يەنەشۇ كونا سۈپەتلەر بىلەن تەسۋىرلىسەك،ھەش -پەش دېگۈچە ياكى كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە بولغان ئارىلىقتا 2010-يىلىمۇ ئۆتۈپ كەتتى ..شۇتاپتامۇڭداشقۇ توپلىرىدائىچكىرىدىكى تورداشلىرىم ئۆزلىرىنىڭ يېڭى يىلغا كىرىپ بولغانلىرىنى بىلدۈرۇشمەكتە ، بىزنىڭ بۇيەردىمۇ ئىككى سائەتچە ۋاقت قالدى …
ئەتە ساق -سالامەت ئورنۇمدىن تۇرسام ھاياتىمدىكى 31-يېڭى يىلنىڭ قۇياش نۇرىدىن ،ھاۋاسىدىن بەھىر ئالىمەن ،يېڭى ،يېڭى ،يېڭى ….ھەممە يېڭى …ھەتتا غەم -ئەندىشە ،ئازاب-ئوقۇبەتلەرمۇ !
شۇنداق ئەتە بىسىمىللاھ دەپ ئىشىك بوسۇغۇسىدىن ئوڭ پۇتۇمنى ئىلىشىم بىلەن ھاياتنىڭ يەنە بىر مەنزىلىگە قەدەم قويىمەن ،ئۆمۆرمەنزىلىنىڭ يېڭى بىر بۆلەك يولى ئاياغلىرىم ئاستىدا يىيىلىدۇ …
شۇتاپتا بىرجۈپ قىزىم ئايقۇت بىلەن ئايچىن تاتلىققىنە ئۇخلاۋاتىدۇ ،ئۇلاردا نەغەم نە بىر ئۆتكەن ئۆمۇرنىڭ ھېسابى بولسۇن ! بەلكىم يېڭى يىلغا كىرىش تەرەدۇتى قىلىۋاتقانلار ئىچىدە يېڭى يىلغائەڭ مەغرۇر كىرىدىغىنى مۇشۇ سەبىيلەر بولساكېرەك ھە !؟
……..
سائەت سىتىرىلكىسى ئادەتلەنگەن قەدەملىرى بىلەن 2010-يىلىنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى پەيتلىرىدىن ئۆتۇپ 2011-يىلىنىڭ تۇنجى دەملىرىگە يىقىنلىماقتا . بولدى ..بولدى… ئەمدى ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ يېڭى يىللىق تىلەك تىلىۋالاي :
يېڭى يىلىڭلار خەيرلىك بولسۇن،جاھاندىكى ئىنسانلىق سۈپتىگە لايىق بارلىق ئادەملەر!سىلەرگە چىن كۆڭلۈمدىن جىسمانى ۋە روھى سالامەتلىك تىلەيمەن !