ئەر-خوتۇن ئىككەيلەننىڭ بۇ يىللىق يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈلگەن مۇھىم تۈرلەرنىڭ بىرى دەل بۇيىلقى «1-ئىيۇن» خەلقئارا بالىلار بايرىمىدا ئايقۇت بىلەن ئايچىننى بىر بولسا شەھەردىكى خەلق باغچىسىغا ئېلىپ بېرىپ تۈرلۈك ھايۋانات-ئۇچار قۇشلارنى تاماششا قىلدۇرۇش، كارتون كىتابلىرىنى سېتىۋىلىپ ئۇلارغا بايراملىق سوۋغات قىلىش، ياكى بولمىسا ئابرال تېغى ئىتىكىدىكى «ئۈچ كۆۋرۈك» ساياھەت نۇقتىسىغا ئاپىرىپ ، تەبىئەتنىڭ تەبىئىي گۈزەللىكلىرىدىن قانغۇچە ھوزۇرلاندۇرۇپ كېلىش ئىدى…
دېمىسمۇ ، سەھرادا تۇغۇلغان بىلەن تۆت تامنىڭ ئىچىدە سولىنىپ ياشاپ، تەبىئەت بىلەن بولغان ئارىلىقى شەھەر بالىلىرىدىنمۇ بەكەرەك يىراقلىشىپ كەتكەن بالىلىرىمغا تۇرۇپلا ئىچىم ئاغرىپ قالاتتى …
نۇرماللىقتىن ھالقىپ كەتكەن خىزمەت سىجىللىقى، ئارقا-ئارقىدىن تارتىۋىلىنغان شەنبە-يەكشەنبىلەربىزنى شۇنچىلىك ئارام خۇمارى قىلىۋەتكەن ئىدىكى ،خىزمەتتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن نۇرغۇن ھاللاردا بالىلاربىلەن بىرئاز كوچا ئايلىنىشتىنمۇ سۆزئاچقىلى بولمايدۇ. بەزىدە ئۆينىڭ ھەممىلا يىرىدە چىچىلىپ ياتقان بالىلار كىتابلىرى بىلەن ئويۇنچۇقلارغا قاراپمۇ قويماي ، تالاغا چىقىشنىڭ جىدىلىنى قىلىۋاتقان بىرياشلىق كېچىك قىزىمنىڭ قەغىشلىرىگەقاراپ ئۇنىڭدىمۇ ئىچى سىقىلىش كەيپىياتىنىڭ بارلىقىدىن ھەيران قالىمەن…
بالىلارنى كۆپەرەك سىرتلارغا ئېلىپ چىقىش ،تەبىئەتتىن ھوزۇرلاندۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى ئۇبدان بىلىمەن لېكىن شۇنداق بىر رېتىمغا چۈشۈپ كەتكەنمىزكى ،كۈننىڭ قانداق كەچ بولغىنىنى، قاچان ئەتىياز تۈگەپ ياز كەلگىنىنى تۇيماي ئۆتۇپ كىتىمىز.
ھەركۈنى ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە كەلگەندە كۆرىدىغىنىمىز، بالىلارنىڭ بىزنى كۆرگەندىكى سۇلغۇنلۇق ئارىلاش خۇشاللىقى. «ئوقۇتقۇچى دېگەن كۈنبويى خەقنىڭ بالىلىرى ئۈچۈن پەرۋانە بولۇپ يۈرگىنى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ بالىسىغا تۈزۈكرەك قارالمايدىغان خەق ئىكەنمىز » دەپ ئۇھ تارتتى بىر كۈنى ئايالىم .دەرۋەقە شۇنداق ئىدى.
بىزمۇ تۈزۇكرەك ئارام ئېلىپ باقمىغىلى ئۇزۇن بولغانلىقى ئۈچۈن ئارام خۇمارىمىز تۇتۇپ، يىقىندىن بىرى كۈندەدېگۈدەك ئايقۇت بىلەن ئايچىن ئىككىسىگە «1-ئىيۇن»رىۋايىتىنى سۆزلەپ بېرىۋاتقان ئىدۇق ، بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغاندا 4ياشقا كېرىپ قالغان چوڭ قىزىم ئايقۇتنىڭ كۆزلىرىدىن شادلىق ئۇچقۇنلىرى چاقنايتى، سۇئاللىرى تۈگىمەيتى..ئەمدىلا بىرياشتىن ھالقىغان ئايچىنمۇ ھەدىسىگە ئەگىشىپ قىقاس سالاتتى…
ئەپسۇس!
تۇيۇقسىز كەلگەن بىر تېلېفۇن ئۇقتۇرىشى بىلەن ھەممە يوق بولدى: «1-ئىيۇن» بايرىمىڭ قۇرۇپ كەتسۇن، ھەممىدىن مۇھىمى ئاپتۇنۇم رايۇن تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۇش!!شۇنىڭ بىلەن تۈنۈگۈن («1-ئىيۇن») بالىلىرىمىزنى بالا باققۇچىغا تاپشۇرۇپ مەكتەپكە راۋان بولدۇق. مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەيپىياتىنىڭ تۆۋەنلىكىنى بىر دىمەڭ ، چۈنكى كاساپەت تەكشۈرۈشتىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈش سەپەرۋەرلىك كۈرىشى سەۋەبىدىن بايراملىق پائالىيەتمۇ ئەمەلدىن قالغان ئىدى.
تەكشۈرۈشتىن ئۆتۇپ بولدۇق، ئۆتكەندىمۇ ئىنتايىن ئوڭۇشلۇق ئۆتتۇق ، چۈنكى بىركۈن ساقلىغان بولساقمۇ ئۈرۈمچىدىن كەلگەن بۇ ئوقورى ئىگىز تەكشۈرۈش خادىملىرى بىزنىڭ مەكتەپ كىلىپمۇ قويمىدى…
شۇنداق قىلىپ ، 4-ئيۇن شەنبە كۈنى قىزلىرىم ئۈچۈن خەلقئارا بالىلار بايرىمى قىلىپ بېكىتىلدى. تەڭرىم «4-ئىيۇن»نى ، ماڭا ئوخشاش بالىلىرىنىڭ بايرىمىنى ئۆتكۈزۈپ بىرەلمىگەنلەرنى، ئوماق بالىلرىمىزنى پاناھىدا ساقلىغاي.
ماس ئۇلانما
بۈگۈن سىنا تورىدا مۇنداق بىر خەۋەر بېرىلدى: بىرخەن ئانا بوينىغا «بالىلار بايرىمىدا مەن بالامغا ھەمراھ بولىشىم كېرەك!» دېگەن شۇئار يېزىلغان پىلاكاتنى ئېسىپ ،كوچىدا ئىمزا توپلىدى. ئۇ: بالىلار بايرىمىدا خىزمەتتىكى ئاتا-ئانىلار چوقۇم ئارامغا قويۇپ بېرىلىشى ، بالىلىرىغا ھەمراھ بولوپ بايرام ئۆتكۇزىشى كېرەك دېگەن تەلەپلەرنى ئىلگىرى سۈردى.