ئائىلە تەربىيىسى ئەمەلىيەتتە بىرتۈرلۈك «تەسىركۆرسىتىش سەنئىتى» جەريانى ھېسابلىنىدۇ، بالىلارنىڭ قەلب ئىكىنزارلىقىنى ياخشى پەرۋىش قىلمىساق، كەلگۈسىدىكى مائارىپ تەربىيىسىنىڭ ئۈنۈمى ئويلىغىنىمىزدەك بولمايدۇ.
شۇڭا، بالىلارنىڭ تۇنجى مۇئەللىمى بولغان ئانىلار بىرقىسىم پىسخىكىلىق قانۇنىيەتلەرنى ئۆزلەشتۈرىۋالسا بالا تەربىيىسىدە ياخشى ئۈنۈملەرنى قولغا كەلتۈرۈشى مۇمكىن.
شۇ مەقسەتتە، بالا تەربىيىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك 10 تۈرلۈك پىسخىكىلىق قانۇنىيەت رەتلەپ چىقىلدى.
بۈگۈن ياش ئانىلاربىلىۋىلشىقا تېگىشلىك 10 پىسخىكىلىق قانۇنىيەتنىڭ بىرىنچىسى روسېندال ئېففېكتى بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى.
ئامېرىكىلىق مەشھۇر پىسخولوگ روسېندال مۇنداق بىر تەجرىبە ئىشلىگەن:
ئۇ بىرقانچە ئاق چاشقانلارنى ئىختىيارى ھالدا A ۋە Bدىن ئىبارەت ئىككى گۇرۇپپىغا ئايرىغان ھەمدەA گۇرۇپپىدىكى چاشقانلارنى باققۇچىغا بۇ چاشقانلارنىڭ ئىنتايىن زېرەك ئىكەنلىكىنى ئېيتقان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە B گۇرۇپپىدىكى چاشقانلارنى باققۇچىغا بۇ چاشقانلارنىڭ ئادەتتىكىچە چاشقان ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
نەچچە ئايدىن كېيىن، پىروفىسسۇر بۇ ئىككى گۇرۇپپىدىكى چاشقانلارغا سىرلىق ئوردا سىنىقى ئېلىپ بارغان، نەتىجىدە A گۇرۇپپىدىكى چاشقانلار B گۇرۇپپىدىكى چاشقانلارغا قارىغاندا زېرەك بولۇپ چىققان ھەمدە ناھايىتى چاققانلا يېمەكلىكىنى تېپىپ يېگەن. B گۇرۇپپىدىكى چاشقانلار بولسا دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە بولغان.
بۇ تەجرىبىدىن كېيىن روسېندال پىروفىسسۇر ئىلھاملىنىپ، مەزكۇر تەجرىبىنى ئىنسانلارئۈستىدە ئېلىپ بارماق بولغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپكە كېلىپ، مەلۇم بىر سىنىپقا كىرگەندىن كېيىن بىرئاز ئۇياقتىن-بۇياققا ئىختىيارى ئايلانغاندىن كېيىن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلىپ، بىرقانچە نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ ئىسمىغا بەلگە ئۇرۇپ چىققاندىن كېيىن ، ئۇلارنىڭ ئوقۇتقۇچىسىغا :« بۇ بالىلارنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتى بەك يۇقىرى، بۇلار بەك قابىلىيەتلىك» دەپ ئالاھىدە ئەسكەرتكەن. مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن روسېندال ھىلىقى مەكتەپكە كېلىپ شۇنى بايقىغانكى ئۇ بالىلارئاساسەن ئالدىنقى قاتاردىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئايلانغان!
نېمە سەۋەبتىن بۇنداق ھادىسە كېلىپ چىقىدۇ؟
ئەمەلىيەتتە بۇيەردە «بېشارەت»تىن ئىبارەت سىرلىق سېھرىي كۈچ ئۆزكارامىتىنى كۆرسەتكەن ئىكەن.
كىشىلىك تۇرمۇشتا ھەربىر ئادەم تۈرلۈك پىسخىكىلىق بىشارەتلەرنى قوبۇل قىلىپ تۇرىدۇ، بۇلارنىڭ بەزىلىرى ئاكتىپ بولسا بەزىلىرى پاسسىپ بولىدۇ.
ئانا بالىغا ئەڭ كۆيۈنىدىغان ئىنسان، شۇنداقلا پەرزەنتلەر ئەڭ ئىشىنىدىغان ،ئەڭ تايىنىدىغان ئىنسان، شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇ بالىلارغا پىسخىكىلىق بېشارەت بېرەلەيدۇ.
ئەگەر ئۇزۇن مەزگىل بالىلارنىڭ سەبىي دىلىغا پاسسىپ بولغان پىسخىكىلىق بېشارەت بېرىلسە ، بالىلارنىڭ كەيپىياتى ئۇدا زەخمىگە ئۇچراپ، ساغلام بولمىغان پىسخىكا يېتىلدۈرىدۇ. ئەگەر، ئەكسىچە بالىلارغا ئاكتىپ پىسخىكىلىق بېشارەت بېرىلسىچۇ؟ ئاكتىپ مۇئەييەنلەشتۈرۈش، خاتىرجەملىك بېغىشلىغۇچى كۈلۈمسىرەش، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بولغان رىغبەت سۆزلىرى داۋاملىق بالىلارنىڭ قەلب ئېتىزىغا چېچىلسا، ئۇلاردا ئۆزىنى ھۆرمەتلەش، ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىنى كۈچەيتىشتەك ئاكتىپ پوزىتسىيە ئۇلارنىڭ خاسلىقىغا ئايلىنىدۇ.
ۋەتەندىن تولۇقلىما:
يۇقارقىسى ئامېرىكا پىسخىلۇگى روبەت.روسېندال(RobertRosenthal) يىتەكچىلىكىدە 1963-1968 يىللىرى ئېلىپ بېرىلغان تەجرىبە بولۇپ، بىزگە مۇئەييەنلەشتۈرۈش ۋە رىغبەتلەندۈرۈشنىڭ ئادەمگە كۆرسىتىدىغان كۈچلۈك تەسىرىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ.