• قوللانچى: پارول:

ئەرلەر ۋە خانىم-قىزلارنىڭ پىسخىكىسىدىكى 16تۈرلۈك قىزىقارلىق پەرقلەر

چەتئەل پىسخىلۇگلىرى ئۇزۇن يىللىق كۈزىتىش ئارقىلىق ئەرلەر بىلەن خانىم-قىزلارنىڭ پسىخىكىسىدا 16 تۈرلۈك روشەن ئوخشىماسلىقنىڭ بار ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم چىقارغان ئىكەن، بۈگۈن تورئارىلاۋىتىپ مەزكۇر تەتقىقات نەتىجىسىنى ئۇچرىتىپ قالدىم، قارىسام كۆپچىلىك بىلىپ قويۇشقا تېگىشلىك مەزمۇنلار ئىكەن، شۇنىڭ بىلەن كونائادەت بويىچە ، بىريولىلا تەرجىمە قىلىپ ئېلىپ كەلدىم.
1. ئەرلەر ياشلىق مەزگىلىدە نۇرغۇن دوست تۇتىدۇ، ئەمما ئاياللارنىڭ دوستى ئوتتۇرا ياشلىق مەزگىلىدىن كېيىن ئاندىن كۆپىيىدۇ.

2.تەخمىنەن %25 يىگىتلەر تۇنجى قېتىملىق ئۇچرىشىشتىلا قارشى تەرەپنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ، ئەمما قىزلارنىڭ ئاران %15تى تۆرت قېتىم ئۇچراشقاندىن كېيىن ئاندىن قارشى تەرەپنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ.

3.خانىم-قىزلارنىڭ قارار چىقىرىش سۈرئىتى ئەرلەرنىڭكىدىن نەچچە ھەسسە تېز بولىدۇ.

4.مەكتەپكە كىرگەن ۋاقتىدىن تاكى ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگىچە ئوغۇللار باشقىلارنى باشقۇرۇشقا ئامراق كېلىدۇ، ئەمما توي قىلغاندىن كېيىن تۇرمۇشى ئۇزارغانسېرى ئاستا-ئاستا ئايالىنىڭ باشقۇرۇشىنى قۇبۇل قىلىدۇ.

5.ئوغۇللار مەشۇقىنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ، لېكىن قىزلار ئاشىقىنىڭ بىرەر ھادىسىدە تالاپەتكە ئۇچرىشىدىن ئەنسىرەيدۇ.

6.ئەرلەر ھۇجۇم يوسۇنىدا خىزمەت قىلىشنى ياقتۇرىدۇ، ھالىدىن كەتكەندە ئارام ئالىدۇ. ئاياللار بولسا رېتىمى ئۆزگەرمەيدىغان خىزمەتلەرنى ياقتۇرىدۇ.

7.كۆپلىگەن تەكشۈرۈشلەردىن ئىسپاتلىنىشىچە، ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ ھەممىسىلا ھەق-ناھەقنى ئايرىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئەمما يالغاننى توقۇش دەرىجىسى ئوخشىمايدۇ.

8.جىنايەتكە قارشى تەتقىقاتلارنىڭ كۆرسىتىلىشچە؛ يامان نىيەتلەرگە ئۇچرىغاندا قارشىلىق كۆرسىتىش نىسبىتى جەھەتتە ئاياللار ئەرلەرگە قارىغاندا%25 يۇقىرى بولىدۇ.

9.ئادەتتە تەخمىنەن 3\2 ياكى5\4 ھاراقخۇمار لار ئەركىشى ھېسابلىنىدۇ. لېكىن ، ئون ئەرنىڭ پەقەت بىرىلا ھاراق خۇمارى بار ئايال بىلەن تۇرمۇش كەچۈرەلەيدۇ ، ئەمما ئون ئايالنىڭ توققۇزى ھاراقخۇمارى بارئەر بىلەن تۇرمۇش كەچۈرەلەيدۇ.

10.جىنايەت ئۆتكۈزگەن ئەرلەر ئىچىدە بويتاقلاردىن ،توي قىلغانلىرى كۆپ ، ئەمما جىنايەت ئۆتكۈزگەن ئاياللار ئىچىدە بويتاقلىرى كۆپ.

11.تۇرمۇشقا بولغان رازىمەنلىك جەھەتتە، تۇرمۇش قۇرغان ئەرلەر، بويتاق ئەرلەرگە قارىغاندا ئىككى ھەسسە كۆپ. بىراق لېكىن تۇرمۇش قۇرغان ئاياللار ئىچىدە تۇرمۇشتىن رازى بولىدىغانلىرى تۇرمۇشلۇق بولمىغانلىرىدىن بەكلا ئاز، مەيلى بالىسىنىڭ بار-يوقلۇقىدىن قەتئىي نەزەر شۇنداق.

12.ستاتىستىكا قىلىنىشىچە ،چۈشۈرۈۋېتىلگەن ھامىلىلەرنىڭ كۆپ قىسمى ئوغۇل بالا ئىكەن.

13.چۈش كۆرۈش جەھەتتە؛ ئەرلەر كۆپىنچە نامەلۇم بىر مۇھىتتا، نامەلۇم ئەرلەر بىلەن بولغان ئىشلارنى چۈشەيدۇ، يەنە كېلىپ كۆپىنچىسى زىددىيەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئەگەر چۈشىدە ئاياللارنى كۆرگەن بولسا ئادەتتە كۆپىنچىسى جىنسىيەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ئاياللار چۈش كۆرسە، كۆپىنچە ھاللاردا تونۇش مۇھىت ۋە تونۇش دوست-بۇرادەرلەرنى، ئۇرۇق -تۇغقانلارنى كۆرىدۇ.

14. خانىم-قىزلار ئەڭ كۆڭلىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر جايىدىكى ھېسسىياتىنى يوشۇرۇشنى ياخشى كۆرىدۇ، لېكىن ئەرلەر قارشى تەرەپكە بىلدۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەگەر بىرئەردىن « بۇ كۆينەكنى نەدىن ئالدىڭىز؟» دەپ سورىسىڭىز ئۇ دەرھال ئېيتىپ بېرىدۇ، ئەمما بۇ سۇئال ئايال كىشىدىن سورالسا،ئۇ « قانداق، بىرەر مەسىلە بارمىكەن» دەپ سورايدۇ.

15. ئاياللار ئۆينىڭ ئالدىغا كەلگەندىلا ئاندىن ئىشىكنىڭ ئاچقۇچىنى چىقىرىدۇ، بىراق ئەرلەر ئۆيگە كېلىشتىن بۇرۇنلا ئاچقۇچنى چىقىرىپ بولىدۇ.
ئوت ياققاندا، ئاياللارسەرەنگە تېلىنى سىيرىگەندە تۆۋەنگە سىرىدۇ، ئەرلەر بولسا يۇقىرىغا سىرىدۇ. سەۋەبى ئاياللار ئۆزىنى كۆيدۈرىۋىلىشتىن قورقىدۇ.

16.گېرمانىيىنىڭ بىر گېزىتخانىسى مۇنداق تەجرىبە ئىشلىگەن. مۇناسىۋەتلىك خادىملار مىيۇنخىندىكى بىر دۇكاننىڭ ئالدىغا بىر تىكلىمە كۆرگۈ ئەينەك ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان، سەككىزسائەتلىك كۈزىتىش جەريانىدا ، ئەينەك ئالدىدىن ئۆتكەن 1620 نەپەر خانىم-قىزلارنىڭ 3\1 قىسمى، قەدىمىنى توختىتىپ قىسقا ۋاقىت ئەينەككە قارىغان؛ ئەمما ئەينەك ئالدىدىن ئۆتكەن 600ئەركىشىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئەينەك ئالدىدا توختاپ ئۆزىگە ئۇبدان قارىۋالغان، خىلى كۆپ قىسمى ئارقىسىغا قاراپ باشقىلارنىڭ ئۆزىنى كۆزەتكەن-كۈزەتمىگەنلىكگە دىققەت قىلغان.

Ps.يۇقارقى مەزمۇنلاردا ئۇدۇللا بىرنەرسە دېمىگەن، ئەلۋەتتە بۇ بىزنىڭ پىكىر قىلشىمىزغا قالدۇرۇلغان بوشلۇق.





2 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • باتۇرخان جاۋاب

    قىزقارلىق بولسىمۇ مۇشۇنداق پەرىق بولىشى كېرەك، بولمىسا ئەرلەر بىلەن ئاياللار ئوخشاپ قالمامدۇ. پەرىق بولغاچقىلا دۇنيادا ھەممىمىز بىر تالدىن.

  • بىلسەبىر جاۋاب

    نېمىشقىكىن مۇشۇنداق نەرسىلەرگە ئانچە ئىشىنىپ كەتمەيمەن، چەتئەللىكلەرگە ئوخشىمىساق بىز .پىكىر خىيالىمىز ،تەسەۋۋررىمىز.تەپەككۈرىمىزدا خىلى كۆپ پەرىق بار تۇرسا،ئۇلارنىڭ تەتقىقات نەتىجىسى بىزگە ماس كىلىپ كەتمەس دەيمەن.

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif