ كۆپىنچە ئۇيغۇر ئاتا ئانىلارنىڭ زىيالىلارنىڭ كاللىسىدىكى مائارىپ ئېڭى! شۇڭا مەن خاپا بولمىسڭىز ، بۇندىن كېيىن تۈزەتسەك دەپ باللىرىنىڭ خاتالىقىنىڭ ھەممىسىنى بوينىغا ئېلىپ، «جاپاكەش» سىنىپ مەسئۇللىرىنىڭ ئالدىدا تىرناق تاتلاپ ئولتۇرغان ئۇيغۇر ئاتا ئانىلىرىغا شۇنداق دېگۈم كېلىدۇ- ھەي مەدەنىي زىيالىيلار! مۇشۇنداق بولىدىغاننى بىلىپ تۇرۇپ ، نىمىدەپ باللىرىڭلارنى بۇ مەكتەپكە بەرگەن!! لېكىن مەنمۇ مۇشۇ كوللىكتىپنىڭ بىر ئەزاسى بولغانلىقىمىدىن بۇنداق دېيىشكە پېتىنالمايمەن! يادىڭىزدا بولسۇنكى، بۇ يەردە سىنىپ مەسئۇللىرى سىنىپ يىغىنى ئاچقاندا ئوقۇغۇچىلارغا «ھاراق ئىچمەڭلار»دەپ تەربىيە ئىشلمەيمىز بەلكى «ھاراقىنى جىق ئىچىۋالماڭلار، جىق ئىچسەڭلار سالامەتلىككە زىيانلىق» دەپ تەربىيە ئىشلەيمىز! شۇ سەۋەپتىنمۇ بىلمىدىم مەكتەپتە كۈندە دىگۈدەك ھاراق چىشلىۋالغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچلارنىڭ(بۇنىڭ ئىچىدە قىز ئوقۇغۇچلارمۇ بار) مەكتەپ ئەخلاقى تەربىيە بۆلۈمىدە تەكشۈرۈشنامە يېزىپ ئولتۇرغانلىقىنى، شۇ سەۋەپتىن بىچارە ئاتا ئانىلارنىڭ قاخشاپ زارلاۋاتقانلىقىنى ئۇچىرىتالايسىز. بۇئىشنىڭ سەۋەبىنى مەكتەپ ئاتا ئانىلارنىڭ باللىرىغا تەربىيىنى ياخشى ئىشلىمىگەنلىكتىن دەپ بىلسە، ئاتا ئانىلار جەمىئىيەت بۇزۇلۇپ كەتتى دەپ جەمئىيەتتىن زارلاۋاتقان، جەمىئىيەت بولسا ئۇقۇغۇچى تۇرۇپ تارتىنماي مۇشۇنداق يەرلەگە كىرسە، بىز قانداق ئامال قىلىمىز دەپ ئوقۇغۇچىدىن زارلىسا، ئوقۇغۇچى مەكتەپتىن كۆرسە، بۇ مەسىلىگە زادىى كىم جاۋابكار ؟! دىمەك، مائارىپ مانا مۇشۇنداق جەريان. مەسئۇلىيەتنىڭ زادى ئېنىق كىمدە ئىكەنلىكىنى ھىچكىم بىلمەيدۇ. بۇ مەسلىگە يۈرىكىڭىزنى تۇتۇپ تۇرۇپ، ھەققانى مەيداندا تۇرۇپ ئويلاپ باقسىڭىز جاۋاب تاپالىشىڭىز مۇمكىن!
    داۋامى بار…..

    • weten

      ئاۋال «ئىزدەن» ئەپەندىنىڭ تېنىگە سالامەتلىك،خىزمىتىگە ئۇتۇقلار تىلەيمەن، رەھمەت سىزگە.
      بىزيازمىڭىزنىڭ داۋامىغا دىققەت قىلىش بىلەن بىرگە،سىزبىلەن تېخىمۇ كۆپ پىكىرئالماشتۇرۇپ ئۆتۇشنى خالايمىز.

  • ئىزدەن جاۋاب

    «ئەۋلادىم» نىڭ سۇئالىغا جاۋاب (داۋامى…)
    يۇقارقىلارنى ئوقۇپ بەلكىم باللىرىڭىز خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بولسا، كۆڭلىڭىز يېرىم بولغاندۇ! ياكى بۇلارنىڭ ھەممىسى قۇرۇق گەپ دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن. لېكىن يۇقارقىلارنىڭ ھەممىسى كونكىرىتنى كۆز ئالدىمدا يۈز بېرىۋاتقان ئەھۋال. مېنىڭ ئەڭ ئاخىرقى جاۋابىم، ئەگەر باللىرىڭىزنى ئۆزىڭىز چىڭ تۇتالماي، خەنزۇ مەكتەپ چىڭ تۇتىدۇ دەپ ئاپىرىپ بەرگەن ياكى تىلنى ياخشى ئۆگىنىۋالسۇن دەپ ئاپىرىپ بەرگەن بولسىڭىز پۈتۈنلەي خاتالاشقان بولىسىز. ئۆزىڭىزنى تۈزۈك باشقۇرالمايسىز، تۈرلۈك تۈمەن سورۇنغا مىڭلاپ پۇلنى خەجىلەيسىز، باللىرىڭىزنى يىلدا بىر كىتابخانىغا ئۆز قولىڭىز بىلەن ئاپىرىپ تۈزۈك بىرەر كىتاب ئېلىپ بەرمەيسىز، ئۆيىڭىزنى نەچچە يۈز مىڭغا سېتىۋالىسىز يۇ بىر ئۆينى ئايرىم كۇتۈپخانا قىلىپ قويمايسىز، شۇنداق تۇرۇپ يەنە باللىرىڭىزنى باشقىلارنىڭ ئارقىدا قالدىڭ دەپ تىللايسىز. ھەممىمىزگە مەلۇمكى مائارىپ بىر جەريان. ئۇنىڭ مۇۋاپپىقىيەتلىك بولۇشى ئۈچۈن نەچچە ئون يىل كېتىدۇ.ئۇ بىر ئىككى يىلدىلا مېۋە بەرمەيدۇ. بالا تەربىيلەشمۇ خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش. ئۇنى كىچىكىدىن ياخىشى تەربىيلەشتە ئاتا ئانا بولغان ئادەم ئاۋال ئۆزىنى تەربىيلەش، ئاندىن پەرزەنتلىرىنى تەربىيلەش،ئۇلارنى ياخشى يولغا باشلاش لازىم. ئۆزى قىلالماي باشقىلاردىن پاناھلىق تىلەشنىڭ ئۆزى ئەڭ چوڭ نومۇس! تىل مەسىلىسىگە كەلسەك، خۇددى «ۋىرۇس» ئەپەندىم دىگەندەك، مەنمۇ كىچىكىمدىن باشلاپ، خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇمىغان بەلكى ئۆزەمنىڭ ئانا تىلى بولغان ئۇيغۇر تىلى ئارقىلىق تەپەككۈر قىلىپ كەلگەن. خەنزۇ تىلىنى مەن پۈتۈنلەي ئۆزەمگە تايىنىپ ئۆزلۈكۈمدىن ئۆگەنگەن دىسەممۇ بولىدۇ.ھازىر مەن شۇلارغا ھىچ توسالغۇسىز خەنزۇ تىلىدا دەرس ئۆتىۋاتىمەن. ئوقۇغۇچىلىرممۇ مىنى بەك ياقتۇرىدۇ.بىز ئۆز ئارا ئۆگىنىمىز. ھۆرمەت قىلىشىمىز.بەش بارماق ئوخشاش ئەمەس. ھەممەيلەندە ئارتۇقچىلىق ھەم كەمچىلىك بولغاندەك، بۇلاردىمۇ شۇنداق. ئۇلار مېنى كۆرگەندە «ياخشىمۇسىز مۇئەللىم! »دەپ ماڭىدۇ. مەن دەيمەنكى، ئەگەر مۇشۇ مىللەت ئۆز ئۆزىنى يېتەكلەپ ماڭىدىغان بىر دىنغا ئېتىقاد بولغان بولسا دۇنيا مىللەتلىرىنىڭ ئالدىدا ماڭغان بىر ئىلغار مىللەت بولار ئىدى…
    خۇلاسە كالام، ئەگەر سىز بالىڭىزنى چىڭ تۇتۇپ،ھەر قايسى جەھەتلەردىن قاتتىق تەلەپ قويالايمەن، دەپ قاتتىق ئىشەنچ قىلسىڭىز ئوقۇتۇڭ. يادىڭىزدا بولسۇنكى مىللەت بىلەن تىل ئىككىسى ئىككى ئۇقۇم. بۇلارنىڭ مائارىپ تۈزۈلمسمۇ غايىمىزدىكىدەك مۇكەممەل ئەمەس، گەپ سىرتقى ئامىلغا باغلىق بولۇپلا قالماستىن بەلكى ئەڭ مۇھىمى ئىچكى ئامىلغا يەنى سىزنىڭ بالىڭىزغا ، سىزنىڭ قانداق تەربىيلىشىڭىزگە باغلىق.

  • ئەۋللادىم جاۋاب

    ئىزدەن ئەپەندىم،رەھمەت سزگە .ناھايتى ئۆتكۈر پىكىركەن،مەن ئويلايمەن،ھەرمىللەت بالىلىرى مەكتەپتە ئۆزمىللىتىگە خاس ئەخلاقنى ،ئادىمىيلىكنى ،غورۇرنى،كىشىلەربىلەن قانداق ئالاقە قىلىشنى ،……ئۈگىنىدۇ.بۇ بىلىملەر ھەر مىللەتنى بالىلىرىغا پەقەت شۇ مىللەتنىڭ ئانا تىلى بىلەن يەتكۈزىلىدۇ.مەكتەپ ېشىغا ئەمدىلا توشقان بالىلار ،بولۇپمۇ يېزا بالىلىرى خەنلەرنىڭ گىپىنى پەقەتلا چۈشەنمەيدۇ، ئۇلارغا تازا زۆرۈر تەربىيلەرنى قوبۇل قىلىدىغان چاغدا،خەنزۇمەكتەپلەرندە ئۇقۇغان بالىلار ئۆزلىرى قىلچە چۈشەنمەيدىغان بىر تىلنى ئاڭلاپ ئولتۇرۇشقا مەجبۇر بولىدۇ. بىز بۇھەقتە كۆپرەك پىركىرلەشسەك دەيمەن ،چۈنكى مەن بالىلارنى كىچىكىدىن خەنزۇ مەكتەپلەردە ئوقۇتۇشقا قارشى بولساممۇ ،بىراق دوستلىرىم ،ئۇرۇق تۇققانلىرىم ‹كىين خەنزۇتىلىنى بىلمىسە ،بولمايدىكەن›دەپ بالىلىرىنى خەنزۇ مەكتەپلەرگە بەرگەندە ،بۇنىڭ خاتالىقىنى ئىنىق ھىس قىلغان بولساممۇ ،بىراق ئۇلارنى قايىل قىلغۇدەك بىرەر سۆز قىلالمىغانلىمىدىن بەكلا بېئارام بولغان ئىدىم.

  • كۆرەش جاۋاب

    پاھ قايىل بولماي تۇرالمىدىم .
    ئىنشائاللا ….
    ئەشۇ 21افېۋرالنى سىلەر بىلەن ئۆتكۈزۈشكە ئېنتىزارمەن بۇرادەرلەر.
    مىنىمۇ ئۇنتۇپ قالماڭلار .مەنمۇ ئىلگىرى ئەشۇ خەن مائارىپىنى قوبۇل قىلغان ئەمما ئىشىنىڭلاركى مەن بىر ئۇيغۇر ئۇيغۇر
    بولدى ئەمدى يىغلاپ سالغۇدەكمەن ئامان بولۇڭلا قېرىنداشلىرىم :!:

  • bodak001 جاۋاب

    مەن ھەممىىڭلارنىڭ سۆزلىرىدىن بەك تەسىرلەندىم،مەنمۇ ئوقۇتقۇچى ،مەنمۇ بالامنى خەنزۇ مەكتەپكە بەردىم .نىمىشقا دىمەمسىلەر؟چۇنكى ئانا تىلدا ئوقۇيدىغان مەكتەپ قالماي قالدى ئامال يوق بەردىم قاانداق قىلىمەن .بەلكىم بىزنىڭ رايۇنلاردا شۇنداقتۇ ياكى ھەممە يەردە شۇنداقتۇ.بولدى كۆپ گەپ قلىماي.
    مەنچە بولسا 21فېۋرال ھىچ ئىش قىلالمىساق ھەربىر تور بەتتە ئانا تىلنى تەرىپلەيدىغان ئىسل ناخشا بولسىمۇ ئاڭلايلى. شۇ ئارقىلىق ئانا تىلىمىزغا بولغان مىھىر -مۇھەببىتىمىزنى ئىپادىلەمىز.

  • چىمەنزار جاۋاب

    شۇ چاغ كەلگەندە ھەممە بىرلىكتە تەڭ توۋلامىز ئانا تىل ناخشىسىن، ھەممىڭلارنىڭ پىكىرىگە قايىلمەن ئامال يۇق ئىشلار ھازىر بەكلا كۆپ .

  • تورباجىن جاۋاب

    مەنمۇ بىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى. مەن ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر خەنزۇ ئارلاش مەكتەپتە ئىشلەيمەن.مەن ئىشلىگەن مەكتەپتىمۇ .ئىزدەن ئەپەندى مەكتۋىدە سادىر بولغاندەك ئىشلار بار.

  • ياۋ…ۋەتەن ماندا قاينايدىغان يەردىكەن، مەن ۋەتىنىمنى تاپتىم.
    21- چىسلا مەن بىلوگۇمغا بىرتال رەسىم ئىشلەپ ئېسىپ قويىمەن :!:

  • ئانا تېلىم ئەڭ گۈزەل :!: :!: :!:

  • بۇ كۈن تەتۈر ساناش باسقۇچىغا كىردىمۇ؟

  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ھەممىڭلارنىڭ تېنى سالامەت بولسۇن!
    دۈشەنبە كۈنى بۇ توغىرسىدا يېزىلغان سەرخىل يازمىللىرىڭلارنى كۈتىمەن! شۇنداق سېغىندىم ئانا تىلىمنى! بىر كۈن بولسىمۇ باشقا ھىچقانداق تىلدا سۆزلىمەي ئانا تىلىم بىلەن سۆزلىگۈم بار!

  • كۆرەش بۇھەقتە ئوبدان تەييارلق قىلدى 21افېۋرال كىچىككىنە خاتىرەمدە زاھىر بولغان مەزمۇنلارنى كۆرۈڭلار. :lol:

  • ئەۋلادىم جاۋاب

    ۋەتەننىڭ مۇشۇنداق مېھرى ئىسسىق يازمىلىرى بىلەن ھەممىمىزنىڭ ئەسلىمىزنى ئەسلەتكەنلىكگە تەشەككۈر :razz:

  • ھەممىڭلارنىڭ ئانا تىل بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن!!!

  • كامىلە جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،ھەممىڭلارنىڭ ئانا تىل بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن،قېرىنداشلىرىم!

  • تورباجىن جاۋاب

    ھەممىمىز ئانا تىلمىمزىنى تۇتىيا بىلىپ ئاسرىشىمز كىرەك.

  • بۇ يەردە ھەقىقەتەن ئىسىل مۇنازىرىلەر بوپتۇ، بارىكاللا ! ھەممىڭلارنىڭ ئانا تىل بايرىمغا مۇبارەك بولسۇن!

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif