كۆپىنچە كىشىلەر ئۆز-ئارا ئىناق ئۆتىدىغان ئەر-خوتۇنلارغا ھەۋەس قىلىدۇ، ئەلۋەتتە تۇرمۇش قۇرغاندىن كېيىنكى ئەر-خوتۇن دىپلۇماتىيىسىنى ئىزچىل تىنىچ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس. مېنىڭمۇ بىرقانچە خىزمەتداشلىرىم مەندىن بىزنىڭ نېمىشقائۇرۇش -جېدەلدىن نېرى، ئىناق ئۆتىدىغانلىقىمىزنى سوراشقان ئىدى، ئويلاپ كۆرسەم توي قىلغان بىرقانچە يىلىدىن بىرى ھەقىقەتەنمۇ ئەر-خوتۇنچىلىق مۇناسىۋىتىمىزدە سۈركىلىش بولۇپ باقماپتۇ.
ئائىلسىدە ئۇرۇش -جېدەل قۇرۇمايدىغان بىرقانچە تونۇشۇمنىڭ كۈچلۈك تەلىپى تۈرتكىسىدە بۈگۈن، ئىناق ئەر-خوتۇن مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىشتىكى ئەڭ چوڭ سىرنى ئاشكارىلىۋىتىغان بولدۇم!
ئەڭ قالتىس پرىنسىپ شۇكى – ئەر-خوتون ئوتتۇرىسىدا ئىنىق بولغان ۋەزىپە تەقسىماتى بولۇشى، ئىشلارنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى بويىچە ھوقۇق بەلگىلىنىشى كېرەك.
ئەلۋەتتە، بىزنىڭ ئائىلىدە مەن چوڭ-چوڭ ئىشلارغا، ئايالىم ئۇششاق -چۈششەك ئىشلارغا مەسئۇل. ئىككىمىز ئەزەلدىن بىر-بىرىمىزنىڭ ھوقۇق دائىرىسىگە دەخلى -تەرۇز قىلىشمايمىز، شۇڭا ئەزەلدىن ئارىمىزدا سۈركىلىش بولۇپ باققان ئەمەس.
بەلكىم قىزىقىپ قالدىڭىز، بەرىبىر كوچىلاپ سورايسىز، ئۇنىڭدىن ئۆزۈملا دەۋېتەي، ئايال كىشى دېگەن چوڭ ئىشلارنى بىرتەرەپ قىلالمايدۇ، ئۇلارغا تاپشۇرسىڭىزمۇ بىكار، شۇڭا ئايالىم ئادەتتە ماشىنا سېتىۋېلىش، ئائىلە ئىقتىسادىنى باشقۇرۇش، ئۆي بېزىتىش، ئارام ئىلىش ۋاقىتلىرىدا نەگە ساياھەتكە بېرىش قاتارلىق ئۇششاق -چۈششەك ئىشلارنى بېجىرىدۇ. مەن ئامېرىكىنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك پىرىزدىنتى كىم بولۇشى كېرەك، ئىران يادرو مەسىلىسىنى قايسى يول بىلەن ھەل قىلىشىمىزكېرەك، خان مادرىد كۇلۇبى بۇيىل يازلىق بازاردا كاكانى سېتىۋېتىش كېرەكمۇ-يوق،…دېگەندەك چوڭ مەسىلىلەرگە يېتىشىپ بولالمايمەن.