خىزمەتكە ئىش ئورنىغا كېچىكىپ قېلىش تۇرمۇشتا دائىم ئۇچرىتىپ تۇرىدىغان بىر تۈرلۈك تونۇش ھادىسە. يېقىندا پىسخولوگىيە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بايقىشىچە، كېچىكىشنىڭ كىشىلەرنىڭ ھەقىقى قىيىنچىلىقىدىن ئىبارەت سەۋەبىدىن تاشقىرى يەنە بىر ئەڭ مۇھىم سەۋەب شۇكى- بۇدەل بىر تۈرلۈك پىسخىكىلىق مەسىلە.
ئەگەر مەلۇم خادىمنىڭ ئۆزخىزمىتىگە بولغان قىزىقىشى كۈچلۈك، قىزغىنلىقى يۇقىرى بولسا، ئارىلىقنىڭ قانچىلىك يىراق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر ئىش تۈزۈمىدىكى قەرەل بويىچە ئىش ئورنىغا بېرىپ بولىدۇ.
ئەكسىچە، ئۇنىڭ ئۆزخىزمىتىگە بولغان قىزىقىشى سۇس، قىزغىنلىقى تۆۋەن بولسا، ئۇندىن باشقا رەھبەرلىك ياكى ئىشداشلاربىلەن ئىختىلاپ يۈزبەرسە ۋە بۇ ئىشلاردىن ئاچچىقىنى چىقىرالمىسا ياكى كۆڭلىدىكىنى ئىپادىلەپ بېرەلمىسە ئۇنداقتا ئاسانلا كېچىكىش، ئىشنى ئاسقىتىش دېگەندەك پاسسىپ ئىنكاس پەيدا بولىدۇ. بۇخىل پىسخىكىلىق مېخانىزمنى روھىي ئانالىز ئىلمىدە «پاسسىپ ھۇجۇم» دەپ ئاتىلىدۇ.
يەنى، پاسسىپ ھالەتتىكى قارشىلىق كۆرسىتىش شەكلى ئارقىلىق سىمۋوللۇق يوسۇندا قارشى تەرەپكە بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلەشتۇر.
باھانە كۆرسىتىشكە كەلسەك، بەزىلەرپەقەت ئوڭايسىزلىنىش ياكى جازالىنىشتىن قۇتۇلۇشىنىلا ئويلايدۇ، بەزەنلەر بولسا ئەشۇ ئوبيېكتىپ ئامىللاردىن سەۋەب ئىزدەيدۇ، ئەيتاۋۇر كۆپىنچە كىشلەر كېچىكىشنىڭ ھەقىقى ئارقاكۆرۈنۈشى ۋە پىسخىكىلىق توقۇنۇشنى ھېس قىلالمايدۇ.بۇ پىسخۇلۇگىيىدە «مۇۋاپىقلىشىش» دەپ ئاتىلىدۇ.
ۋەتەن تەرجىمىسى