نۇرغۇنلىغان ئادەملەردە بولۇپمۇ مەلۇم كەسپتىكىلەردە ھەردۈشەنبە كۈنى بۇرۇقتۇرمابولۇش، روھسىزلىنىش، لايغەزەل بولۇپ قىلىش قاتارلىق ئالامەتلەرئاسانلا كۆرۈلىدۇ. بۇخىل كېسەللىك دەل«دۈشەنبە ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى»(Monday Illness/Syndrome)دۇر.
نېمە سەۋەبتىن كىشىلەردە يۇقارقىدەك ئالامەتلەركۆرىنەرلىك بولىدۇ، بۇ ئەمەلىيەتتە بىرخىل پىسخىكىلىق تەڭپۇڭسىزلىق بولۇپ، ھەپتەئاخىرىدىكى ئارام كۈنلىرى بىلەن ئادەتتىكى خىزمەت كۈنلىرىدىكى ۋاقىت رىجىمىنىڭ پەرقىدىن كېلىپ چىققان توقۇنۇشنىڭ ئادەم تېنىگە كۆرسەتكەن تەسىرىدىن ئىبارەت.
ئۇنداقتا بۇخىل غەيرى كېسەللىك ئاسارىتىدىن قانداق قۇتۇلۇش كېرەك؟
پىسخىكىلىق مەسلىھەت بەرگۈچىلەر بىزگە تۆۋەندىكى چارىلەرنى تەۋسىيە قىلىدۇ، ئەلۋەتتە بىلىپ قويغاننىڭ زىيىنى يوق.
ئۆز-ئۆزىنى ئۇۋىلاش
مۈرە، بويۇن، باش، گەجگە قاتارلىق ئورۇنلارنى مۇۋاپىق ئۇۋىلاش بىلەن بىرگە، بەدەننىڭ ھەرقايسى ئورۇنلىرىدىكى مۇسكۇللارنى بوشىتىدىغان يەڭگىل ھەرىكەتلەرنى ئىشلەش كېرەك.
تەنھەرىكەت ئىشلەش
ئىشقاماشىنا بىلەن بىرىش ساغلاملىق نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ۋېلىسىت مىنىش ياكى پىيادە مېڭىشقا يەتمەيدۇ. تەنھەرىكەت مەشغۇلاتلىرى سىزدىكى بىسىم تۇيغۇلىرىنى ئاساسەن يوق قىلالايدۇ. ئۇندىن باشقا تەنھەرىكەت جەريانىداتەپەككۈرىڭىزناھايىتى سىستېمىلىق بولىدۇ.
چوڭقۇرئويلىنىش
سىزھىچقانداق بىرئالاھىدە مەشىقلەنمەي تۇرۇپمۇ قىلالايدىغان بىرئالاھىدە ماھارەت شۇكى، ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ، ئىخلاس بىلەن مەلۇم مەسىلە ئۈستىدە چوڭقۇرئويلىنىشتۇر. بۇسىزگە ناھايىتى تەمكىن كەيپىيات يارىتىپ بېرىدۇ.
چوڭقۇرنەپەس ئېلىش
بۇئىنتايىن ياخشى بولغان كەيپىيات تەڭشەش ھەرىكىتى. بىرجىمجىت بولغان خالىي جاينى تاپقاندىن كېين ئولتۇرۇپ، كۆزلىرىڭىزنى يۇمۇڭ ۋە ئۆزىڭىزنى ئەركىن قويۇۋېتىڭ.چوڭقۇر-چوڭقۇرنەپەس ئېلىش مىڭىڭىزگە توپلىشىپ قالغان«بۇلۇت»لارنى تارقىتىۋىتىدۇ.
چۈشتە بىرئازئۇخلىۋىلىش
چۈشلۈك ئارام ۋاقتىدا يېرىم سائەت ئۇخلىۋالسىڭىز، سىزچۈشتىن كېيىن قايتىدىنلاتولۇپ-تاشقان قىزغىن كەيپىياتقا قايتالايسىز. چۈشلۈك ئۇيقۇ بولسا-تۇرمۇشنىڭ«قايتىدىن قوزغىتىش كۇنۇپكىسى»ھېسابلىنىدۇ.
ئەتىگەنلىك ناشتىغا ئەھمىيەت بېرىش
ئەتىگەنلىك ناشتىغا بەك ئەھمىيەت بېرىڭ، چۈنكى ئەتىگەنلىك ناشتا، پۈتۈن بىركۈنلۈك زىھنىڭىزئۈچۈن قۇۋۋەت بېرىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللاردىن كۆرۈشۈمچە ئەتىگەنلىك ناشتىدا ياغسىز تاماق يېمەسلىكىمىز، ئاقسىل ماددىسى كۆپرەك يېمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىشىمىزكېرەككەن، چۈنكى ئاقسىل بۆرەكنىڭ ئاجرالما ئىشلەپ چىقىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، روھى-ھالەتنى ياخشىلايدۇ.