ئەگەر سىز تۇرمۇشتا يۆنىلىشتىن ئېزىپ قالغان بولسىڭىز، بۇ ئەلۋەتتە ئۆزىڭىزنى تېخىچە چۈشەنمىگەنلىكىڭىزدىن بولىدۇ. مەن بۈگۈن دوستلارغا تەۋسىيە قىلغان بۇ پىسخىكىلىق سىناق، بۇ جەھەتتە سىزگە ياردەم بېرەلەيدۇ.
مەزكۇرسىناقنى ئىشلىگەن بىرەيلەن مۇنداق دېگەن : «بۇرۇن پىسخىكىلىق سىناق دېگەنلەرگە ئىزچىل ئۆچ ئىدىم، بۇ ئۇنى ئىلمىي ئەمەس دەپ قارىغىنىمدىن ئەمەس، بەلكى ئۇ نەرسىلەرنىڭ ئىلمىيلىكى بەكلا كۈچلۈك بولغانلىقىدىن، ئۆزۈمنىڭ شەخسىيىتىدىكى ئاجىزلىقلارنى بايقاپ قىلىشتىن ئەنسىرەيتتىم.»
شۇنداق، كۆپلىگەن كىشلەر ئۆزىنىڭ شەخسىيىتىدىكى ھەقىقى كۆرۈنۈشنى بايقاپ قىلىشتىن ئەنسىرەيدۇ، ئەمما ئۆزىمىزگە ۋاقتىدا دىئاگنۇز قويۇش، رېئاللىققا توغرا يۈزلىنىشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.
بۇ سىناق سوئالى يەنە كۆپلىگەن چوڭ شىركەتلەرنىڭ خادىم قۇبۇل قىلىش يۈزتۇرانە ئىمتىھاندىكى پىسخىكىلىق سىناقتا ئىشلىتىلگەن.
ئەمىسە سىناق سوئالغا دىققەت قىلىڭ:
A بىلەن B ئەر-ئايال ئىدى، بىراق ئىرى A سىرتتا C بىلەن نىكاھ سىرتىدىكى مۇھەببەت مۇناسىۋىتى ئورنىتىۋالدى ، B بۇئىشنى بىلىپ قالغاندىن كېيىن A بىلەن ئاجرىشىپ كەتتى. ئاز ۋاقىتتىن كېيىن Cھېسىيات جەھەتتە كېلىشەلمەي A دىن ۋازكېچىپ چەتئەلگە چىقىپ كەتتى، شۇنىڭ بىلەن A ئاخىرى D بىلەن تونۇشۇپ توي قىلدى ۋە بۇرۇنقى ئىشلارنىڭ بىرىنىمۇ ئېيتىپ بەرمىدى.
سۇئال. سىزچە بۇ مەسىلىدە تىلغا ئىلىنغان بىر ئەر ۋە ئۈچ ئايال ئىچىدە كىم ئەڭ بەختلىك سانىلىشى كېرەك، ئەڭ بەختلىك كىشىدىن ئەڭ بەختسىز كىشىگە قارىتا تېزىپ چىقىڭ (مەسىلەن:ABCD) ئاندىن نېمە سەۋەبتىن بۇنداق تىزغانلىقىڭىزنىڭ سەۋەبىنى يېزىڭ.
دىققەت! سەۋەبىنى يازماي تۇرۇپ، پايدىلىنىش جاۋابىنى كۆرۈۋالماڭ.
بۇيەرنى بېسىپ جاۋابىنى كۆرۈڭ.
پايدىلىنىش جاۋابى:
مىسالدا بىرىلگەن ABCD لارنىڭ مەنىسى بولسا؛
A پۇل، مال-دۇنياغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.
B خىزمەت ۋە كەسىپكە ۋەكىللىك قىلىدۇ.
C دوست-يارەنلىككە ۋەكىللىك قىلىدۇ.
Dسۆيگۈ ، مېھىر-مۇھەببەتكە ۋەكىللىك قىلىدۇ.
سىزقايسىنى بۇ تېزىلمىنىڭ ئەڭ ئالدىغا تىزغان بولسىڭىز، بۇ كىشىلىك تۇرمۇشتا سىزنىڭ نېمىنى ئەڭ مۇھىم دەپ قارايدىغانلىقىڭىزدىن دېرەك بېرىدۇ.
close