نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : ۋەتەن بلوگى 2010, دېكابىر ۋاقىت ئىچىدىكى يازمىلار بلوگ ئاپتۇرىنىڭ QQ نۇمېرى:1428585420،بلوگ ئوقۇرمەنلەر QQ توپى:123150124
ھازىر كۆرسىتىلىۋاتقىنى [ ] سەھىپىسىگە تەۋە يازمىلار

چىرچىل:مەڭگۈ، مەڭگۈ ،مەڭگۈ ،مەڭگۈ ۋازكەچمەيمىز

[مىلادىي 2010-يىلى12-ئاينىڭ31-كۇنى]

ئۇ ئەمەلىيەتتە بىر سىياسىيۇن بولوپلا قالماي يەنە رەسسام ،ناتىق ،يازغۇچى شۇنداقلا يىتىلگەن مۇخبىر .1953-يىلى ئۇ «2-جاھان ئۇرۇشى ئەسلىمىلىرى»دېگەن ئەسىرى بىلەن نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى بولغان . ئىككى نۆۋەت ئەنگىلىيىنڭ باش ۋەزىرى بولغان ۋە سىياسى ساھەدە 20-ئەسىردىكى ئەڭ مۇھىم دۇنياۋى داھىيلارنىڭ بىرى دەپ ئىتىراپ قىلىنغان . ئۇ يەنە 20-ئەسىردىكى ئەڭ قالتىس ناتىقلارنىڭ بىرى دەپ ئاتالغان ،شۇنداقلا 2002-يىلى bbc ئېلىپ بارغان «ئەڭ ئۇلۇغ 100نەپەر ئەنگىلىيىلىك »تېمىسىدىكى راي سىناش پائالىيىتىدە «تارىختىن بۇيانقى ئەڭ ئۇلۇغ ئەنگىلىيىلىك» بولوپ باھالانغان .

ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئائىلە تەربىيىسىدىكى 12پىرىنسىپ

[مىلادىي 2010-يىلى12-ئاينىڭ31-كۇنى]

ئامېرىكىدىكى مەلۇم بىر ئاخبارات ۋاسىتىسى ئامېرىكىلىق ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ پەرزەنت تەربىيىسىنى تەكشۈرۈپ – تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئامېرىكا ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ 12تۈرلۈك ئائىلە تەربىيىسى قائىدىسىنى يەكۈنلەپ چىققان .
بۇ12 پرىنسىپتىن شۇنى ھېس قىلىمىزكى ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئائىلە تەربىيىسى بالىلىرىنىڭ ئوقۇشى ، ئۆگىنىش نەتىجىسى ،ئالى مەكتەپكە ئۆتۈش …قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتسىز ،ئەڭ مۇھىم نۇقتىسى قانداق ئادەم بولۇش . ئەخلاق ۋە ساپاغا ئېتىبار بىرىش .

مانا سەمىمىيەت :ياۋرۇپالىقلارنىڭ 100يىللىق لەۋزى

[مىلادىي 2010-يىلى12-ئاينىڭ29-كۇنى]

ئىنگلىزلار ..نېمىسلار .. ئۇلار بىزگە ئۆزلىرىنىڭ 100يىللىق ۋەدە بىرەلەيدىغانلىقىنى ،شۇنداقلا ۋەدسىدە تۇرالايغانلىقىنى يۇقىرىقى مىساللاردا ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ .بۈگۈنكى كۈندە ئەنە شۇ ئېنگىلىز ۋە نېمىسلارنى ئۆزئىچىگە ئالغان ياۋروپالىقلار ،جاھان ئەھلى ئىچىدە ئىش -ئوقىتى ئىلگىرى باسقان قەۋىم بولۇپ قالدى .
ئۇلارنىڭ بۈگۈنكىدەك يۈكسىلىشىدە ،پەن -تېخنىكىغا ئەھمىيەت بىرىشىدىنمۇ مۇھىم ئامىل ئۇلارنىڭ ئۆزۋە ئۆزگىگە تۇتقان مۇئامىلسىدىكى ھەقىقى مەسئۇلىيەتچانلىق ئىستىلى مۇھىم رول ئوينىغانلىقى گۇمانلىق ئەمەس .

دۇنيادىكى ئەڭ داڭدار10 ئۇنىۋېرسىتېت

[مىلادىي 2010-يىلى12-ئاينىڭ26-كۇنى]

مەن توردىن ماتېرىيال ئىزدەش ئارقىلىق دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق 10 ئالى ئوقۇل ( ئۇنىۋېرسىتېت)ھەققىدە قىسقىچە بىر يازما تەييارلاپ چىقتىم ،ۋاقىتنىڭ قىسلىقى تۈپەيلىدىن بۇ ماتېريال بەكلا چولتا تەييارلىنىپ قالدى ، ئەمما دوستلارئۈچۈن كىچىككىنە بولسىمۇ پايدىلىنىش قېممىتى بولۇپ قالار دېگەن ئىزگۈ تىلەكدىمەن .
بۇ يازمىدا تىلغا ئېلىنغان ئالى ئوقۇللار دۇنيادىكى ئەڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدۇ ، بولسا بىزدىنمۇ كۆپلىگەن ياشلارنىڭ ئەشۇ بىلىم يۇرتلىرىدا ئىلىم تەھسىل قىلىشىغا تىلەكداشمەن.

جوڭگولۇقلارنىڭ پەرزەنت تەربىيىسىدىكى 10 چوڭ يېتەرسىزلىك

[مىلادىي 2010-يىلى12-ئاينىڭ24-كۇنى]

يېقىندا بىر تورداش ،سوخو تورىنىڭ مائارىپ مۇنازىرىسى قانىلىدا تېما ئېلان قىلىپ جۇڭگونىڭ ئائىلە تەربىيىسى ۋە مائارىپ تەلىم -تەربىيىسىدىكى يىتەرسىزلىكلەرنى يىغىنچىقلاپ چىققاندا تۆۋەندىكى 10 نۇقتىغا مەركەزلىشىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان .قىنى بىرلىكتە بۇ ھەقتە پىكىربايان قىلىپ باقايلى …

«دانتي بىلەن سۆھبەت» – بىرپارچە رەسىمدە 103ئوبراز

[مىلادىي 2010-يىلى12-ئاينىڭ23-كۇنى]

مەن رەسسام ئەمەس ياكى بۇ ساھەدە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانمايمەن شۇڭا سەنئەتلىك تەرىپىدىن بۇ رەسىمگە باھا بىرەلمەيمەن ، ئەمما بۇ رەسىم مېنىڭچە دادىللىق بىلەن يېڭىلىق يارىتىشڭ مەھسۇلى .بۇنىڭغا كىرگۈزۈلگەن مەشھۇر كىشلەرگە كەلسەك بۇ رەسساملارنىڭ ئۆزىنىڭ خاھىشى خالاس .
بۇ رەسىمنى كۆرگەندىن كېيىن مۇنداق بىر خىيال تۇغۇلدى ،مەيلى تەقلىد قىلغانلىق بولۇپ قالسۇن ، ئارىمىزدىن بىرەر رەسسامىمىز چىقىپ «ئۇيغۇر تارىخىدىكى 100مەشھۇر شەخىس» دېگەندەك تېمىدا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىرەر پارچە رەسىم سىزىپ چىققان بولسا ئەجەب بىر ئەھمىيەتلىك ئىش بولارئىكەن ؟!

جۇڭگودا:ئوقۇتقۇچى بولماسلىقنىڭ 17 باھانىسى

[مىلادىي 2010-يىلى12-ئاينىڭ23-كۇنى]

راست گەپنى قىلغاندا مائارىپنى بوغۇش كۆپ ، مائارىپنىڭ قوشۇمچە ۋەزىپىسى كۆپ . مائارىپ ساھەسىنىڭ ئىچىدە مائارىپنى كۆپتۈرۈپ كۆرسەتكۈچىلەر كۆپ ، مائارىپنىڭ سىرتىدا مائارىپقا قىزىققانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغانلار كۆپ .
مائارىپ شۇناس جۇ يوڭشىن ئەپەندى ئوقۇتقۇچىلىق ھەققىدە مۇنداق دېگەن : « ئوقۇتقۇچىلىق -تەۋەككۇلچىلىكتۇر ، ھەتتا بۇ خىيىم -خەتەرگە تولغان بىر كەسىپ . ئۇلۇغ ئادەملەر بىلەن ئىنسانىيەت دۈشمەنلىرى ئوخشاشلا ئوقۇتقۇچىنىڭ مەھسۇلىدۇر ».

ھازىر كۆرسىتىلىۋاتقىنى [ ] سەھىپىسىگە تەۋە يازمىلار