• قوللانچى: پارول:

بالىلار تېمىسىدىكى ئەڭ نادىر فىلىملەر:(1) «ئىت كەبى ئۆتكەن ھاياتىم»

سۆز بېشى :شۇنداق قىلىپ بۈگۈن ئارام پەيتىدە ئۆزۇم كۆرگەن بالىلارتېمىسىدىكى نادىركىنولارنىڭ تېزىسىنى ئاخىرقى ھېساپتا رەتلەپ بولدۇم. ئەسلى بۇ تەتىللىك پىلانىم ئىدى، لېكىن مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن كەينىگە سۈرۈلۈپ كەتتى..
خوش، ئەسلى گەپكە كەلسەك، بالاتەربىيىسى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان پىقىر ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا بالىلارتېمىسىدىكى نادىر كىنولارنى كۆرۈشمۇ بىرتۈرلۈك ھەۋەس ، توغرىراقىنى ئېلىپ ئېيتقاندا بىر تۈرلۈك پىكىريېڭىلاش ھېسابلىنىدۇ. مەن بۇ تېمىدىن باشلاپ تەۋىسيە قىلىدىغان كىنولار ھەقىقەتەنمۇ دۇنياۋى ياخشى باھاغا نائىل بولغان ، بالىلارمەسىلىلىرى ھەققىدىكى نادىر ئەسەرلەر ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا تورداشلارنىڭ كۆرۈپ چىقىشنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمەن.

بىرىنچى بولۇپ تەۋسىيە قىلىدىغىنىم :   شۋېتسىيە ھېكايە فىلىمى-My Life as a Dog

My Life as a Dog  (ئىت كەبى ئۆتكەن ھاياتىم) 1985-يىلى ئىشلەنگەن بولۇپ، چوڭ تەسىر قوزغىغان بالىلار مەسىلىسى ھەققىدىكى نادىرفىلىم ھېسابلىنىدۇ.
فىلىمدىكى باش پىرسۇناژ ئىنگىمار Ingemar شوق ۋە ئوماق بىر ئوغۇل بالا، بىراق ئۇنىڭ تۇرمۇشىدا ئازراقمۇ بەخت ئىزناسى تاپقىلى بولمايدۇ، ئالدى بىلەن دادىسى ئۇلارنى تاشلاپ كېتىدۇ، كېيىن بولسا ئاپىسى بەختسىزلىك ئىچىدە كېسەلچان بولۇپ قالىدۇ، ئۇنىڭ بىردىن-بىر تەسەللىي تاپىدىغان ئەرمىكى بىركۈچۈك بولۇپ قالىدۇ…
بۇنداق مۇھىتتا ئازابقا تولغان ئىنگىمار ئۆزىنى دائىم بىر تاشلىۋىتىلگەن ئىتقا ئوخىشتىپ قالىدۇ ، ئۇنىڭ قەلبىدە ئۇ خۇددى پۈتكۈل دۇنيا تەرىپىدىن تاشلىۋىتىلگەن ئىدى.
كېيىن ئۇ تاغىسىنىڭ يىنىغا بېرىپ يېڭى تۇرمۇشىن باشلايدۇ، بىراق ئۇنىڭ يۈزلەنگىنى تېخىمۇ مۇرەككەپ بىر جەريان ئىدى…. فىلىمنىڭ پۈتكۈل ۋەقەلىكى كىشگە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ، بىزنى بىر بەخىتسىزئۆسمۇرنىڭ قەلىپ كۆزى بىلەن دۇنياغا قايتا نەزەر تاشلىغۇزىدۇ.

مەزكۇر فىلىم، فىلىم  رىژىسسۇرى Lasse Hallstr نىڭ ياۋرۇپا كىنۇ ساھەسىدىكى ئورنىنى تىكلەپلا قالماي، دۇنيا مىقىياسىدا ياخشى باھالارغا ئېرىشكەن؛ 1986-يىلى شىۋىتسىيە «ئالتۇن ئوبراز »مۇكاپاتى بويىچە ،ئەڭ ياخشى ئەرباش رولچى مۇكاپاتىغا، نىيۇ-يۇرك كىنوباھالاش ھەيئىتى تەرىپىدىن ئەڭ نادىر چەتئەل تىلىدىكى فىلىم شەرىپىگە، 1987-يىلى سىئاتىل خەلقئارا كىنو بايرىمىدا ئەڭ نادىرفىلىم مۇكاپاتىغا، دانىيە كىنو باھالاش ھەيئىتى تەرىپىدىن ئەڭ نادىر ياۋروپافىلىمى شەرىپىگە، 1988-يىلى بوستون كىنوباھالاش ھەيئىتى تەرىپىدىن ئەڭ نادىر چەتئەل تىلىدىكى فىلىم مۇكاپاتىغا، «ئالتۇن شار» كىنو-تېلېۋىيە مۇكاپاتى بويىچە ئەڭ نادىرچەتئەل تىلىدىكى فىلىم مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
فىلىم  رىژىسسۇرى Lasse Hallstr شۇنىڭدىن كېيىن مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا ھوللىيۋودقا قەدەم قويۇپ، ئارقا-ئارقىدىن «ئوخشىمايدىغان ئاسمان» ، «كاسانوۋا» ، «سەپسەتە» قاتارلىق فىلىملەرنى ئىشلىگەن.
نۆۋەتتە، مېنىڭ بىلىشمچە مەزكۇر كىنونىڭ داۋامى بولغان «مېنىڭ ئاتام، ئۇنىڭ ئوغلى» ( My Father, His Son) سۈرەتكە ئېلىنىپ بولغان بولۇپ ، مەن كۆرگەن مەنبەلەردە 2011-يىلى قويۇلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن، لېكىن توردىن تاپالمىدىم، كېينچە كۆرۈپ قالسام، ئۇ ھەقتىمۇ توختىلىپ قېلىشىم مۇمكىن.

بۇخىلى كونا كىنو بولغانلىقى ئۈچۈن توردىن ۋاقتىنچە سۈزۈك نۇسقىسىنى تاپالمىدىم ، مەن سۈزۈك نۇسقىسىنى تاپقاندا تولۇقلاپ قويىمەن ، ئۇنىڭغىچە قىزىققۇچىلار بولسا تۆۋەندىكىنى كۆرۈپ تۇرۇڭلا.

توردىن ئىزدەش ئاچقۇچى : My.Life.as.a.Dog 狗脸的岁月





باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif