ئاپام (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن) تۈگەپ كەتكەندىن بۇيان، ئۆيدە ئۇنىڭ توغرىسىدىكى گەپ بولۇنسىلا بىر مەسىلىگە يولۇقىدىغان بولدۇق؛ ئەينى ۋاقىتتا ئايالىم تۆت ياشلىق قىزىم ئايقۇتقا « مومىڭىز ھەرەمگە كەتتى» دەپ قويۇپتىكەن. كېيىن قانداق بولدى، ئەيتاۋۇر ئۇ-مومام تۈگەپ كېتىپتۇ دەيدىغان بولدى ھەم بىزدىن پات-پات، «مومام بۇلۇتنىڭ ئۈستىدە تۇرامدۇ؟ ئايرۇپىلانغا چىقىپ ئۇچساق ئۇنى كۆرەلەمدۇق؟…» دېگەندەك بالىلارچە سوئاللارنى ياغدۇرىۋىتىدىغان بولىۋالدى. ئەھۋالدىن قارىغاندا كىشىلىك ھاياتنىڭ بۇخىل قايغۇلىرىدىن خىلىلا يىراقتا تۇرىدىغان گۆدەكلەرگە بۇمەسىلىنى زادى قانداق يوسۇندا چۈشەندۈرۈش ئۈستىدە ئويلىنىپ باقساق بولغۇدەك .
مەن ھېلىھەم بۇ ھەقتە قىزىمغا چۈشەنچە بېرىشنى ئويلىشىپ باقمىدىم، يېشى سەل چوڭ بولغاندا چۈشەندۈرۈپ قويارمەن دەپ ئويلىدىم. ئەمما بۇ ھەقتە بالىلار بىلەن سۆھبەتلىشىش كېرەكمۇ-يوق؟ قانداق چۈشەندۈرۈش كېرەك؟ دېگەن مەسىلىلەر ھەققىدە ئويلاپ قالدىم.
بالىلار ئەمەلىيەتتە ھەركۈنى دېگۈدەك تېلېۋزىيە فىلىملىرى، چوڭلارنىڭ ئۆز-ئارا پاراڭلىرى قاتارلىق ۋاسىتىلەردىن ئۆلۈم ھەققىدە بىرقىسىم ئۇچۇلارغا ئېرىشىپ تۇرىدۇ، بىراق مېنىڭچە بۇ يەنىلا ئۇلارنىڭ نەزىرىدىكى غۇۋا چۈشەنچىگە تەسىر كۆرسىتىلمەسىلىكى مۇمكىن.
بۇ مەسىلە ھەققىدە بالىلارپسخىلوگىيىسىگە ئائىت توربەتلەردىن ماتېرىيال ئىزدەپ تۈزۈك نەتىجىگە ئېرىشەلمىدىم، تۆۋەندىكىسى «بېيجىڭ پەن-تېخنىكا گېزىتى» تورىدا ئېلان قىلىنغان مۇشۇ مەسىلىگە يىقىن كېلىدىغان بىر تەتقىقات نەتىجىسى ئىكەن، تەرجىمە قىلىپ قويدۇم.
شۋېتسىيە ئالىملىرى مۇنداق بىر ئەھۋالنى بايقىغان، راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ ئۆلۈپ كەتكەن بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىغا قارىتا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولىشىچە، بالىسى ئۆلۈپ كېتىشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭ بىلەن ئۆلۈم ھەققىدە پاراڭلاشقان ئاتا-ئانىلارنىڭ، بالسىدىن ئايرىلىپ قالغاندىن كېيىنكى پىسخىكىلىق ھالىتى ،ئۇنداق قىلمىغان ئاتا-ئانىلارنىڭىدىن كۆپ ياخشى بولغان.
شۇنداق قىسمەتكە يولۇققان نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالىسىدىن ئايرىلىپ قىلىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ بىلەن ئۆلۈم تېمىسىدا پاراڭلىشىپ باقمىغىنىدىن پۇشايمان قىلغانلىقىنى ئېيتقان.
ئامېرىكا بوستۇن بالىلارئۆسمە كېسەللىكلىرى تەتقىقات ئورنىدىكى ۋولف.لاۋرىنېس دوكتۇر مۇنداق دەيدۇ:
ئاتا-ئانىلار بىلەن بالىلارنىڭ ئۆلۈم تېمىسىدا سۆھبەتلىشىپ تۇرۇشى، بالىلارنىڭ ئۆلۈم ۋەھىمىسىدىن پەيدا بولىدىغان قورقۇشىنى يوق قىلىدۇ. ئوچۇقراق ئېيتقاندا، بالىلار بۇخىل قىسمەتلەرگە نىسبەتەن پىسخىكىلىق تەييارلىق يېتىلدۈرىدۇ. چۈنكى ناھايىتى گۆدەك بالىلارنىڭ ئىڭىدىمۇ ھەرۋاقىت مەلۇم تېراگىديىنىڭ سايىسى پەيدا بولىدۇ، ئۇلارئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا پەرىزىدىكى قورقۇنۇچلۇق نەرسە ئۆزى بىلىدىغان قورقۇنۇچلۇق نەرسىلەردىنمۇ نەچچە ھەسسە يامان بولىدۇ.
تەتقىقاتچىلار387نەپەر، 17ياشتىن تۆۋەن ياشلىقتىكى بالىلىرى راك كېسلى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن ئاتا-ئانىلاربىلەن ئالاقىلاشقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە%80 ئاتا-ئانا تەكشۈرۈشنى قۇبۇل قىلغان. تەكشۈرۈش جەريانىدىكى مۇھىم بىرسۇئال بولسا دەل: سىز بالىڭىز بىلەن ئۆلۈم تېمىسىدا پاراڭلىشامسىز؟ بولغان.
329نەپەر ئاتا-ئانا بۇ سوئالغا جاۋاب بەرگەن، نەتىجىدە3\1 ئائىلىدە بۇتېمىدا پاراڭ بولغان، 3\2 ئائىلىدە بۇتېمىدا پاراڭ بولۇنمىغان. ئالدىنقى تۈردىكى ئاتا-ئانىلار بۇنىڭدىن بۇشايمان قىلمايدىغانلىقىنى،ئەكسىچە بۇنىڭ بالىسىدىن ئايرىلىپ قالغاندىن كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۆزىگە كەلگەن روھى بېسىمنى يەڭگىللەتكەنلكىنى بىلدۈرۈشكەن. كېيىنكى تۈردىكى ئاتا-ئانىلاردىن%27 كىشى بالىلار بىلەن بۇ تېمىدا پاراڭلىشىشنىڭ ئەسلىدە بەك مۇھىم ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن.
تەتقىقاتچىلار بايقىغان يەنە بىر يورۇق نۇقتا شۇ بولغانكى بالىلىرى بىلەن ئۆلۈم تېمىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بارىدىغان ئاتا-ئانىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك دىنغا ئىشىنىدىكەن.