• قوللانچى: پارول:

سىزنىڭ مەڭگۈ، يەنە ئىككى خىل پۇرسىتىڭىز بار

بۇ ھېكايە بەك ئاددى، ئەگەر سىز مۇشۇ تاپتا مەلۇم باش ئاغرىقىڭىز ئۈستىدە ئويلىنىۋاتقان بولسىڭىز ياكى مەلۇم بىر تاللاش ئۈستىدە ئارىسالدى بولىۋاتقان بولسىڭىز… سىزگە شۇنى تەۋسىيە قىلىمەنكى بۇ ھېكايىنى بىرقېتىم ئوقۇپ چىقىڭ. خۇددى دالاي لاما ئېيتقاندەك : «ھەل قىلغىلى بولدىغان ئىشقا، ئەنسىرەش كەتمەيدۇ؛ ھەل قىلغىلى بولمايدىغان ئىشتا ئەنسىرەشنىڭ پايدىسى بولمايدۇ.»،  پېقىر ۋەتەنمۇ ئىشنىڭ ياخشى تەرىپىنى ئويلاش كېرەك دېگەننى تەكىتلەپ تۇرىدۇ. بۈگۈن بىرخەنچە بىلوگىدىن بۇ ھېكايىنى ئۇچرىتىپ قالدىم ھەمدە كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىش ئۈچۈن تەرجىمە قىلىپ قويدۇم، مېنىڭچە بۇ ھېكايىدىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدىيە، شۇ تاپتا سىز دۇچ كەلگەن ئەشۇ مەسىلىلەرگە باشقا بىر نۇقتىدىن قاراپ بېرىشىڭىزغا تۈرتكە بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

بۇرۇن بىر يىگىت بار بولۇپ، يېشى ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەش باسقۇچىغا يەتكەنلىكى سەۋەبلىك، ئەسكەرلىككە تىزىملىتىشقا  چاقىرىتىلىپتۇ ۋە ئەڭ جاپالىق بولغان- دېڭىزئارمىيىسنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش قىسمىغا تاللىنىپتۇ.
قىسىمغا چاقىرىشتىن ئاۋالقى كۈنلەردە، يىگىت كۈن بويى ئېغىر غەمدە يۈرۈيدىغان، گېلىدىن تاماقمۇ ئۆتمەيدىغان بولۇپ قاپتۇ.
يىگىتنىڭ بىر پاراسەتلىك بوۋىسى بار بولۇپ، ئۇ بۇكۈنلەردە نەۋرىسىنىڭ بۇھالغا چۈشۈپ قالغىنىنى بايقاپ، ئۇنى ئالدىغا چاقىرتىپ مۇنداق ئېيتىپتۇ:

- ھەي بالام، ھېچقانداق ئەنسىرەشنىڭ ئورنى يوق. دېڭىزئارمىيىسنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش قىسمىدا جەڭچى بولساڭ، ئىككى خىل پۇرسىتىڭ بار. بىر بولسا ئىچكى قىسمىدا ۋەزىپە ئۆتەيسەن، بىر بولسا سىرتتا ۋەزىپە ئۆتەيسەن. ناۋادا ئىچكى قىسىمدا ۋەزىپە ئۆتىسەڭ ھېچقانداق ئەنسىرەشنىڭ ئورنى يوق.
بۇگەپنى ئاڭلىغان يىگىت ئالدىراش سوراپتۇ:

- ئەگەر، سىرتتا ۋەزىپە ئۆتەشكە تەقسىملىنىپ قالسامچۇ؟
-ئۇنداقتا سىنىڭ يەنە ئىككى خىل پۇرسىتىڭ بار، بىر بولسا مۇشۇ ئارالغا تەقسىملىىنىسەن، ياكى بولمىسا باشقا بىر ئارالغا تەقسىملىنىسەن. ناۋادا بۇ ئارالدا ۋەزىپە ئۆتەشكە تەقسىملىنىپ قالساڭ نېمىدىن ئەنسىرەيتتىڭ.

- ئەگەر..باشقا بىر ئارالغا تەقسىملىنىپ قالسامچۇ؟
- ئەلۋەتتە يەنىلا ئىككى خىل پۇرسىتىڭ بار. بىر بولسا ئارقا سەپكە تەقسىملىنىسەن، ياكى ئالدىنقى سەپكە تەقسىملىنىسەن. ناۋادا ئارقا سەپكە تەقسىملەنسەڭ، بەكلا ئازادە بولۇپ قالىسەن.

يىگىت سوئالىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ:

- ھىم… ناۋادا…….ئالدىنقى سەپكە تەقسىملىنىپ قالسام………؟

- ئەنسىرىمە، بۇنىڭدىمۇ ئىككى خىل پۇرسىتىڭ بار. بىربولسا بازىدا تۇرۇشلۇق قوغداش ئەترىتىدە بولۇپ، تىنچ -ئامان سەپتىن چېكىنىسەن، بىر بولسا ئۇرۇشقا چىقىسەن، سىنى كۈتۈلمىگەن خەۋپلەر ساقلاپ تۇرغان بولىدۇ. قوغدىغۇچى ئەسكەر بولۇپ، تىنىچ-ئامان قايتساڭ، يەنە نېمە ئەنسىرەش؟

- ئەگەر كۈتۈلمىگەن خېيىم-خەتەرگە يولۇقۇپ قالسامچۇ؟- بۇگەپنى دەۋاتقاندا يىگىتنىڭ چىرايى تاتىرىپ كېتىپتۇ.

-ئۇنداقتا سىنىڭ يەنىلا ئىككى خىل پۇرسىتىڭ بار- دەپ جاۋاب بېرىپتۇ بوۋاي ئېغىر-بېسىق تەلەپپۇزدا- بىر بولسا يېنىك يارىلىنىسەندە ئارالغا داۋالىنىشقا قايتۇرۇلىسەن، يەنە بىر بولسا ئىغىريارىلىنىسەن، بەلكىم داۋالاش ئۈنۈم بەرمەسلىكىمۇ مۇمكىن. ئەگەر يېنىك يارىلىنىپ قالساڭ، ئارالغا قايتىپ داۋالىنىسەن، يەنە نېمە قورقۇش.

بۇگەپنى ئاڭلىغان يىگىتنى قاتتىق سۈر بېسىپتۇ، ۋە يۇقىرى ئەھم تىترەڭگۈ ئاۋازدا سوراپتۇ:

-ئۇنداقتا…………….ئىك….كىنچى..خىل ئاقىۋەتكە يولۇقۇپ قالسام…….چۇ؟
بۇ ۋاقىتتا بوۋاي قاھ-قاھلاپ كۈلۈپ كېتىپتۇ.
- ناۋادا ئۇ پۇرسەتكە ئېرىشسەڭ ئۆلىسەن شۇ، يەنە نېمىدىن ئەنسىرەتتىڭ؟!
………….
يەنىلا شۇ كونا گەپنى تەكرارلايمىز، ھاياتتا ئىشلارنىڭ قانداق بولۇشى، بىزنىڭ پوزىتسىيىمىزگە باغلىق. مەسىلىلەرگە توغرا يۈزلەنسەك ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ نۇرغۇن ئىمكانىيىتىنى بايقىيالايمىز. ھەممە ئىشنىڭ ئىككى تەرىپى بولىدۇ، بەلكىم ئۇنىڭدىن كۆپ بولىشىمۇ مۇمكىن. ئىسىمگە يەنە بىركىلاسسىك گەپ كېلىپ قالدى: ئەگەر كۆڭلىزدىكى ئەشۇ قورقۇنچنى تارمار قىلىۋەتسىڭىزلا، سىزئويلاپ باقمىغان پۇرسەت ئىشىكلىرى ئۆزلىكىدىن ئېچىلىدۇ.
ps. ئۇنتۇپ قالماڭ، سىزنىڭمۇ ئىككى خىل پۇرسىتىڭىزبار.





4 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • بىلسەبىر جاۋاب

    ۋەتەن بەك ياخشى تېمىلارنى يوللايسز جۇمۇڭ.دىمىسىمۇ ھەرقانداق بىر ھادىسىنىڭ پەقەت ئىككى خىللا ئاقىۋىتى بولىدۇ،يا ياخشى ئاقىۋەت يا يامان ئاقىۋەت، بۇ بىر ھەممە ئادەم بىلىدىغان ئاددي قائىدە بولۇشى مۇمكۇن ،لېكىن بىز دائىملا ئنىتايىن مۇرەككەپلىك ئىچىگە چۆكۈپ كېتىمىز.مەن ئالي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا كەلگۈسۈمنى پەرەز قىلاتتىم ،بەزىدە مىنى قورقۇنۇچ بىسىۋالاتتى،ئۈمۇدسىزلىنەتتىم ،بىراق ئون نەچچە يىلدىن كىيىنكى بۈگۈنكى كۈندە مەن بۇرۇن ئەنسىرىگەن ئىشلارنىڭ ھېچقايسىسى يۇز بەرمىدى.شۇڭا دەيمەن،ھېلىقى كونا گەپ بەكلا توغرىكەن، بۇگۈنۇڭنى قولدىن بەرمە.

    • توغرا بىز ھامان مەلۇم خىل تەقدىردىن قىچىپ قۇتۇلالمايمىز، ھاياتنىڭ فورمۇلاسى ئەمەلىيەتتە مۇشۇنداق ئاددى.

  • يامان جىق گەپ قىلىدىغان ئەسكەركەن :mad:

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif