• قوللانچى: پارول:

«يېمەكلىك تىرىلۇگىيىسى»-تۈركىيىنىڭ ئۈچ نادىركىنۇسى

بۈگۈن شەنبە بولسىمۇ، يېڭى ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ خىزمەتلىرى باشلانغانلىقى ئۈچۈن چۈشكىچە ئارام ئالالمىغان ئىدىم، چۈشتىن كېيىنكى ئارام ۋاقتىداتۈنۈگۈن كەچ توردىن چۈشۈرۈپ قويغان تۈركىيە ساپ ھەسىلىدىن يىۋىدىم ،چارچاشلىرىم نەلەرگىدۇ تارقاپ، ئاجايىب بىرخىل گىرىمسەن تۇيغۇلار ئىچىدە ئاستا-ئاستا ئۇيقۇغا غەرق بولۇپ كېتىپتىمەن..
ھى ھى..سەل تاقا-تۇقا گەپ قىلىپ قويدۇم ھە؟!..مېنىڭ بۇيەردە دەۋاتقىنىم، تۈركىيىنىڭ يەنە بىر نادىرفېلىمى«ھەسەل»(تۈركچە نامى: «بال»)نىڭ گىپى.شۇنىڭ بىلەن تۈركيىلىك داڭلىق رىژىسسۇر سەمىھ.قاپلانئوغلۇنىڭ«يېمەكلىك تىرىلۇگىيىسى»نى تاماملاپ بولدۇم.ئەلۋەتتە، سۆزۇمنىڭ مۇرەككەپلىشىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن بۇيەردە ئالدى بىلەن«يېمەكلىك تىرىلۇگىيىسى»نى ئەسكەرتىۋىتەي: بۇ دۇنيا كىنۇ ساھەسىدىكىلەرنىڭ تۈركىيىنىڭ داڭلىق رېژىسسۇرى سەمىھ.قاپلانئوغلۇنىڭ ئارقا-ئارقىدىن ئىشلىگەن«تۇخۇم»،«سۈت»ۋە«ھەسەل»دىن ئىبارەت ئۈچ نادىر فىلىمىغا بەرگەن نامى بولۇپ، ئۆزنۆۋىتىدە بۇ ئۈچ فېلىم يەنە«يۈسۈپ تىرىلوگىيىسى»دەپمۇ ئاتىلىدۇ.(ئۈچ فېلىمدىكى باش پىرسۇناژنىڭ ئىسمى ئوخشاشلايۈسۈف بولغانلىقى ئۈچۈن)
سەمىھ.قاپلانئوغلۇتۈركىيەكىنۇساھەسىدە تېزلا كۆزگەكۆرۇنگەن شەخس. ئۇ 2006-يىلى«چۈشكۈن پەرشتە»ناملىق ئەسىرى بىلەن بىرلىن دۇنيا كېنو فېستۇۋالىداكۆزگە كۆرۇنگەن ۋە خەلقئاراكېنوساھەسىدەبىركىشىلىك ئورۇنغا ئىگە بولغان.
سەمىھ نىڭ ئەسەرلىرىدىكى ئالاھىدىلىك بولسا مېنىڭچە بىرخىل سىھرىي كۈچكە ئىگە جەلىبكار جىمجىتلىق ۋەتەبىئىيلىك، لېرىك شىئېردەك گۈزەل تىل بولسا كېرەك.
ئۇنىڭ ئالدىنقى ئەسەرلىرىدىن «تۇخۇم»2007-يىلى كاننىس كىنوبايرىمىدا،«سۈت»2008-يىلى ۋېنىتسىيە كېنو بايرىمىدا مۇۋاپىقىيەتكە ئېرىشكەندىن كېيىن «ھەسەل»2010-يىللىق بېرلىن كىنۇ بايرىمىدىكى ئەڭ مۇھىم مۇكاپات«ئالتۇن ئېيىق»قا نائىل بولدى، بەلكىم بۇ تۈركىيە كېنۇلىرىنىڭ مەزكۇر مۇكاپاتقا تۇنجى قېتىم ئىرىششى مۈمكىن.مەزكۇركىنۇمۇكاپاتقا ئېرىشكەندە، باھالاش ھەيئىتىنىڭ رەئىسى ھېرتزۇگ شۇنداق دېگەن:«ئەينى ۋاقىتتا مېنىڭ بۇ مۇكاپاتنى مەزكۇرفىلىمگە(«ھەسەل»)بېرىشنى قارار قىلىشمغا 10سېكۇنتمۇ ۋاقت كەتمىدى!»
ئەلۋەتتە مەن(«ۋەتەن»)مۇشۇنداق دەيمەن: بلوگىمدا تەۋىسيە قىلغان كىنۇلارنى ئىككىلەنمەيلا كۆرۇڭ، چۈنكى مەن كىنۇنى بەك تاللاپ كۆرىمەن!(يۈزى سەل قىزارغان چىراي ئىپادىسى)…
كىنۇلارنىڭ قىسقىچە چۈشەندۇرىشىنى يېزىپ ئولتۇرمىدىم،ئۆزۇڭلاربىۋاستە تەسىراتقا ئىرىشكىنىڭلارياخشى مېنىڭچە.

«تۇخۇم»(2007-يىلى)

«سۈت»(2008-يىلى)

 «ھەسەل»(2010-يىلى)

چۈشۈرۈپ كۆرمەكچى بولساڭلار ئەلۋەتتە مەزكۇركىنۇلارنىڭ خەنچە نامىنى يېزىپ ئىزدەيسىلەر،ئەلۋەتتە«تۇخۇم»،«سۈت»،«ھەسەل»نىڭ خەنچە ئاتىلىشىنى بىلىسىلەرغۇ-ھە؟





13 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • ئولتۇرۇپ كىنو كۆرگىدەك چاغلارنىمۇ ئاللاھ بىزلەرگىمۇ نىسىپ قىلسا ! كۆز تەگمىسۇن بۇرادەر، يەنە ئۇز كىنولار بولسا تونۇشتۇرغاچ تۇرۇڭ.

    • weten

      ئەمدى مېنىڭمۇ بۇنداق كۈنلىرىم بولمايدۇ، ئىشقا چۈشۈپ كەتتۇق :cry:

  • 迅雷 دىن ئىزدەپ تاپالمىدىمغا…. :evil:
    تۈركىيەنىڭمۇ كىنو چۈشۈرىدىغان تورلىرى بولسا قالدۇرۇپ قويماملا… :mrgreen:

    • weten

      بولىدۇ :mrgreen:

    • بال دېگەن فىلىمنى قۇتياردا تەرجىمە قىلىپتىكەن، شۇ يەردىن كۆرەلەيسىز، قالغان ئىككى فىلىمنى مەنمۇ كۆرۈپ باقماپتىمەن

  • ھەي، ئەمدى ئىشقا چۈشۈپ مىنىڭمۇ كىنو كۆرگۈدەك ۋاقتىم قالمىدى – دە ! ……… :???:

  • ھەممىسىنى چۈشۈرۈپ قويدۇم،تۈركچەمنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ كۆرەيمىكىن دەيمەن!

  • مەسئۇت جاۋاب

    ھەي ..قاچانمۇ كۆرەرمىز ، مېنىڭمۇ بوش ۋاقتىم يوق ئەمدى!! :cry:

  • تۈركىيەنىڭ فىلىم ئىشلەش تېخنىكىسى ياۋروپاغا يىقىنلىشىپ قالدىمۇ قانداق !

    نىمىشقىكىن مۇشۇلارنىڭ كىنولىرىنى كۆرسەم خۇددى ئۇيغۇرنىڭكىنى كۆرگەندەك بولىمەن … قانداش بولغاچقىدۇ بەلكىم !

  • مەنمۇ توردىن چۈشۈرۈپ قويدۇم، شۇغىنىسى كۆرگىدەك ۋاقىت چىقمايۋاتىدۇ مانا…

  • تورباجىن جاۋاب

    ئۇچىنى چىقىرىپ قۇيۇپلا، قانداق كۆرۈشنى تەپسىلى دىمەپسىز؟ بىزنىڭ كۆرگىمىز بار ئىدى دەيمەن.

  • مۇشۇ كىنولارنىڭ خەنچە ئاتىلىشىنى قالدۇرۇپ قۇيسىڭىز ياخشى بۇلىدىكەنتۇق ،

  • بۇ كىنولاردا گەپلەر ھەددىدىن زىيادە ئاز ،5`6 مىنۇت كۆرسىڭىز ئاندىن بىرە ئىغىز گەپ قىلىدۇ ،پۇتۈنلەي تەبىئەتنىڭ ئاۋازى (قۇشلارنىڭ سايرىغان ، دەرەخنىڭ شىلدىرلىغان ، سۇنىڭ شاقىرغان ) بەك گەۋدىلىك ، بەك جىمجىت ئىشلىگەن كىنوكەن .ۋەقەلىكىمۇ چىن تۇرمىشنى گەۋدىلەندۇرۇپ ئىشلىگەنكەن . چەتئەلنىڭ ھەركەتلىك فىلىملىرىنى كۆرۈپ كۆنۈپ قالغانلارغا بۇ فىلىم ياقماسلىقى مۇمكىن . :)

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif