• قوللانچى: پارول:

باشقۇرغۇچىلاربىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە 6خىل ئادىتىڭىزنى ئۆزگەرتىڭ

سىزمەلۇم شېركەتنىڭ خادىمى ياكى مەلۇم ئورگاننىڭ خىزمەتچىسى بولسىڭىز،ئۇنداقتا سىزنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەت چەمبىرىكىڭىزدە ئالاھىدىرەك بولغان بىرتۈرلۈك مۇناسىۋەت مەزمۇنى بولغان بولىدۇ، بۇمۇناسىۋەتتە سىزئەلۋەتتە سەل ئەركىنسىزلىك ھېس قىلشىڭىزمۈمكىن، ئەمماياشاش ئۈچۈن ھامىنى مەلۇم قائىدىلەرگە بوي سۇنماي بولمايدۇ-دە!؟
بەلكىم، سىزتۆۋەندىكىدەك خاتالىقلارنى سادىر قىلغان بولشىڭىزمۇمكىن، ئەگەرئۇنداق بولمىغان تەقدىردىمۇ بىرنۆۋەت ئوقۇپ قويۇڭ، ئەڭ ياخشىسى بۇنداق ئىشلارنى قىلىشتىن ئامال باريېراق تۇرۇڭ.

سادىرقىلغان خاتالىقنى ئېتىراپ قىلماسلىق.

بىرئاقىل خوجايىن ياكى رەھبەرھېچكىمنىڭ خاتالىقتىن خالىي بولالمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ، ئۇلارنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى ئەمەلىيەتتە سىزنىڭ شۇخاتالىققا قانداق يۈزلىنىدىغانلىقىڭىزدۇر.
ئەگەرسىزباھانەئىزدىسىڭىزياكى خاتالىقنىڭ سەۋەبىنى باشقىلارغائارتىشقائۇرۇنسىڭىز، ئۇلارداسىزنىڭ قايتا خاتالىق سادىرقىلمايدىغانلىقىڭىزغا نىسبەتەن قانداقمۇ ئىشەنچ پەيدا بولسۇن؟

خوجايىن ياكى رەھبەرنىڭ ئىنكاسىغا سەزگۈربولۇپ كېتىش.

ئەگەرخوجايىن ياكى رەھبىرىڭىزنىڭ خىزمىتىڭىزگە بەرگەن ئىنكاسىغاقايىل بولمىسىڭىز، ھەتتا ئاچچىقلانسىڭىزسىزئاۋال ئۇلارنى ئوسال قىلىپ قويسىز، لېكىن ئەڭ نەس باسىدىغان ئىش شۇكى شۇنىڭدىن كېيىن سىزنىڭ ئىشلىرىڭىزنى مۇئەييەنلەشتۇرىدىغان ھېچكىم چىقماسلىقى مۇمكىن، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ ئىنكاسى سىزئۈچۈن بەك مۇھىم.

ئىش تېمىسدىكى سۆھبەتتە خاتىرەقالدۇرماسلىق.

ئادەتتە ھەرقانداق خوجايىن ياكى رەھبەر مەلۇم ئىش تۈرى ئۈستىدەسىزبىلەن سۆھبەتلەشكەندە ياكى مەلۇم ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بارغانداسىزنىڭ ھەربىرئىنچكەھالقىنىمۇ بوش قويىۋەتمەسلىكىڭىزنى ئۈمىد قىلىدۇ، شۇڭا سىزنىڭ خاتىرەقالدۇرماسلىق ئادىتىڭىزئۇلارنى ئۈمىدسىزلەندۇرىدۇ.

تۈكى يوق پاراڭنى تولا قىلىش، جانغا ئەسقاتماسلىق.

مەسىلىلەرگەجىددى، ئەمەلىي قارىماي كەچكىچە ئۆزپەرىزىڭىز، ئويىڭىزغا تايىنىپ بىلجىرلاپ يۇرسىڭىزبولمايدۇ.سىزنىڭ ئوتتۇرىغاقويغانلىرىڭىزئۇلارنىڭ مەلۇم تەدبىرلەرنى بەلگىلىشى ئۈچۈن ئەسقاتقىدەك بولىشى كېرەك.

ئۆزقارىشىنى نىقابلاش.

ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق ئۆزقاراشلىرى بولىدۇ.بىراق ئۇلارنىڭ ئالدىدا دىمەي، ئۆزقاراشلىرىڭىزنى نىقابلاپ، باشقايەردەقايناپ يۇرسىڭىزقەتئىي قاملاشمايدۇ.كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھامان ئاشكارىلىنىسىزدە ئىنتايىن ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىسىز.

دائىم ئاغرىنىپ يۈرۇش،ئەمما ئۆزىگە ئېيتماسلىق.

خىزمەت ياكى خوجايىن-رەھبەردىن ئاغىرىنىش ھەمىمىزدە بارھالەت بولىشى مۇمكىن ئەمماسەمىڭىزدە بولسۇن بۇئادەتكە ئايلىنپ قالمىسۇن، چۈنكى بۇئادەتكە ئايلاندىمۇ بولدى، سىزھەممىگە سەت كۆرىنىسىز. ئاغرىنىشىڭىزبولسا ۋاقتىدائۇلارنىڭ ئۆزىگە مۇۋاپىق ئۇسۇلدا ئېيتىڭ، ياكى ئىغىزىڭىزنى يۇمۇڭ!





باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif