نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : ۋەتەن بلوگى مۇھاكىمە-ئوبزۇر بلوگ ئاپتۇرىنىڭ QQ نۇمېرى:1428585420،بلوگ ئوقۇرمەنلەر QQ توپى:123150124
ھازىر كۆرسىتىلىۋاتقىنى [ مۇھاكىمە-ئوبزۇر ] سەھىپىسىگە تەۋە يازمىلار

«تېما ئوغرىسى» غا ئىككى ئىغىز سىلىق گەپ

[مىلادىي 2011-يىلى05-ئاينىڭ24-كۇنى]
مەن نېمىشقا «تېما ئوغرىسى» دەيمەن ؟ چۈنكى بۇلارنىڭ قىلىقلىرى دەل ئوغرىنىڭ قىلىقى .ئۇلارنىڭ ئۆزئالدىغا سەپ-سەتىلىرى بار. ئۇلاردىن :«نېمىشقا ئەسىرىمنى رۇخسەتسىز ئىلىتىسەن؟ نېمىشقا ئۆزۇڭنىڭ نامىدا ئېلا قىلىۋالسىەن ؟...»دەپ سورىسىڭىز، سىزنىڭكىدىن ئۆتە ،زەردە بىلەن :« تورغا نەرسە يوللىشىڭنىڭ مەقىسىدىمۇ شۇ خەقنى كۆرسۈن دېگەنلىكتۇ، مەن خالس تەشىق قىلىۋاتسام نېمىگە كوتۇلدايسەن » دەيدۇ . «تېما ئوغرىسى» دېگەن بۇ ئاتالما توربېكەتلىرىمىزدە تىلغا ئېلىنىۋاتقىنغا خىلى بولۇپ قالدى، كۆپ تەنقىدلەر بولۇندى، خاس……

جۇڭگو vs غەربنىڭ ئوقۇتۇش تۈزىمى ۋە نوبىل مۇكاپاتى

[مىلادىي 2011-يىلى05-ئاينىڭ13-كۇنى]
1901-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە، نوبىل مۇكاپاتىنىڭ خىمىيە، فىزىكا، تېبابەت ۋە ئىقتىساد قاتارلىق تۈرلىرى بويىچە شەرەبكە ئىرىشكۈچىلەر 716نەپەر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئامېرىكىلىقلار298نەپەر، ئەنگىلىيىكلەر95نەپەر بولۇپ ، بۇ ئىككى دۆلەت بۇ جەھەتتە 1-ۋە 2-رەت تەرتىۋىدە تۇرىدۇ.ئۇنداقتا ئامېرىكا بىلەن ئەنگىلىيە ئىختىساس ئىگىلىرىنى زادى قانداق يېتىشتۇرىدۇ؟بىز بۇيەردە باشقىچە بىر روجەكتىن بۇ قىزىقىشمىزغا جاۋاب ئىزدەپ باقايلى. ئەمەلىيەتتە ،ئالدىنقى قېتىم بىر ماقالىنى يېزىش ئۈچۈن ماتېرىيال توپلاۋىتىپ ، بۇ ھەقتىك……

«يەرئاستى ناخشىچى»چاغانلىق كېچىلىككە قاتنىشىپ غۇلغۇلاپەيدا قىلدى

[مىلادىي 2011-يىلى02-ئاينىڭ3-كۇنى]
بۈگۈن مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسى نەق مەيداندىن تارقاتقان «2011-يىللىق چاغانلىق بىرلەشمە سەنئەت كېچىلىكى»نى باشتىن ئاخىر كۆرۇپ چىقتىم. بۇمېنىڭ تۇنجى قېتىم بۇ كېچىلىكنى تولۇق كۆرىشىم ھېسابلىنىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ قېتىم تولۇق كۆرۇپ چىقىشىمغا بىرقانچە سەۋەبلەر تۈرتكە بولدى. بىرى خىلى بۇرۇنلابىزنىڭ پەخىرلىك ناخشىچىمىز ئابدۇللائابدۇرىھىمنىڭ كېچىلىككە قاتنىشدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرتارقالغان ئىدى، ئەلۋەتتە بۇ خۇشاللىنارلىق بىر ئىش. چۈنكى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسى نەق مەيداندىن تارقىتىدىغان چاغانلىق س……

مىنى ھاياجانلاندۇرغان ئىران ھېكايەفىلىمى :«ئوۋچى»

[مىلادىي 2011-يىلى01-ئاينىڭ27-كۇنى]

بۈگۇن كۈچلۇك قىزىقىش تۈرتكىسىدە ئىران ھېكايە فىلىمى «ئوۋچى» نى كۆرۇپ چىقتىم. ئىران بىلەن گېرمانىيە بىرلىشىپ سۈرەتكە ئالغان بۇ فىلىم مىنى ھاياجانغا سالغان ئىككىنچى ئىران فىلىمى ھېسابلىنىدۇ.
بىزنى ئۆزئىچىگەئالغان دۇنيادىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە بىرسىرلىق ماكان ھېسابلىدىغان ئىران يىقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاساسەن بالىلارتۇرمۇشىنى ئاساس قىلغان ئاددى ئەمما،كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى چىكىدىغان بىر يۇرۇش كىنولىرى بىلەن ئۆزىنىڭ«ئىچكى دۇنيا»سىنى ئاشكارلاپ كەلمەكتە.

2010-يىللىق «10 نادىرئۇيغۇربلوگ»ىنى تەبرىكلەيمەن

[مىلادىي 2011-يىلى01-ئاينىڭ1-كۇنى]

بۈگۈن ،يەنى يېڭى يىلنىڭ تۇنجى كۈنى ئۇيغۇربەگ بلوگىدىن مەزكۇر بلوگنىڭ 2010-يىللىق 10نادىر ئۇيغۇر بلوگلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالغانلىقى ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنى كۆردۈم . دېمەك بۇ 2008-يىلىدىن بىرى يۈكسەل بلوگى باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرۇپ كېلىۋاتقان «يىللىق 10 نادىر ئۇيغۇر بلوگ»ىنى باھالاش پائالىيىتىنىڭ 2010-يىللىق باسقۇچى ئاخىرلاشتى دېگەندىن دىرەك بىرىدۇ.

يېڭى يىل كەلدى !بەخت ياغسۇن بىشىڭلارغا…

[مىلادىي 2011-يىلى01-ئاينىڭ1-كۇنى]

سائەت سىتىرىلكىسى ئادەتلەنگەن قەدەملىرى بىلەن 2010-يىلىنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى پەيتلىرىدىن ئۆتۇپ 2011-يىلىنىڭ تۇنجى دەملىرىگە يىقىنلىماقتا . بولدى ..بولدى… ئەمدى ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ يېڭى يىللق تىلەك تىلىۋالاي : يېڭى يىلىڭلار خەيرلىك بولسۇن ، جاھاندىكى ئىنسانلىق سۈپتىگە لايىق بارلىق ئادەملەر ! سىلەرگە چىن كۆڭلۈمدىن جىسمانى ۋە روھى سالامەتلىك تىلەيمەن !

مانا سەمىمىيەت :ياۋرۇپالىقلارنىڭ 100يىللىق لەۋزى

[مىلادىي 2010-يىلى12-ئاينىڭ29-كۇنى]

ئىنگلىزلار ..نېمىسلار .. ئۇلار بىزگە ئۆزلىرىنىڭ 100يىللىق ۋەدە بىرەلەيدىغانلىقىنى ،شۇنداقلا ۋەدسىدە تۇرالايغانلىقىنى يۇقىرىقى مىساللاردا ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ .بۈگۈنكى كۈندە ئەنە شۇ ئېنگىلىز ۋە نېمىسلارنى ئۆزئىچىگە ئالغان ياۋروپالىقلار ،جاھان ئەھلى ئىچىدە ئىش -ئوقىتى ئىلگىرى باسقان قەۋىم بولۇپ قالدى .
ئۇلارنىڭ بۈگۈنكىدەك يۈكسىلىشىدە ،پەن -تېخنىكىغا ئەھمىيەت بىرىشىدىنمۇ مۇھىم ئامىل ئۇلارنىڭ ئۆزۋە ئۆزگىگە تۇتقان مۇئامىلسىدىكى ھەقىقى مەسئۇلىيەتچانلىق ئىستىلى مۇھىم رول ئوينىغانلىقى گۇمانلىق ئەمەس .

ھازىر كۆرسىتىلىۋاتقىنى [ مۇھاكىمە-ئوبزۇر ] سەھىپىسىگە تەۋە يازمىلار