• قوللانچى: پارول:

بىزكۆرگەن نادىر كىنۇلار(1)-ئەشۇقالتىس قەھرىمانلارئوبرازلىرى

ئالدىنقى قېتىم ياپۇنىيە تېلېۋىزيە تىياتىرى «ئاپشاركا پۈشتىكى» ھەققىدە ئەسلىمە يوللىغاندىن كېيىن، يەنە شۇ بالىلىق دەۋرىمىزدە كۆرگەن ،قەلبىمىزدە غايىۋانە قەھرىمانلىق ئىستەكلىرىنى ئۇرغۇتقان ، قىسىقىسى بىزنى ھاياجانغا سالغان بىرقانچە كىنۇلارنى توردىن ئىزدەپ تاپتم ۋە كۆرۇپ چىقتىم. بەلكىم سىزنىڭمۇ بۇ كىنۇلارنى يەنە بىرقىتىم كۆرۇپ باققۇڭىز كېلىپ قىلشىى مۈمكىن ، ئۇنداقتا بىرلىكتە ۋاقىت تونىلى ماشىنىسىغا ئولتۇرۇپ ،ئەينى يىللاردىكى كىنۇخانىلارغا قايتايلىمۇ؟

1. «مودا دەۋرى»(«Modern Times»《摩登时代》)

دۇنيا كىنۇچىلىقىنىڭ باشلامچىسى، كومىدىيە ئاتىسى چارلس .چاپلىنىنىڭ مەشھۇر ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن بىرى بولغان مەزكۇر فىلىم1935-يىلى ئىشلەنگەن بولۇپ،1936-يىلى ئامېرىكىدا تۇنجى قىتىم قويۇلغان.«مودا دەۋرى» ئادەتتىكى كومىدىيىلىك فىلىم بولماستىن بەلكى ئەينى دەۋردىكى ئىقتسادىي كىرىزىسنى ئارقا كۆرۇنۇش قىلىپ ،تۆۋەن تەبىقە كىشلىرىنىڭ جان بىقىش يولىدىكى ئېچىنىشلىق كەچمىشلىرىنى بايان قىلغان.
بىلىشىمچەبۇ كىنۇ ئۇيغۇر تاماشىبىنلاربىلەن ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى يۇز كۆرۇشكەن،ئەسلەپ باقسام مەن ئىسىمنى بىلسەم كىشلەر چارلىزچاپلىننى «مودا» دەپ ئاتىشاتتىكەن ،بىزمۇ مەكتەپلەردە ئۇنىڭ قىلىقلىرىنى دوراپ يۈرەتتۇق.ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى ۋە ئۇنىڭدىن بۇرۇن تۇغۇلغان نۇرغۇن كىشلىەرنىڭ خاتىرىسىدە مەزكۇر فىلىمنىڭ چوڭقۇر تەسىرى بار.

2.«قوغلاپ تۇتۇش» (追捕)

بەلكىم ئالدىنقى ئەسىرنىڭ70-يىللىرىنىڭ ئاخىرى80-يىللىرنىڭ باشلىرىدا ياپۇنىيە-جۇڭگو مۇناسىىۋىتىنىڭ ياخشىلانغانلىقىنىڭ بەلەىسى بولسا كېرەك. ياپۇنىيىنىڭ بىرقانچىلىغان نادىر كىنۇلىرى شۇ چاغلاردا جۇڭگولۇقلاربىلەن يۈزكۆرۇشكەن ئىكەن.«قوغلاپ تۇتۇش» ئەنەشۇ ياپۇنىيە كىنۇلىرى ئىچىدە جۇڭگولۇقلارغا جۈملىدىن ئۇيغۇر تاماشىبىنلارغا ئەڭ يارىغان كىنۇلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھېلىھەممۇ خەلقىمىزنىڭ ئىغىزىدىن چۈشمەيدۇ.مەن بۇ كىنۇنى بالىلىق دەۋرىمدە بىر كۆرگەن بولۇپ ،راستىنى ئىيتسام چۈشەنمىگەن ئىكەنمەن، يىقىندا توردىن ئاختۇرۇپ يۈرۈپ بىرنۆۋەت كۆرۇپ چىقتىم ،دەرۋەقە شۇ دەۋرلەرگە نىسبەتەن ھەقىقەتەنمۇ ئېسىل كىنۇ دىيىشكە بولىدۇ.بىلىشىمچە ،بىرمەزگىل بۇ كىنۇنىڭ ناخشا-مۇزىكىسى ئۇيغۇرياشلىرى ئارسىدا مودا بولۇپتىكەن، ھازىرمۇ «دۇچۇ»(كىنۇدىكى باش پۇرسۇناژ) لەقەملىك كىشلەرنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. «قوغلاپ تۇتۇش»1976-يىلى ئىشلەنگەن بولۇپ ،باش رولداTakakura Ken.

3.«زورو »(Zorro،佐罗)

فىرانسىيە كىلاسسىك فىلىمى «زورۇ» دىكى باش قەھرىمان ،نىجاتكار زورۇ يىقىنقى زامانلارغىچە بالىلارنىڭ قەلبىدىكى ئەڭ قالتىس ئوبرازلارنىڭ بىرى ئىدى.«زورۇ»1975-يىلى ئىشلەنگەن بولۇپ ،تۇنجى ئەۋلاد«007»فىلىملىرىدە باش رول ئالغۇچى ئالەن دلۇن(Alain Delon) باش رول ئالغان.باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىللەردە بۇ كىنۇنى كىنۇخاناۋە تېلېۋىزيىدە كۆپ بىرەتتى، مەكتەپتە بىز تام،دوسكا ۋە باشقىلارنىڭ دۈمبىسى قاتارلىقلارغا زورۇنىڭ بەلگىسى بولغان«Z» بەلگىسىنى سىزىپ قويۇشنى ياخشى كۆرەتتۇق.

4.«تۇنجى تامچە قان»(第一滴血،First Blood)

ھىلىھەم ،«رامبۇ» دېسە بىلمەيدىغانلار ئاز بولسا كېرەك.«رامبۇ»(Rambo) باش تېمىسدىكى بىريۇرۇش كىنۇلار(ئەمەلىيەتتە«تۇنجى تامچە قان»نامىدىكى يۈرۈشلۇك كىنۇلار) بىزدە ھەقىقەتەنمۇ بىر دەۋر ياراتقان دېيشىكە بولىدۇ. قالتىس قەھرىمان رامبۇ نىڭ خەتەرلىك ۋەزىپىلەرنى ئورۇندىشى ھېكايە قىلىنغان بۇ ئۇرۇش كىنۇلىرى«تۇنى تامچە قان » دىن باشلاپ جۇڭگو تاماشىبىنلىرى ،جۈمىلىدىن ئۇيغۇر تاماشىبىنلىرى ئەڭ ياقتۇرۇپ كۆرۇدىغان قەھرىمانلىق كىنۇلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. «تۇنجى تامچە قان»نىڭ دەسلەپكى بۆلىمى 1982-يىلى ئىشلەنگەن.سىتاللۇن (Sylvester Stallone)شۇنىڭدىن كېيىن دۇنياۋى گىگانت چولپانغا ئايلانغان.ئۇ نىڭ باش رول ئالغان كىنۇلىرى دۆلتىمىزگە كىرگەندىن كېيىن ،ياشلاردا زەبەردەست بەدەن يېتىلدۈرۈش قىزغىنلىقى كۆتۇرۇلگەن.مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىمىزدا مۇسكۇللىرى بۇرتۇپ چىققان رامبۇنىڭ خىلمۇ-خىل كىنۇ ئېلدن رەسىملىرنى ياتاق تېمىغا چاپلىۋىلش مودا ئىدى…
مەنمۇ سىتاللۇن كىنۇ مەستانسىدىن بىرى بولۇپ بۇ كەمگىچە ئۇنىڭ ئاساسلىق كىنۇلىرىنى كۆرۇپ بولدۇم، نۆۋەتتە يىشى ئاللاقاچان 60تىن ھالقىغان سىتاللۇن بۇندىن كېيىن كىنۇ ئىشلەمدۇ يوق بۇنىسى ئىنىق ئەمەس،ئەيتاۋۇر بۇ ئازگەپ قىلىدىغان ئىتاليانغا ئۇزۇن ئۆمۇر تىلەيمەن.

5.«ھۆكۈمراننىڭ ھۆكۈمرانى» (王中王)

فىرانسىيىنىڭ داڭلىق ئارتىسى يان.پائۇل.بىلمۇندوJean-Paul Belmondo)) باش رول ئالغان بۇ كومىدىيىلىك فىلىمدە 1936-يىلى فاشىست گېرمانىيسىنىڭ زورلۇق بىلەن بىرلىندا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسنى تەشكىللىشى ۋە فىرانسىيىلىك بىر بوكس تەنھەرىكەتچىسىنىڭ گېرمانىيىدىكى ھەم خەتەرلىك ھەم كومىدىيىلىك كەچۈرمىشلىرى تەسۋىرلىنىدۇ شۇنداقلا ھېتلىر قاتتىق مەسخىرە قىلىنىدۇ. مەزكۇر كىنۇ1982-يىلى ئىشلەنگەن بولۇپ،رايۇنىمىزدا ئەيىنى يىللاردا قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەن كىنۇلارنىڭ بىرى.

6.«ياۋاغازپىدائىيلىرى»(野鹅敢死队، The Wild Geese)

1978-يىلى ئىشلەنگەن ئەنگىلىيە ئۇرۇش فىلىمى«ياۋاغازپىدائىيلىرى» نىڭ ئۇيغۇرچەتەرجىمسىى رايۇنىمىزدا قويۇلغاندىن تارتىپ تا ھازىرغىچە تاماشىبىنلارئەسلەپ تۇرىدىغان نادىركىنۇلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.
كىنۇدا 50نەچچە كىشىدىن تەشكىللەنگەن «ياۋاغازپىدائىيلىرى»نامىدىكى ياللانما قوشۇننىڭ ئافرىقدىكى بىر ئەكسىيەتچى قۇراللىق كۈچنىڭ قولىدىن دىمۇكراتىك زات لىنبانى زۇڭتوڭنى قۇتۇلدۇرۇپ چىقىش يولىدىكى قانلىق كەچمىشى ھېكايە قىلىنغان.جىددىي، دىئالۇگلىرى جانلىق بولغان بۇ كىنۇ تاماشىبىنلىرىمىز قەلبىدە چوڭقۇر تەسىرلەرنى قالدۇرغان.
بۇ كىنۇدىكى خىلى كۆپ دىئالۇگلارنى ھازىرمۇ دوراپ قويىمىز ،قىزقچىلىق قىلىپ.مەسىلەن :«چىقىشە ئاق پىشماقلار!!» ….
ئاڭلىسام بۇ كىنۇنىڭ 2-بۆلىمى بار ئىكەن، لىكىن ھىچ تاپالمىدىم.

7.«كۆۋرۈك»(《桥》)

سابىق يۈگۈسلاۋىيىنىڭ نادىر كىنۇسى «كۆۋرۈك»نى بىلمەيدىغانلار ئاز بولسا كېرەك.1969-يىلى ئىشلەنگەن بۇن كىنۇ ھەقىقەتەنمۇ كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى چەككۈدەك ئەركەك كىنۇ .مەنمۇ پات-پات توردىن كۆرۈپ قويىمەن، نەچچە مەرتە كۆرسىمۇ ئادەمنى زىرىكتۈرمەيدىغان كىنۇلارنىڭ بىرى بۇ.سابىق يۈگۈسلاۋىيىلىك چولپان Velimir ‘Bata’ Zivojinovic باش رول ئالغان بۇ كىنۇ قويۇلغاندىن كېيىن رايۇنىمىزدكىنۇ مەستانىلىرى قەلبىدە باش قەھرىمان «ۋارد» (توغرىسى ۋالتېر) ئەڭ نوچى ئوبرازغا ئايلانغان. Velimir ‘Bata’ Zivojinovicباش رول ئالغان يەنە بىرفىلىم «ۋالتىېرنىڭ سارايېۋنى قوغدىشى» مۇ خۇددى «كۆۋرۈك»تەكلا 2-دۇنيا ئۇرۇشى تېمىسىدىكى نادىر كىنۇ ھېسابلىنىدۇ.

8.«سەرگەردان»(流浪者، Awara)

ھىندىستاننىڭ ئەڭ مەشھۇر كىلاسسىك كىنۇسى بولغان «سەرگەردان»- ھىندىستاننىڭ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىكى دۇنياۋى شۆھرەتلىك كىنۇسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ،دۆلىتىمىزدىمۇ زور تەسىر قوزغىغان .
چوڭلاردىن ئاڭلىشىمچە 70-يىللارنىڭ ئاخىرلىرى رايۇنىمىزدا «سەرگەردان» قىزغىنلىقى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان.بولۇپمۇ مەزكۇر كىنۇنىڭ ئاساسى ناخشىسى بولغان «ئاباراگۇن»ۋە راج كاپۇر ياراتقان ئوبراز «راج» ( رايۇنىمىزدا خەنچە ئاتىلىشى بويىچە ئاتىلىپ كېيىن «لازا» بولوپ كەتكەن)چە يۇرۇش-تۇرۇش مودا بولۇپ كەتكەنمىش.
مەزكۇر كىنۇ 1954-يىلى ئىشلەنگەن ،كېيىن نۇرغۇن تىللارغا تەجىمە قىلىنىپ، ھىندىستان كىنۇچىلىقىنىڭ نامايەندىسى بولۇپ قالغان.
يۇقارقىلاردىن باشقا يەنە ئىسىمدە قالغان ۋە ئەينى ۋاقىتلاردا تەسىر قوزغىغان كىنۇلاردىن ھىندىستاننىڭ «دېسكو چولپىنى»،«نۇرى» پاكىستاننىڭ «تاش يۈرەك»،ئامېرىكىنىڭ «مەرگەن»قاتارلىق كىنۇلارمۇ بار ئىدى،…





10 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • ۋەتەنكامنڭ ياشلىقى ۋە بىزنىڭ بالىلىقىمىز مانا مۇشۇ كىنولار بىلەن ئۆتكەن …. ھەقىقەتەن ئېسىل كىنولارتى .. بوپمۇ چاپلىننىڭ !

  • ژىگو، ھايدىلارنى يازماپسىزغۇ؟ :|

    • weten

      «ژىگو» يادىمدا بارئىدى، بىراق نېمە دەپ ئىزدەشنى بىلمىدىم . «ھەيدى»نىڭ ئايرىم يازمىدا ئورنى بار.

  • تۆۋە مەن ھەممىنى كۆرۈپتىكەنمەن كىچىكىمدە قارىغاندا مەنمۇ چوڭوپ قاپتىمەن. دەرھال تۇتۇش قىلسام بولغىدەك خىيال سۈرىۋەرمەي……..

  • ئاجايىپ كىنولار ئىدى. ھازىرقى بالىلارغا قويۇپ بەرسە چاپاقكەن دەپ كۆرمەيدۇ تېخى :arrow:

  • پىنھانە جاۋاب

    مەنمۇ كۆپىنچىسىنى كۆرۈپتكەنمەن،بىراق ئۇ چاغدا بەك كىچىك بولغاچقا ۋاقەلىكلىرى ئېسىمدە قالماپتۇ.بۇ كېنولارنى نەدىن تاپقىلى بولىدىكەن،،،،ۋەتەن ئاكاش

  • ھەممىسىبىربىرىدىنئېسىلكىنولار

  • بىلوگىڭىزنىڭ ئۇسلۇبى پاكىزە،كۆركەم ئىكەن،مەزمۇنلىرىمۇ ھەم شۇنداق مول ۋە ئېسىل ئىكەن،خالىسىڭىز ئۆز-ئار ئۇلىنىش قىلىشساق دىگەن ئۈمۈددە مەن.

    • weten

      خۇش كىلىپسىز ،ھونزادە ، مەنمۇ سىزنىڭ بلوگىڭىزنى بەك ياقتۇرىمەن ،چۈنكى مەنمۇ تارىخ ئوقۇتقۇچىسى ،سىزنى ئۇلىنىش قىلىپ قوياي شەرەپ بىلەن ! :oops:

  • تىرىك ئادەم جاۋاب

    مەنمۇ بۇ كنولارنى بەك ياختۇرۇپ كۇرىمەن

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif