تېبابەتكە دائىر بىر ماتىريالدا بىريىلدا بىرەر قېتىممۇ زۇكام بولمايدىغان ئادەملەرنىڭ راك كىسىلىگە گېرىپتار بولۇش نېسبىتىنىڭ دائىم زۇكام بولىدىغانلارغا قارىغاندا ئالتە ھەسسە يۇقىرى بولىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان .بۇ ئاڭلىماققا سەل غەلىتە بىلىنىدۇ ،بىراق بۇ بىر ئەمەلىيەت . بىئۇلۇگلارنىڭ كۈزىتىشىچە ، بىرتال ئالتۇن بىلىقنى بىلىق ئىدىشىدا باققاندا نەچچە كۈنگە بارمايلا ئۆلۇپ قالغان ،ئەمما ئۈچتال ئالتۇن بىلىقنى بىر بىلىق ئىدىشىدا باققاندا ئۇلار بىريىلدىن ئۇزاق مەزگىل ياشىيالىغان .بۇنىڭ يەكۈنى شۇ بولغانكى ئۇلار ئۈچى بىللە ياشاش جەريانىدا رىقابەتلىشش كەيپىياتى شەكىللەنگەچكە ئۇلاررىقابەت داۋامىدا كۈنسىرى «ھاياتى كۈچ»كە تولغان ئىكەن .
مۇنداق بىر ماقالمۇ بار :« سەدەبنىڭ تېنى ئاغرىسا مەرۋايت بولۇر » . ئەسلىدەبىر خىل سەدەب قۇلىلىسىنىڭ تىنىگە قۇم دانىچىسى پاتقاندا ،ئۇ بىرخىل ماددا ئاجىرىتىپ چىقىرىپ ئاغرىغان جايىغا مەلھەم قىلىدىكەن ، ۋاقىت ئۇزارغانسىرى بۇقۇم دانىچىسى قىممەتلىك مەرۋايتقا ئايلىنىدىكەن .
تۇرمۇش ئەسلىدە مۇنداق ،ئۇ تۈرلۈك ئازابلارغا بەرداشلىق بىرىش ۋە رىقابەتلەرجەريانىدا تاۋلىنىشقا ئىھتىياجلىق .
بىز چوقۇم قىيىنچلىق ۋە رىقابەتنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىشمىز ھەرگىزمۇ بىسىملاردىن خۇرسىنىپ ئاھ ئۇرماسلىقىمىز كېرەك بولوپمۇ رىقابەت قاينىمىدا مەغلۇبىيەت-ئوڭۇشسىزلىققا يولۇققاندا ئۆزىمىزنى تاشلىۋەتمەسلىكىمىز لازىم ،چۈنكى رىقابەت كۆزيىشىغا ئىشەنمەيدۇ !
بىزشۇنى ئىتىراپ قىلىشىمىز كېرەككى مۇۋاپىقىيەت مەغلۇبىيەتلەرنىڭ مېۋىسى .غالىبلار ئچىدە مەغلۇپ بولوپ باقمىغانلارنىڭ بولوش نىسبىتى ئىنتايىن ئاز .
بىر ئۇتۇق قازانغان رىقابەتچى بولۇش ئۈچۈن قىيىنچىلىق ۋە ئوڭۇشسىزلىققا تاقابىل تۇرالايدىغان ئېقتىدار ھازىرلاش كېرەك ،رىقابەت مەيدانىدا ياش تۆكۇش ئاجىزلىقنىڭ بەلگىسى .پەقەت قىيىنچىلىق ئىچىدىن باش كۆتۆرۇپ چىقالىغانلا رلا ھەقىقى غالىب بولالايدۇ .
فرانسىيە ئالىمى رېنتىگىن ئۆسمۇرلۇك ۋاقتىدا ئۆگىنىش نەتىجىسى ناھايىتى ياخشى بولسىمۇ بىراق ناھايىتى كەپسىز ئىدى .بىر قېتىم ئۇ ئوقۇتقۇچىسىنى ھۆرمەت قىلمىغانلىقتىن مەكتەپتىن ھەيدەلگەن ،شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئوتتۇرا مەكتەپ دېپلۇمى بولماسلىق سەۋەبى بىلەن ئالى مەكتەپكە ئېمتىھان بىرەلمەيدۇ .
ئەمما ئۇ ئوڭۇشسىزلىققا باش ئەگمەسلىك روھى ۋە تىرىشش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئاجايىپ ئەلا نەتىجىسى بىلەن ھەممىنى قايىل قىلىپ ئاخىرى سىيۇرخ ئۇنۋېرسىتىتىغا قۇبۇل قىلىنىدۇ . بىراق ئوقۇش پۈتتۇرىدىغان ۋاقتىدا مەكتەپ ئۇنىڭ ئارخىپىغا يېزىلغان «گۇناھ» ى سەۋەبىدىن ئۇنىڭ بىر داڭلىق پىرۇفىسسۇرنىڭ ياردەمچىسى بولۇش پۇرسىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ . رېنتىگىن بۇ خىل ئوڭۇشسىزلىقلارغا يۈزلەنگەندە ھىچقاچان كۆزيىشى قىلمايدۇ ،ئەكسىىچە تېخىمۇ قەيسەر بولۇپ كىتىدۇ . توپ -توغرا 20 يىللىق تېرىشچانلىق ئارقىسىدا ئۇ گېرمانىيىدىكى داڭلىق پېتس بۇرگ ئۈنۋېرسىتىنىڭ مۇدىرى بولىدۇ . ئۇ كېيىن يەنە xنۇرى دەستىسىنى بايقاپ ،نوبىل فېزىكا مۇكاپاتىنىڭ تۇنجى ساھىبى بولوپ قالىدۇ .
ئوڭۇشسىزلىققا بەرداشلىق بىرىش بىر ئادەمنىڭ ئۈېۋېرسال ساپاسى بولوپمۇ ئىرادە ساپاسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك . بىز ئوڭۇشسىزلىقنىڭ پەقەت تۇرمۇشتىكى نۇرمال بىر ھادىسە ئىكەنلىكىنى تونۇپ يىتەلىسىەكلا ،ھەل قىلىش مۈمكىن بولمايدىغان ئىش يوق دېيەرلىك . رىقابەت مەۋجۈت بولغان ئىكەن مەغلۇبىيەت چوقۇم بولىدۇ ، ھالقىلىق مەسىلە دەل كېمنىڭم ئوڭۇشسىزلىققا بەرداشلىق بىرىش -يېڭىش ئىقتىدارىنىڭ كۈچلۈكلىكىدە . كىشىلىك تۇرمۇشتا كېم ئاخىرقى ھوسۇلنى ئالالىسا ، كېم ئاخىرىدا كۈلەلىسە شۇ ھەممىدىن قالتىستۇر .
دائىم سەمىمىزدە بولسۇنكى : بۇ رىقابەت دۇنياسى كۆز يىشىغا ئىشەنمەيدۇ!
جوڭ شېڭ ئىمزاسىدىكى بۇ ماقالە خەنچە«ئوقۇرمەن»تورژورنىلىدىن تەرجىمەقىلىندى