• قوللانچى: پارول:

راستىنلا «made in china»مۇ؟

بۈگۈنكى كۈندە كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ئسىتىمالىنىڭ ئىشىشىغائەگىشىپ دۆلىتىمىزكارخانىلىرى «ھەممىنى ئىشلەپچىقىرالايدىغان»بولۇپ كەتتى، ئەمماجۇڭگونىڭ پەن -تېخنىكىسى راستىنلا شۇنچە تېزئەگشىپ مېڭىۋاتامدۇ؟
بۈگۈن مەن دۆلىتىمىزنىڭ پەن -تېخنىكىسىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە يېزىلغان بىرماقالىنى ئوقۇپ چىقتىم،تۆۋەندىكى كىچىككىنە ئىككى مىسال يۇقارقى سۇئالغا جاۋاب بىرەلىشى مۈمكىن:
نەقىل :
«دۆلىتىمىزنىڭ چەتئەللەرگە ئكىسپورت قىلىدىغان بىر دانەDVDئاپاراتىنىڭ ئوتتۇرىچە پارچە باھاسى 32ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىن چەتئەل كارخانىلىرىغا تۆلەيدىغان پاتىنت ھەققى 18ئامېرىكا دوللىرى، تەننەرخ خىراجىتى 13ئامېرىكادوللىرى، جۇڭگوكارخانىسىغاقالىدىغان پايدا بىرئامېرىكادوللىرى.
چەتئەلگە ئىكسپورت قىلىندىغان بىردانەئاپتۇمۇبىل MP3قويغۇچنىڭ باھاسى 79ئامېرىكادوللىرى، ئەمما ئوخشاشلا چەتئەل كارخانىلىرىغاپاتىنت ھەققى ئۈچۈن 45ئامېرىكادوللىرى كېتىدۇ، تەننەرخ ئۈچۈن 32.5ئامېرىكادوللىرى كىتىدۇ، جۇڭگوكارخانىسى
ئېرىشكەن پايدا1.5ئامېرىكا دوللىرى بولىدۇ….»

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، جۇڭگو پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتىتى «شۇن فىي» ئۇچۇرچەكلىك شېركىتىنىڭ لىدىرى لىيۇچىڭ فېڭ بۇھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
«بۇ دەل جۇڭگونىڭ ياساش كەسپى سانائىتىنىڭ رىئال ئەھۋالى. ھاۋا تەڭشىگۈچ، رەڭلىك تېلېۋىزۇر…قاتارلىقلارنۆۋەتتە خەلقنىڭ كۈندىلىك بۇيۇمىغا ئايلاندى، شۇنداقلا مۇتلەق كۆپىنچىسى دۆلىتىمىزدە ئىشلەنمەكتە، ئەمما يادرۇلۇق زاپچاسلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك چەتئەلدىن كىرگۇزىلىدۇ…ماشىنا، كومپيۇتېر قاتارلىقلاردا بولسا پۈتەنلەي دېگۇدەكلا چەتئەل تېخنىكىسغا تايىنىپ قالدۇق.جۇڭگو كارخانىلىرى ئەمەلىيەتتە دۇنيابويىچە ئەمگەك كۈچىنى ئەڭ ئەرزان ئىشلتىدۇ، خام -ئەشىيا، ئېنېرگىيىنى ئەڭ كۆپ سەرپ قىلىدۇ، شۇنداقلا مۇھىت بۇلغىنىشتىكى مەسئۇلىيىتى غايەت زور. ئەممايادرۇلۇق تېخنىكىنى ئىگىلىگەن چەتئەللىكلەر بىرپارچەپاتىنت ئىشلىتىش كېلشىمنامىسى بىلەنلا مۇشۇنچىلىك زور بەدەلگە كەلگەن بايلىقنىڭ ئەڭ كۆپ قىسمىنى ئېلىپ كېتىدۇ..!!»

پىقىرنىڭ تەسىراتى :
بۇنى ئوقۇغاندىن كېيىن ئۇلۇغ-كىچىك تىنپ قويدۇم.





5 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • بۇنىڭغا مەنمۇ كىچىك تىنىپ قويىمەن

  • دۆلىتىمىزنىڭ ھازىرقىدەك ھەممىنى ئىشلەيدەىغان چوڭ بازىغا ئايلىنشى ئەرزان ئەمگەك كۈچىنىڭ مول بولغانلىقىدىن …
    جۇڭگۇ ھۆكىمىتى ھازىر ئىشلەپ چىقىرىشتىن يىڭىلىق يارىتىشقا قاراپ ماڭماقچى … ئەمما قىلالامدۇيوق بىرنىمە دىيىش قىيىن !

  • «ھە» دەپ قويۇڭ.
    Made in China دېگەن مالنىڭ سۈپىتىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكى ھەممىمىزگە ئايان.

  • بىزنىڭ بۇنىڭغا ھە دەپ قويۇشتىن باشقا يەنە نېمىمۇ قىلالايتۇق…… يەنىلا «ھە» جۇمۇ…. يېڭىلىق يارىتىشقا قاراپ ماڭماقچى بولىدىغان بولسا بىزگە ……………. يەنىلا «ھە» شۇنداق .. خاۋ خاۋ خاۋ دەيلى…

  • شامال جاۋاب

    ئالدىدا دەپ ئۇتكەندەك دۇلتىمىزدە 65يىلدېن بۇيان نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئادەم چىقماپتۇ، ئۇنداقتا يېڭلىق يارتىش يولىغا قانداق ماڭماقچىكەن.

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif