مەن نېمىشقا «تېما ئوغرىسى» دەيمەن ؟ چۈنكى بۇلارنىڭ قىلىقلىرى دەل ئوغرىنىڭ قىلىقى .ئۇلارنىڭ ئۆزئالدىغا سەپ-سەتىلىرى بار. ئۇلاردىن :«نېمىشقا ئەسىرىمنى رۇخسەتسىز ئىلىتىسەن؟ نېمىشقا ئۆزۇڭنىڭ نامىدا ئېلا قىلىۋالسىەن ؟…»دەپ سورىسىڭىز، سىزنىڭكىدىن ئۆتە ،زەردە بىلەن :« تورغا نەرسە يوللىشىڭنىڭ مەقىسىدىمۇ شۇ خەقنى كۆرسۈن دېگەنلىكتۇ، مەن خالس تەشىق قىلىۋاتسام نېمىگە كوتۇلدايسەن » دەيدۇ .
«تېما ئوغرىسى» دېگەن بۇ ئاتالما توربېكەتلىرىمىزدە تىلغا ئېلىنىۋاتقىنغا خىلى بولۇپ قالدى، كۆپ تەنقىدلەر بولۇندى، خاسلىق تەكىتلەندى ھەتتا بەزەن تور يازارمەنلىرى ئۆزئەسەرلىرىنى قوغداش ئۈچۈن بېكەتلىرىگە مەزمۇن كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىش تېخنىكىلىرىنى ئىشلتىپ ئاپتۇرلۇق ھوقۇقلىرىنى قوغدىماقچى بولۇشتى …ئەپسۇس!
ھەيرانمەن، پۈتۈن بىر سۈرۈك ماقالىنى كۆچۇرۇپ ئالغان ئادەمگە نەچچەتال ھەرپ چىقىدىغان ئاپتۇرنىڭ نامىنى ياكى ئەسەرنىڭ ئەسلى ئېلىنغان مەنبىيىنى قوشۇپ ئېلىپ ، چاپلاپ قويۇش شۇنچە تەسمىدۇ؟
ئادەمنىڭ ئەڭ ئوغىسىنى قاينىتىغىنى يازغان ماقالە (ياكى باشقا ئەسەر) ڭنىڭ ئۇيەر-بۇيىرىنى قىرقىپ تاشلاپ(بولۇپمۇ ،ئۆزۇڭنىڭ شەخسى ئۇچۇرلىرىغا دائىر يەرلىرىنى) تەھرىرلەپ كېتىشلىرى..
بۈگۈنكى كۈندە خاسلىق تەكىتلىنىۋاتىدۇ، ئەقلى مۇلۈك ھوقۇقلىرىنىڭ قوغدىلىشى ئېلىگىرى سۈرۈلىۋاتىلىدۇ.قىسقىسى بىراۋنىڭ ئەقلىي ئەمگەك مېۋىسىنى قوغداش ، ئەڭ بولمىغاندا شىخىنى يىرماي تۇرۇپ يېيىش بىر ئەقەللىي ئىنسانچىلىق، ئەقەللىي مەدەنىيلىك.
مەن بۇرۇن مۇنبەر قۇرغاندا بولسۇن ،ھازىرقى بىلوگ يازمىچلىق ۋاقتىمدا بولسۇن ئىزچىل تۈردە بۇ جەھەتتە ئۇيات ئىش قىلىشتىن قاتتىق ھەزەر ئەيلەپ كېلىۋاتىمەن، بۇندىن كېيىنمۇ شۇنداق بولغۇسى.
نەچچە ۋاقىتتىن بىرى بىرقىسىم ئوقۇرمەنلىرىم ۋە تورداشلىرىمنىڭ ئىنكاس-ئۇچۇرلىرىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم ، ئۇلارنىڭ ئۇچۇرلىرىغائاساسەن بىرقىسىم توربىكەت ياكى مۇنبەرلەردە نام -نىشانسىز ياكى ئۆزگە نامدا ئېلان قىلىنغان يازمىلىرىمنى بايقىدىم .دەرۋەقە بۇ مەن ۋە مەن تونۇيدىغان بىرقانچىلىغان ئىجادىي يوسۇندا بلوگ يازىدىغان تورداشلىرىم يولۇقىۋاتقان ئورتاق مەسىلە بولۇپ قالدى.
بىراۋنىڭ ،بىلوگىمدىكى يازمىلارنى رۇخسەتسىز ئىشلىتىشى ياكى ئۆزنامىدا قايتا ئېلان قىلىۋىلىشى ماڭا ئىقتىسادىي زىيان سالالمايدۇ ،لېكىن ھەركىمنىڭ ئۆز ئەجرى سىڭگەن نەرسىنى قوغداش تۇيغۇسى بولىدۇ. بىراۋنىڭ ئەجرىدە پۈتكەن مەلۇم يازمىنى كۆچۈرۇپ ئېلىپ ، باشقا توربەتكە چاپلاش ئاسانلا ئىش، لېكىن شۇنىڭ ئەسلى ئاپتۇرى ، ياكى تەرجىمانى قانچىلىك زىھىن، ۋاقىت، ۋە ئەجىر سەرپ قىلىدۇ شۇ يازمىنىڭ روياپقا چىقىشى ئۈچۈن؟؟
مەن بىلەن بىلىدىغان بىرقانچە بىلوگىرلار ئارا مۇنداق ئىشلار بار.بەزىدە بىرەر پارچە ماقالىنى خەنچىدىن تەرجىمە قىلىش جەريانىدا مەلۇم بىر جۈمىلىنى جانلىق تەرجىمە قىلىش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك كىيۇ-كىيۇ توپىدا سائەتلەپ مۇلاھىزدە قىلىپ كېتىمىز…
مېنىڭچە بۇ گەپلەرنى دېيىشنىڭمۇ ئۇنچىۋالا «پايدا»سى بولۇپ كېتىشى ناتايىن، لېكىن يەنىلا دېمەي بولمايدۇ. ئاخىرىدا دەيدىغىنىم ،ئەگەر بلوگىمدىكى مەلۇم يازمىنى كۆچۈرۈپ ئالماقچى بولساڭ ،تۈزۈك كۆچۈر! ئاپتۇرۋە ئادىرىسىلىرىنى تولۇق كۆچۈر!مانا بۇ تور تۇرمۇشىدىكى بىرئەقەللىي مەدەنىي ھەرىكەت . سىنىڭ شۇ كىچىككىنە ئەخلاقسىزلىقتىن ۋاز كېچىشىڭ ، سىىنى ھۆرمەتكە، كۆپچىلىكنى ھەقىقىي نەپكە ئېرىشتۈرگۈسى .