تۇغۇت -بىرجەڭ. بىزدە بىرقىتىملىق تۇغۇت بىلەن ئايال كىشىنىڭ بۇندىن بۇرۇنقى گۇناھلىرى يۇيۇلۇپ كىتىدۇ دېگەن گەپمۇ بار، ئەلۋەتتە بۇ تۇغۇتنىڭ جاپاسىغا قارىتا ئىيتىلغان.
يىقىندا چەتئەلدىكى تورداشلار يىقنقى يىللاردىن بۇيان ئاخبارات ۋاستىلىرىدا تونۇشتۇرۇلغان بىرقىسىم تۇغۇتقا مۇناسىۋەتلىك ھەقىقى ۋەقەلەرنى توپلاپ چىقىپ، ئۇنىڭ ئىچىدىن ئون چوڭ ھەيران قالارلىق تۇغۇت ھادىسىنى تاللاپ چىققان.بۇلارھەقىقەتەنمۇ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ.
1.كالاسۈتى ۋە شاكىلات
ئوخشاش بولمىغان ئىككى ئىرىققا تەۋە ئەر-ئايالدىن ئارىلاشما ئىرىقلىق بالاتۇغۇلىدۇ.لېكىن 2001-يىلى ئەنگىلىيىدە بۇ قانۇنىيەت «يالغان»بولۇپ قالدى. ئەنگلىيىلىك بىرئائىلدە بىرجۈپ قوشگىزەك قىزچاق دۇنياغا كەلدى، ئۇلارنىڭ بىرى قاراتەنلىك دادىسىغا ۋارسلىق قىلغان بولسا، يەنە بىر ئاق تەنلىك ئاپىسىنىڭ ئۆزىلا ئىدى. كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغىنى 2010-يىلى بۇئائىلىدە يۇقارقى مۆجىزە يەنە بىرقىتىم يۈزبەردى،شۇنىڭ بىلەن بۇ ئائىلە ئۈچ ئاق تەنلىك ،ئۈچ قاراتەنلىكتىن تەشكىل تاپقان ئائىلە بولۇپ قالدى.
2.پەتەك ئانا تۇغقان گىگانت بۇۋاق
Stacey Herald بولسا بويى 72سانتېمىتېر كىلىدىغان پەتەك ئانا، لىكىن ئۇ 46سانتىمىتىر كىلىدىغان گىگانت بۇۋاق يەڭگىدى.ئەلۋەتتە بۇ بوي ئىگىزلىكى ئەمەلىيەتتە نۇرمال بولسىمۇ، ئەمما ئاران 72سانتېمىتىر بويى بارStacey Heraldئۈچۈن ئىيتقاندا ھەقىقەتەنمۇ گىگانت بۇۋاق تۇغقانلىق ھېسابلىنىدۇ.
3.«تۇغۇت ئوپراتسىيىسى»نى ئۆزى قىلغان ئايال
بۇ ھەقىقەتەنمۇ ئاز ئۇچرايدىغان «قارام»ئانا. ئۇنى تۇغۇت تولغىقى تۇتقان چاغدا ئىرى، قاۋاقخانىدا ھاراق ئىچىۋاتاتتى . ئۇ قاۋاقتا تېلىفۇن يوق ئىدى، ئەڭ يىقىن دوختۇرخانىمۇ بۇ كەنتكە 80كلۇمېتركىلەتتى،ئۇنىڭ ئۈستىگەتاغ يولى خەتەرلىك ئىدى.قانداق قىلىش كېرەك؟
بۇ چاغدا 40ياشقا كىرگەن، ئالتە بالىنىڭ ئانىسى بولغان بۇ قەيسەر ئايال غۇۋا چىراغ يورىقىدا، قولىغا پىچاقنى ئالدىدە ،تىرە،مۇسكۇللارنى يېرىپ ئۆتۇپ ،ئاخىرىدا بالياتقۇدىن بىر ئوغۇل بۇۋاقنى ئالدى !
كەنت دوختۇرى ئۇنىڭ ئۆيىگە يىتىپ كەلگەندە ئۇ يېڭى تۇغۇلغان بۇۋاقنى يىنىغا ياتقۇزغۇنىچە قانغا چىلىنىپ ياتاتتى، دوختۇرمۇ تەييارلىقسىز بولغاچقا ئائىلىدە ئىشلىتىدىغان يىپ-يىڭنە بىلەن ئۇنىڭ يارا ئىغىزىنى تىكىپ قويدىدە، ماشىنا بىلەن دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەتتى..
بۇ ۋەقە2000-يىلى 3-ئاينىڭ5-كۈنى يۈزبەرگەن بولۇپ، بۇ قەيسەرئانا بەلكىم مۇشۇ كەمگىچە ئۆزىنى ئوپراتسىيە قىلىپ بالىسىنى ئالغان تۇنجى ئايال بولسا كېرەك.
4.بىرئائىلىدە بەش كىشىنىڭ ئوخشاش بىركۈندە تۇغۇلىشى
ھەرقانچە پىلانلىغان تەقدىردىمۇ كىم بۇنداق ھادىسىنى پەيدا قىلالىسۇن؟ بىرئائىلىدە ئۈچ ئەۋلاد بەش ئادەمنىڭ ھەممىسى ئوخشاش بىرچىسلادا تۇغۇلغان بولۇپ ئۇلارنىڭ ھەممسىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى 3-ئاينىڭ29-كۈنى.
5.ئۈچ بالىنىڭ تۇغۇلغان كۈندىكى «ئارقىمۇ-ئارقا»لىق
ئا ق ش مىچىگان شىتاتىدا ئولتۇرۇشلۇق بىرئانا 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى بىر قىزبۇۋاق يەڭگىدى. ھەيران قالارلىقى ئۇ 2009-يىلى 9-ئاينىڭ9-كۈنى بىرئوغۇل ،ئۇنىڭ ئالدىنقى يىلى يەنى 2008-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى بىرقىزتۇغقان ئىدى !
مۇتەخەسسىلەر بۇنداق ئەھۋالنىڭ يۈزبىرىش نېسبىتىنىڭ 50مىليۇندىن بىربولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.
6. بۇيىلقى خاسسىيەتلىك بۇۋاق
ئا ق ش مېنسسۇتا شىتاتىدىكى Amy ZellerبىلەنCodjo Mensah ئىككىسى 2011-يىلى 1-ئاينىڭ11-كۈنى سەھەر سائەت 1دىن 11مېنۇت ئۆتكەندە قىزى Flora Mensahنى كۈتىۋالدى.ئەلۋەتتە بۇ بۇبۇۋاقنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتىمۇ خاتىرىلەشكە ئەرزىيدىغان ئالاھىدە ۋاقىتتۇر.
7.قوشگېزەك ئانىلارنىڭ ئوخشاش بىركۈندە يەڭگىشى
Amy Gilbert بىلەنAllison Oliverio ئىككىسى قوشگىزەك ئاچا-سىڭىللار بولۇپ، ئۇلار تۇرمۇشتا نۇرغۇن ئوخشاشلىقلارنى باشتىن كەچۈرگەن.ئۇلار 25ياشقا كىرگەن يىلى Henry Ford Macomb دوختۇرخانىسىدا، ئوخشاش بىركۈندە يەڭگىدى، ئۇلارنىڭ بالىلىرىنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتىدا 14منۇت، ئىغىرلىقىدابىرقاداقلا پەرق بارئىدى.
8.ھامىلدار بولغانلىقىنى بىلىپ ئۈچ سائەتتىن كېيىن يەڭگىش
21ياشلىق Belinda Waiteقىزىنى تۇغۇشتىن پەقەت 3سائەت بۇرۇنلائاندىن ئۆزىنىڭ ھامىلدار ئىكەنلىكىنى بىلگەن.ئاجايىپ يىرى ئالدىنقى 9ئاي ئىچىدە ئۇ نەچچە قىتىم دوختۇرغا تەكشۈرۇنگەن بولسىمۇ، ھەرقىتىمدائۈچەي يولى باكتىرىيىسى يىغىندا كىسەللىك ئالامىتى بولۇپ چىققان ئىدى. 2010-يىلى2-ئاينىڭ6-كۈنى، ئۇ يەنە بىرقىتىم ئاغرىق ئاازابىغا چىدىماي دوختۇرخانىغا بارىدۇ، دوختۇر ئۇنىڭ قورسىقىدىكى ھامىلىنىڭ 3ئايلىق بولغانلقىنى ئىيتىدۇ. ئەمما بۇقىتىمقى تەكشۇرۇش نەتىجىسىمۇ خاتائىدى، ئۇ دوختۇرخانىدىن قايتىپ 3سائەتتىن كېيىن ئانىسىنىڭ ياردىمىدە قىزىنى ساق-سالامەت يەڭگىۋالىدۇ.
9.بىرياش پەرقلىنىدىغان قوشگىزەكلەر
ئا ق ش نىڭ ئىلىنوۋاشىتاتىدا ئولتۇرۇشلۇق بىرئانا 2010-يىلىنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى مىنۇتىدا بىر قىزبۇۋاق يەڭگىدى، لىكىن 2011-يىلىنىڭ بىرىنچى مىنۇتىدائۇنىڭ يەنە بىر ئوغلى دۇنياغا كەلدى. بۇئىككىسى قوشگىزەك بولسىمۇ لىكىن يىلنامە قائىدىسى بويىچە، بىرمىنۇت پەرق بىرياش پەرققە ھېساب بولدى.
10.ھەرقىتىمدا بىردىن ئوشۇق تۇغۇش
نيۇيۇركتا ئولتۇرۇشلۇق Natasha Wilson يىقىندىلا ئۈچگىزەك ئوغۇل تۇغدى. بۇئۇنڭ تۇنجى تۇغۇتى ئەمەس، ئۇ بىرىنچى قىتىم ئوغلى Nicholasنى يەڭگىگەن، ئۇنىڭدىن كېيىن بىرجۈپ قوشگىزەك ئوغۇل تۇغقان ئىدى، ئۇ قوشگىزەك ئوغۇللارنى يەڭگىگەن ۋاقتىدا تونۇشلىرى چاقچاق قىلىپ:«كىلەرقىتىم جەزمەن ئۈچگىزەك تۇغىسەن» دىگەن ئىدى، دەرۋەقە شۇنداق بولدى.
__ ۋەتەن تەرجىمىسى