• قوللانچى: پارول:

گېرمانىيىلىك مۇتەخەسسنىڭ ئائىلە تەربىيىسى ھەققىدە ئېيتقانلىرى

گېرمانىيە مېيونخىن دۆلەتلىك تەييارلىق مائارىپى تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى پىرافىسسۇر فېرناندس ،25يىل مائارىپ، ئىنسانىيەت ئىلمى ،ئائىلە تەربىيىسى جەھەتتە تەتقىقات ئېلىپ بارغان. ئۇنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك سىياسەت تەدبىرلىرىنى بەلگىلەشتە بەلگىلىك رول ئوينىدى.

ئۇ مۇنداق دەپ قارايدۇ:

ئاتا-ئانىنىڭ بالا تەربىيىسىدىكى رولىدا پەرق بار

ئائىلىدە، ئاتا ئانا ئىككى تەرەپ دائىم «زادى كىم بالىنى كۆپرەك باشقۇرىدۇ»، «ئائىلە تەربىيىسىدە ئاتا بىلەن ئانىنىڭ قايسىسىنىڭ ئورنى ئەۋزەل»دېگەن مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇنازىرە قىلىشىدۇ.
پىرۇفىسسورنىڭ تەتقىقاتى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئەمەلىيەتتە ئاتا بىلەن ئانىنىڭ ئائىلە تەربىيىسى جەھەتتىكى رولى بىر بىرىدىن قىلىشمايدۇ. ئوخشاشلىققا ئىگە.دەرۋەقە ئەمىلى تۇرمۇشتا، ئاتا-ئانا ئىككى تەرەپنىڭ بالا تەربىيىلەش جەھەتتىكى ئىقتىدارى يۇقىرى تۆۋەنلىككە ئىگە بولۇپلا قالماي، ئۇلارنىڭ ھەرقايسى تەرەپلەردىكى بالىغا بولغان رولىدىمۇ پەرق مەۋجۇت. بالىنىڭ ئۆزلۈك قىممەت قارىشى، تەربىيىلىنىش دەرىجىسى بىلەن پىسخىك مەسىلىلىرىنىڭ ھەممىسىدىلا ئاتىنىڭ تەسىرى ئانىنىڭكىدىن چوڭ بولىدۇ. يېقىنچىلىق مۇناسىۋىتى جەھەتتە، ئانىنىڭ تەسىرى ئاتىنىڭ تەسىرىدىن كۆپ يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ.

ئەر -ئاياللىق مۇناسىۋىتى بالىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ

پىرافىسسورنىڭ ئېيتىشىچە نۇرغۇن تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئاتا – ئانىنىڭ بالىنى ئىقتىسادى شارائىت بىلەن تەمىنلىشى، ئاتا –ئانىنىڭ سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرى تۆۋەن بولۇشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ، لېكىن ئاتا-ئانىنىڭ ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرى بالىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگەتەسىر كۆرسىتىدۇ، بولۇپمۇ ئەر- ئاياللىق مۇناسىۋىتىنىڭ سۈپىتىنىڭ بالىغا بولغان تەسىرى ناھايىتى زور بولىدۇ.
مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئەر ئاياللىق مۇناسىۋىتى ياخشى بولسا،ئائىلىسى مۇقىم، بالا خوشال – خۇرام ئۆتىدۇ.پىسخكىلىق مەسلىلەرمۇ ئاز يۈز بېرىدۇ. ئەگەر ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋىتى ياخشى بولمىسا،ياكى ئايرىلىپ تۇرىۋاتقان بولسا ،بۇ تەبىئىيلا بالىنىڭ جىسمانى ۋە روھى جەھەتتىكى ساغلاملىقىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزۈدۇ.تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاتا-ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەن ئائىلىلەردىن كېلىپ چىققان بالىلارنىڭ ئىچىدە %24 ئاتا-ئانىسىنىڭ ئاجرىشىپ كېتىشىدەك بۇ رىئاللىقنى زادىلا قوبۇل قىلالمايدىغان بولۇپ، پىسخىكا مەسلىھەتكە موھتاج ئىكەن.ئەگەر ئاتا-ئانىسى قايتا نىكاھلانغان بولسا، ئۇندا قتا پىسخىك مەسلىھەتكە موھتاج بولىدىغان بالىلارنىڭ نىسبىتى شىددەت بىلەن ئۆرلەپ %47كە يېتىدىكەن.

يېقىنچىلىق مۇۋاپىق پەيتكە موھتاج

ھازىرقى جەمئىيەتتە، تۇرمۇش رېتىمىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، ئاتا-ئانىلارنىڭ، بولۇپمۇ ئاتىلارنىڭ خىزمىتىنىڭ ئالدىراشلىقى سەۋەبىدىن دائىم بالىلىرى بىلەن بىللە بولىدىغان ۋاقتى ناھايىتى ئاز بولىدۇ. كۆپ ساندىكى جىمىغۇر مىجەزلىك ئاتا-ئانىلار مۇمكىن قەدەر كۆپرەك ۋاقىت چىقىرىپ بالىلار بىلەن بىللە بولسىلا، بۇ بوشلۇقنى تولدۇرغىلى بولىدۇ دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ ئۇنداق ئاددىي ئىش ئەمەس.
پىرافىسسۇرنىڭ قارىشىچە، ئاتا-ئانا ۋە بالا مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى يامان بولۇشى، بالىلاربىلەن بىللە بولۇش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقىدا ئەمەس، بەلكى مۇناسىۋەتنىڭ سۈپىتىنىڭ قانداق بولۇشىدا.مۇۋاپىق پەيتتە يېقىنلىشىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش كېرەك.شۇڭا، ئاتا-ئانا بولغۇچىلار بالىسى بىلەن قانداق بىللە بولۇشنى ئۈگىنىۋىلىشى كېرەك. بالىسىنىڭ پىسخكىسىنى چۈشىنىشى كېرەك.بولۇپمۇ خىزمىتى ئالدىراش ئاتىلار تېخىمۇ تۈرلۈك ئاماللار بىلەن بۇ پائالىيەتنى ئائىلىگە ئېلىپ كىرىشى كېرەك.ئايال ئاكتىپلىق بىلەن ئېرىنىڭ بالا تەربىيىلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا. ئېرىنىڭ ئىمكان قەدەر تېزراق بالا تەربىيىلەش رولىنى ئېلىشىنى ئۆگىنىۋىلىشىغا ئىلھاملاندۇرۇشى كېرەك.

%50 مەبلەغنى ئائىلە تەربىيىسىگە سېلىش كېرەك

بۇ يەردىكى مەبلەغ ئائىلىنىڭ بالىلارنى تەربىيلەشتە ئىشلىتىدىغان ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچ، ئىقتىسادى كۈچ ھەتتا ۋاقىت قاتارلىقلارنىڭ ئومۇمىي يىغىندىسىنى كۆرسىتىدۇ.پىرافىسسور مۇنداق دەيدۇ:«مەن جۇڭگونىڭ بالىلار باغچىلىرىنى، مەكتەپلىرىنى زىيارەت قىلغان.ئاتا-ئانىلار نۇرغۇن پۇل خەجلەپ بالىلىرىنى ئاشۇنداق ياخشى مەكتەپلەردە ئوقۇتىدىكەن.بۇ يەردىكى بالىلارغا ھەقىقەتەن مەسلىكىم كېلىدۇ. لېكىن كۆپ قىسىم جۇڭگولۇق ئاتا-ئانىلار، بالا مەكتەپكە كىردى ئەمدى بالا تەربىيىلەش مەكتەپنىڭ ئىشى دەپ قارايدىكەن ئەمەلىيەتتە بۇنداق ئەمەس، بالا ئۆسۈپ يېتىلىشتىن بۇرۇن ئاتا-ئانىلار چوقۇم ئائىلە تەربىيىسىگە كۆپ كۈچ چىقىرىشى كېرەك» پىرافىسسور يەنە كۆرسەتمە بېرىپ مۇنداق دەيدۇ:«ئەگەر بىر ئائىلە بىر بالا ئۈچۈن سېلىنىدىغان مەبلەغنى <1>بىرلىك بويىچە ھىساپلىسا، ئۇنداقتا ئاتا-ئانىلار 50پىرسەنىت مەبلەغنى ئائىلە تەربىيىسىگە سېلىشى كېرەك. چۈنكى بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە،ئائىلەتەربىيىسى ناھايىتى مۇھىم ئورۇنغا ئىگە»

خەن تىلىدىكى «قاش تېشى» مائارىپ مۇنبىرىدىن تەرجىمە قىلىندى
تەرجىمان:«ئەۋلادىم»(ۋەتەن بلوگى تەرجىمە گۇرۇپپىسىدىن)





2 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • پەرزەنت تەربىيسىگە گىرمان ۋە يەھۇدىلاردەك ئەھمىيەت بېرىدىغان مىللەت بولساق بىزمۇ .ھەي

  • ئارزۇ جاۋاب

    مەن دەيمەن پەرزەنت تەربىيىسىگە بىزنىڭ ئەرلىرىمىز ئاياللىرىمىزدىنمۇ بەكرەك تىرىشسا ،بولسا ئاياللارنىمۇ تەڭ تەربىيىلەپ ئەرلىك مەجبۇريىتىنى ياخشى ئادا قىلسا ،بالا تەربىيىلەشنى نوقۇل ھالدا ئايالىغىلا ئىتتىرىپ قويمىسا ئۇ چاغدا بىزنىڭ بالىلىرىمىز نەقەدەر ئەتراپلىق چوڭ بولار ئىدى- ھە.

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif