[مىلادىي 2011-يىلى07-ئاينىڭ9-كۇنى]
ئىسىمدە قېلىشىچە، كېچىك ۋاقىتلىرىمىزدا بىزنىڭ سەھرا مەھەللىلىرىدە دائىم دېگۈدەك توك توختاپ قالاتتى. بۇنداق كۈنلىرى كەچلەردە ،شام ياكى لامپا يورۇقىدا بىر ئائىلە كىشلىرى يەنىلا خۇشال-خورام ۋاقىت ئۆتكۇزەتتۇق.
بەزىدە دادىمىزنىڭ ئىغىزىدىن قىزىقارلىق چۆچەكلەرنى ئاڭلىساق، بەزىدە ئاپىمىزنىڭ بالىلىق چاغلىرىدىكى ئەسلىمىلەرئىچىگە غەرق بولاتتۇق، يەنە بەزىدە ئۇلار ئوقۇپ بەرگەن كىتابلاردىكى ۋەقەلىككە شۇڭغۇپ كىتەتتۇق... شۇنداق توك توختاپ قالغان كەچلەردىكى يەنە بىرى تاتلىق ئەسلىمە شۇكى ،شام ياكى لامپا يورۇقى……
[مىلادىي 2011-يىلى06-ئاينىڭ26-كۇنى]
سەمىڭىزدە بولسۇن، بۇندىن كېيىن ۋەتەن بلوگىدا ھەرشەنبە ياكى يەكشەنبە كۈنى بالىلارئۈچۈن تۈرلۈك سوۋغاتلار تەييارلىنىدۇ.تەييارلىنىدىغان سوۋغاتلار خىلمۇ-خىل بولۇپ، بالىلار بىۋاستە پايدىلىنىدىغان ياكى ئاتا-ئانىلارنىڭ،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يېتەكچلىكىدە پايدىلىنىدىغان نەرسىلەر بولۇشى مۈمكىن.
بۈگۈن بالىلارغا يەكشەنبىلىك سوۋغات سۈپىتىدە، بېيجىڭ ئېلېكترۇن نەشىرىياتى نەشىر قىلغان «جۇڭگو ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىنى ئېچىش ئېنسىكلۇپېدىيىسى»نىڭ ئېلكىتابىنى تارقاتماقچى. مەزكۇر كىتاب جەمئى ئۈچ قىسىم بولۇپ (ب……
[مىلادىي 2011-يىلى06-ئاينىڭ18-كۇنى]
رەسىم سىزىش بالىلارنىڭ زىھنىنى ئۇرغۇتۇپلا قالماي، يەنە كۈزىتىش، ئوبرازلىق تەسەۋۋۇر قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق . بالىلارئاددىي ، ئوماق بولغان كارتۇن رەسىملەرگە ئامراق كېلىدۇ، شۇڭا ئۇلارنىڭ رەسىم سىزىش مەشىقىمۇ مۇشۇ دائىرىدىن باشلانغىنى ئەۋزەل.
تۆۋەندە تۈرلۈك جان-جانۋارلارغا ئائىت 10 پارچە ئاددىي كارتۇن رەسىملىرىنىڭ سىزىش ئۈلگىسى بېرىلدى، مەن بۇ ئەرزىمەس سوۋغات ئارقىلىق، بالىلارنىڭ ئارام كۈنلىرىگە خۇشاللىق تىلەيمەن.
1. جەرەنچاق سىزىش
2.چاشقانچاق سىزىش
3.تۆگىچاق سىزىش
……
[مىلادىي 2011-يىلى05-ئاينىڭ17-كۇنى]
بالىلارنىڭ بالدۇر مۇھەببەتلىشش ھادىسىى نۆۋەتتە ئاتا-ئانىلارنى شۇنداقلا بىز ئوقۇتقۇچىلارنى ئەنسىرىتىۋاتقان ، گاڭگىرىتىپ قويىۋاتقان نازۇك ھەم تەخىرسىز مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى . نەچچە يىللار ئىلگىرى تولۇقسىز يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىدا شۇخىلدىكى مەسىلىلەر بايقالسا بۇنى بالدۇر مۇھەببەتلىشش دەپ قارايتۇق، لېكىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇ تەرەققىي قىلىپ ھەتتا باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ تۆۋەن يىللىقلىرىدىمۇ كۆرۇلۈشكە باشلىدى.
مەسىلە بولغان ئىكەن، ئۇنى ھەل قىلىشقا ئۇرۇنىشىمىز، ھەل قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن……
[مىلادىي 2011-يىلى05-ئاينىڭ16-كۇنى]
نۆۋەتتە خەلقئارا جەمئىيەت تۈرلۈك ئاشقۇن كۈچلەرنىڭ كاساپىتىدىن خەۋىپسىرەش بىلەن بىرگە ، ئىنكاسى تېز، ئۈنىمى يۇقىرى بولغان تاقابىل تۇرۇش چارىلىرى ئۈستىدە پائال ئىزدەنمەكتە. گەپنى بۇنداق باشلىسام خاتا چۈشىنىپ قالماڭ ، بۇ بىرچاقچاق . ئەمەلىيەتتە مەن ، نۆۋەتتىكى يالغۇز پەرزەنتلىك زاماندا ، بالىلاردا يۈز بىرىۋاتقان ئۆكتەملىك ھادىسىسگە قانداق تاقابىل تۇرۇش ھەققىدە سۆزلىمەكچى . ئەگەر سىز بىر ئاتا-ئانا، ياكى بىر ئوقۇتقۇچى بولسىڭىز ئەلۋەتتە بۇ مەسىلىگە يولۇقىۋاتىسىزدەپ قارايمەن.
خوش، ئۇنداقتا بالىلاردى……
1,048 قېتىم كۆرۇلدى | خەتكۇچ : |
[مىلادىي 2011-يىلى04-ئاينىڭ29-كۇنى]
بۇ بىرئادەتتىكى بالىلارباغچىسى.
يېڭىلا باغچىغا كىرگەن بالىلار ئوقۇتقۇچىسىنىڭ يىتەكچىلىكىدە باغچە كۇتۇپخانىسىغا كىرىپ كەلدى ۋە ئىنتايىن بەھۇزۇر ھالدا گىلەم ئۈستىدە ئولتۇرۇشۇپ، ھاياتىدىكى تۇنجى سائەتلىك دەرسنى ئاڭلاشقا تەييارلاندى.
بىرئازدىن كېيىن باغچە كۈتۇپخانىسىغا مەسئۇل ئوقۇتقۇچى كۈلۈمسىرىگىنىچە بالىلارنىڭ ئالدىدا پەيدا بولدى، ئۇنىڭ ئارقسىدىكى جاھازىلارغا لىققىنە كىتاب تىزىلغان ئىدى.
-«ياخشىمۇسىلەر بالىلار، مەن سىلەرگە بىر ھېكايە ئېيتىپ بىرەي بولامدۇ-بولمامدۇ؟» ئۇ شۇنداق دىيىشى بىلەن با……
[مىلادىي 2011-يىلى01-ئاينىڭ5-كۇنى]
ئاتاقلىق بالىلار فوتوگرافى Anne Geddes ئادەتتىن تاشقىرى تەسەۋۋۇر ۋە خاس ئۇسلۇب ئىگە . ئۇ ياراتقان بىر تۈركۈم بالىلار سۈرەتلىرى خىلمۇ-خىل مەتبۇئاتلاردا كەڭ تارقالغاندىن كېيىن ، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى .
Anne Geddesنىڭ بۇنچە مۇۋاپىقىيەت قازىنىشىدا بىر سىر بار دەپ قارىساق ،بۇ دەل ئۇنىڭ بالىلارغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتىدىندۇر .