تەتقىقات دەلىلى:بالىلارنىڭ تەپەككۇرىنى ئېچىشتا تېلېۋىزور يەنىلا كىتابقايەتمەيدۇ

سەھىپە: ئائىلە تەربىيىسى، مائارىپ سەيناسى باھا: 1

بالىلارنىڭ ئىجادىي تەپەككۇرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش رولىدىن قارىغاندا،تېلېۋىزور كىتاب-ژۇرنالغا قارىغاندا روشەن پاسسىپ تەسىرگە ئىگە.شاڭخەي مائارىپ ئىلمى تەتقىقاتى ئادەتتىكى مائارىپ تەتقىقات ئىشخانىسى يېقىندا ‹تېلىۋىزۇربىلەن كىتاب-ژۇرنالنىڭ بالىلارنىڭ ئىجادى تەپەككۈرىگە بولغان تەسىرى ھەققىدىكى سېلىشتۇرما›تېمىسىدىكى تەتقىقات ماقالىسىنى ئېلان قىلغان. تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە،كۆرۈپ ئوقۇش ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئۇزارتىش،مىقدارىنى مۇۋاپىق كۆپەيتىش،ھەم تېلېۋىزور كۆرۈش ۋاقتىنى مۇۋاپىق قىسقارتىش،ئەڭ ئۈنۈملۈك تاللاش ئىكەن.

بالىلارنىڭ تېلېۋىزور بىلەن ئۇچرىشىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى.

نۆۋەتتە ،بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى جەريانىدا، ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئۇچۇرغا ئېرىشىشتىكى ئاساسلىق ۋاسىتە.تەتقىقاتچىلار بۇرۇنلا بالىلارنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بىلەن ئۇچرىشىش ۋاقتى، ئۇچرىشىش نىسبىتى،ئاخبارات ۋاستىلىرىغا مايىللىشىش دەرىجىسى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان،تەتقىقات نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە،شاڭخەي بالىلىرى كۆپ ئۇچرىشىدىغان ئاخبارات ۋاسىتىلىرى تېلېۋىزور،كىتاب-ژۇرنال،ئۈنئالغۇ قاتارلىقلار بولۇپ،ئۇنىڭ ئىچىدە تېلېۋىزور بىلەن ئۇچرىشىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى( تەخمىنەن5.42كۈن \ھەپتە)،كۆرۈش ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن (تەخمىنەن 63مىنۇت\كۈن) .كىتاب ژۇرنال بىلەن ئۇچرىشىش نىسبىتى(4.47كۈن\ھەپتە)بىلەن ئۇچرىشىش ۋاقتى (30.6مىنۇت\كۈن) ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان.
تېلېۋىزور بىلەن كىتاب-ژۇرنالنىڭ بالىلارنىڭ ئىجادى تەپەككۇر تەرەققىياتىغا نىسبەتەن زادى قانچىلىك ئوخشىمىغان تەسىرى بار؟
خۇادوڭ پېداگوگىكا ئونۋېرىستىدىكى زوجىخوڭ ،شېجۈجې ۋە شاڭخەي شىنجالۇ باغچىسىدىكى لي شۈي چىڭ قاتارلىق تەتقىقاتچىلار مەزكۇر شەھەردىكى بەش بالىلار باغچىسىدىكى بالىلارنى تەتقىقات ئوبيېكتى قىلىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ،تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە،قولايلىق بولۇش،جانلىق بولۇش،ئىجادى بولۇش تەلىيى بويىچە نومۇر قويۇپ باھالاش ئېلىپ بارغاندا ،تېلېۋىزور كىتاب ژۇرنال تۈرىدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرىغا قارىغاندا كۆپ نومۇرغا ئېرىشكەن.تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، تېلېۋىزور نومۇرلىرىنىڭ بالىلارغا بېرىدىغان تەسەۋۋۇر بوشلۇقى ۋە تەسەۋۋۇر ۋاقتى كىتاب ژۇرناللارغا يەتمەيدىكەن.

تېلېۋىزور ئۇ ‹تەييار ئۇچۇر› مەنبەسى.

تەسەۋۋۇر بوشلۇقى نۇقتىسىدىن قارىغاندا ،تېلىۋىزۇرپىروگىراممىلىرى نىسبەتەن ئاددىي ئاۋازۋە كۆرۈنمە سىگنال تارقىتىدۇ،پېرسوناژ ئوبرازىمۇ بىۋاسىتە ،جانلىق،مەزمۇن ھالقىلىرىمۇ ئۈزلۈكسىز،مۇكەممەل بولۇپ كۆرۈرمەنلەرنىڭ كاللىسىدا ئانالىز ئېلىپ بېرىشى،ئۇچۇرلارنى پىششىقلاپ ئىشلىشى ھاجەتسىز،پەقەت قوبۇل قىلسىلا بولدى.
تەتقىقاتچىلار بۇخىل ‹تەييار ئۇچۇر›لار بالىلارنى ئىنتايىن ئاسانلا ئۇچۇر ئېقىمىدىكى ‹قاچىلاش ماشىنىسى›ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ، روشەن پاسسىپ تەسىرگە ئىگە بولۇپ ،ئاسانلا بالىلارنىڭ تەپەككۇرىنىڭ ئىجادىيلىقىنى ۋە جانلىقلىقنى چېكىندۈرىۋىتىدۇ.ئەكسىچە ،كىتاب ژۇرنال تۈرىدىكىلەر تىل-يېزىق، ھەرىكەتسىز رەسىم قاتارلىقلارنى ئۇچۇر تارقىتىش ۋاسىتىسى قىلىدۇ،ئابىستىراكىت تەپەككۇرى تولۇق يېتىلمىگەن بالىلار كىتاب ئوقۇغان ۋاقىتتا كاللىسىدىكى كونكرېت ئوبرازلارنى تىل -يېزىق بىلەن تەسۋىرلەيدۇ،ئۆزىگە خاس تۇرمۇش تەجرىبىسى ئىچىگە چۆكۈنۈشكە ئېھتىياجى چۈشىدۇ،ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب يارىتىدۇ.پۈتۈن كۆرۈپ ئوقۇش جەريانى ئۇچۇرلارنى ‹پىششىقلاپ ئىشلەش› تەشەببۇسكارلىقىغا تولغان بولىدۇ.بالىلار ئۇچۇر بۆلەكلىرىنىڭ ‹ئۇلۇغۇچىسى› بولىدۇ.ئىنتايىن روشەن ئاكتىپ تەسىرگە ئىگە.
بالىلارنىڭ ئىجادى تەپەككۇرى،جانلىقلىقى ۋە خاسلىقى دەل مۇشۇخىل ئاكتىپ مۇھىت ئىچىدە تەرەققىياتقا ئېرىشەلەيدۇ.
تەسەۋۋۇر ۋاقتىدىن قارىغاندا،تېلېۋىزور كۆرۈش ئەۋزەللىككە ئىگە ئەمەس.تېلېۋىزوردىكى كۆرۈنۈشلەر ھەردەقىقىدە مىڭ ياڭزا ئۆزگىرىدۇ،ھېكايە ھالقىلىرىمۇ ناھايىتى تېز ئۆتۈپ كېتىدۇ،بالىلار ھەمىشە كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ كۆرسىلا بولدى،.ئەكسىچە كىتاب كۆرگەندە ،بالىلار ئۆزى خالىغانچە ئوقۇش سۈرئىتىنى كونترول قىلسا بولىدۇ،
،بىر كىتابنى ھەتتا بىر بەتنى قايتا-قايتا ئوقۇسا بولىدۇ،مۇشۇنداق بولغاندىلا ئۇلار ھېكايىنىڭ مەزمۇنىنى تەلتۆكۈس چۈشىنەلەيدۇ.پىرسۇناژلارنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرىگە قارىتا ئىنكاس قايدۇرىدىغان يېتەرلىك ۋاقىتقا ئېرىشەلەيدۇ.

ئائىلە باشلىقلىرى بالىلارنىڭ تېلېۋىزور كۆرۈشىگە ،كىتاب ئوقۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

تەتقىقات نەتىجىسى شۇنى ئەسكەرتىدۇ، تېلېۋىزور كۆرىدىغان ۋاقىت قانچە ئۇزۇن بولسا ،ئىجادى تەپەككۇرىنىڭ تەرەققىياتىغا شۇنچە پايدىسىز،ئەكسىچە،كۆپرەك كىتاب كۆرۈش جانلىق تەپەككۇرىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە پايدىلىق،شۇنداقلا بالىلارنىڭ ئىجادى تەپەككۇرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.تەتقىقاتچىلار يەنە مۇنداق دەپ قارايدۇ،بالىلارنىڭ ھەرخىل ئۇچۇر ۋاستىلىرىدىن توغرا پايدىلىنىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇش ،پاسسىپ رولىنى چەكلەپ ،ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى بالىلارنىڭ ئىجادى تەپەككۇر بىخلىرىنى يېتىلدۈرۈشتىكى تايىنىش نۇقتىسىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.
كۆپ ساندىكى بالىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا،كۆرۈپ ئوقۇش ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئۇزارتىش،مىقدارىنى مۇۋاپىق كۆپەيتىش،تېلېۋىزور كۆرۈش ۋاقتىنى مۇۋاپىق قىسقارتىش،ئەڭ ياخشى تاللاش.
ئائىلە باشلىقلىرى يوللۇق نازارەت قىلىش ،ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى بىلەن ئۇچرىشىشنى مۇۋاپىق تىزگىنلەشتىن سىرت،يەنە يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىش كېرەك.
تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە،بالىلار تېلېۋىزور كۆرگەندە چوڭلارنىڭ ھەمراھ بولۇش نىسبىتى 12.56پىرسەنت ئىكەن،دائىم بالىلىرىغا ھەمراھ بولۇپ كىتاب كۆرەلەيدىغان ھەم يېتەكچىلىك قىلالايدىغان ئائىلە باشلىقلىرى 32.37پىرسەنتنى ئېگەللەيدىكەن.بۇنىڭدىن كۆرۈشكە بولىدۇكى،بالىلارنى ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى بىلەن ئۇچرىشىشى جەرياندا چوڭلارنىڭ ھەمراھ بولۇشى ۋە يېتەكچىلىكى يەنىلا يېتەرلىك ئەمەس.بۇ بالىلارنىڭ ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنىڭ پاسسىپ تەسىرىگە نىسبەتەن تاللاش ھەم شاللاش رولىنىڭ ئاجىزلىشىشىنى ،ئاكتىپ تەسىرىنىڭ پايدىلىق رولىنى ۋە ئۈنۈمىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى توۋەنلىتىۋىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
تەتقىقاتچىلار ،بالىلار تېلېۋىزور كۆرگەندە ياكى كىتاب ئوقۇغاندا،ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ مەقسەتلىك ھالدا بەزى سىناق خاراكتېرلىك سوئاللارنى سوراپ،بالىلارنىڭ ھېكايە ئىچىگە چۆكۈنۈپ،سوئاللارنى ئوتتۇرىغا قويۇشىغا ئىلھاملاندۇرۇش،ئۇلارنىڭ ھېكايىگە ئوخشىمىغان نەتىجە بېرىشىگە، مەسىلە ھەل قىلىشنىڭ كۆپ خىل ئۇسۇللىرىنى تېپىپ چىقىشىغا ئىلھام بېرىش كېرەك.بۇ بالىلارنىڭ ئۇچۇر ۋاستىلىرىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى ئۆستۈرۈش،ۋە ئىجادى تەپەككۇرىنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق.

(ئەسلى ئاپتۇرى: ۋاڭ بولىڭ)
ۋەتەن بلوگ تەرجىمە گۇرۇپپىسىدىن «ئەۋلادىم»تەرجىمە قىلدى

2011.01.8 ئاپتور: weten

1 تورداش باھا بەردى

تورداشلارنىڭ باھاسى
2011.01.8
13:40
1-قەۋەت: «ئۇيغۇربەگ» مۇنداق دېدى:

بالىلارنىڭ زىھنىنى يەنە ئويۇن،يەنى ئېلىكتىرونلۇق ئويۇنچۇق ئەمەس،بەلكى كىچىك،ئاددىي ئەقلىي ئويۇن ئارقىلىق ئاچقىلى بولاركەن.مەسىلەن:بارماق ساناش دىگەندەك…

[بۇ باھاغا پىكىرىم بار]

ئىنكاس يوللاش

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

ئالدىنقى يازما
«
كېينكى يازما
MixBloo designed by Bad Credit Loan Center In conjunction with Free Games , Geboortekaartjes , Printer Reviews.