• قوللانچى: پارول:

2011-يىللىق دۇنياۋى قىزىق نۇقتىلارنى تىزىپ باقتىم|خەيىر-خوش،قان يىلى

ھەش-پەش دېگۈچە 2011-يىلى ئاخىرلىشىدىغانغىمۇھەپتەئون كۈن ۋاقىت قاپتۇ، دېمەك بۇ بىريىللىق ئىشلاردىن خۇلاسە چىقىردىغان ۋاقىت بولۇپ قالدى، بۈگۈن ئۆزۇمچە 2011-يىلى دۇنيادا يۈزبەرگەن تەسىرچان ۋەقەلەرنى تېزىپ باقتىم بەلكىم قايىل بولماسلىقىڭىزمۇمكىن، ئەلۋەتتە بۇئۆزۇمنىڭ قارىشى بۇنىڭدا ھېچقانداق بىرئۆلچەم يوق.

1.ئوسامە.بىن. لادىننىڭ ئۆلتۆرۇلىشى

2011-يىلى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئامېرىكادېڭىزئارمىيىسى تيۇلېن زەربىدارلارئەتىرىتى پېرىزدىنت ئوبامانىڭ بىۋاسىتە قۇماندانلىقى ئارقىسىدا پاكىستاننىڭ شىمالىدىكى ئاببۇدئاباد شەھىرىدىكى بىر قوراغا ئالاھىدە ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ رىۋايەتكە ئايلانغان شەخس، غەربنىڭ نەزىرىدىكى دۇنياۋى 1-نۇمۇرلۇق تېرورچى بىن لادىننى ئېتىپ ئۆلتۆردى.

2.ئەرەب باھارى

2011-يىلى يانۋارداتۇنىس خەلقى ئۇزۇن ۋاقىت ھاكىمىيەتنى ئىگىلىۋالغان دىكتاتۇربىن ئەلىنى تەختتىن چۈشۈرۈپ، پۈتكۇل ئەرەب دۇنياسغا «ئوت قويۇۋەتتى»!شۇنىڭدىن كېيىن بۇنىڭ تەسىرىدە مىسىردىكى ھاكىمىيەتكە نارازىلىقى كۈچلۇك بولغان ئۆكتىچى كۈچلەرزور ئىلھامغا ئېرىشىپ، ھازىرقى زامان تارىخىدا ئەڭ ئۇزۇن ھاكىمىيەت تۇتقان ئەل باشلىرىدىن بولغان مۇبارەكنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، سوت مەيدانىغائېلىپ چىقىشتى.

3.ياپۇنىيىدىكى زورئاپەت

بۇيىل3-ئاينىڭ11-كۈنى، ياپۇنىيىنىڭ شەرقىي شىمالى دېڭىزقىرغاقلىرىدا9بال يەرتەۋرەپ دەھشەتلىك دېڭىزتاشقىنى يۈزبېرىشىگە سەۋەب بولدى، تېخىمۇ يامان بولغىنى دېڭىزتاشقىنى فۇكۇشىمايادروئېلېكتىرئىستانسىنى ۋەيران قىلىپ، پۇتكۇل دۇنيانى بىرمەيدان يادروبۇلغىنىشى ۋەھىمىسىگە سىلىپ قويدى.

4.سېتۋ.جوبىزنىڭ ئۆلىمى

2011-يىلى10-ئاينىڭ5-كۈنى، iMac、iPod、iPhoneقاتارلىق دۇنياخەلقىنىڭ ئەڭ قىزغىن ياقتۇرىشىغا ئېرىشكەن رەقەملىك مەھسۇلاتلارنىڭ باش ئىجادچىسى، نەچچە يۈزمىليۇن كىشىنىڭ ئالاقە، كۆڭۈل ئېچىش، تۇرمۇشىغا چوڭقۇرتەسىركۆرسەتكەن كەشپىياتچى، ئامېرىكائالماشېركىتىنىڭ مۇھىم داھىيسى ستۋ.جوبىزراك كىسىلى سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتتى.
5.ياۋروپا قەرزكىرزىسى
ياۋروپالىق مەبلەغ سالغۇچىلاربۇبىريىل ئىچىدە مىسلى كۆرۇلمىگەن پالاكەتكە ئۇچرىدى.ئامېرىكائىقتىسادىنىڭ پۇتكۇل يەرشارى بازىرىدىكى يادرۇلۇق ئورنى خەۋپ ئىچىدە قالدى.
6. قەززافىنىڭ ئۆلتۇرۇلىشى
قەززافىنىڭ لىۋىيىگە يۇرگۇزگەن40يىللىق مۇستەبىت ھاكىمىيىتى بۇيىل ئاخىرى خاتىمىلەندى.ئۇزۇن ۋاقىتلىق كەسكىن كۇرەشلەردىن كېيىن، ھاكىميەتنى غەربنىڭ ھىمايىسىدىكى ئۆكتىچى كۈچلەرگە تارتقۇزۇپ قويغان قەززافى ئاقىۋەت يۇرتى سىرتەدە بىرئەۋرەزيولىدا تىرىك قولغا چۈشكەندىن كېيىن ئىنسان قىلىپىدىن چىققان بىريوسۇندائولتۇرۋىتىلدى.
7. ئەرەب كۈزى
يىل بېىشىدىكى مىسىرئىنقىلابىنىڭ تەسىرىدە سۈرىيەۋەيەمەندىمۇ خەلق قوزغالدى، بىراق ئېرىشكىنى يوق دىيەرلىك بولدى.2011-يىلى كۈزدە ئەرەب دۇنيادىسىكى زورلۇق بىلەن ھاكىمىيەت ئۆزگەرتىش شامىلى ئەۋجىگە چىققىلى تۇردى…
8. ئافرىقىدىكى دەھشەتلىك ئاچارچىلىق
ئافرىقا قۇرۇقلۇقى 60يىلدىن بۇيانقى ئەڭ قاتتىق قۇرغاقچىلىقنى كۈتۈۋالدى، بۇئەزەلدىنلامەۋجۈت بولغان ئاچارچىلىق كىرزىسىنى ئەۋجىگە چىقاردى. بىرلەشكەن دۆلەتلەرتەشكىلاتىنىڭ دوكىلاتىغا ئاساسلانغاندا سۇمالىنىڭ 30%ئاھالسى ئىغىردەرىجىدە ئوزۇقلۇق يىتىشمەسلىك خەۋىپىگە دۇچ كەلگەن، ھەركۈنى ئازدېگەندە1000نەپەرئاچ قالغان سۇمالىلىق كىشى كىنىيە چىگرىسىدىكى ئاپەتتىن قۇتۇلدۇرۇش لاگىرىغا يەتكۈزۇلگەن.
9. Utoyaئارىلىدىكى پاجىئە
32ياشلىق نورۋىگىيىلىكAndersBehringBreivik مەلۇم بىرياشلارپائالىيەت لاگىرىدا ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى تۇغدۇرۇپ بىگۇناھ85ئادەمنىڭ ئۆلۇشىنى كەلتۇرۇپ چىقاردى.
10.پەلەستىنلىكلەرنىڭ پەلەستىن دۆلىتى چۈشى
پەلەستىن مىللى ھوقۇقلۇق ئورگىنىنىڭ رەئىسى ئابباس بۇيىل 9-ئايدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن پەلەستىننىڭ مۇستەقىل دۆلەت سالاھىيىتىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەرتەشكىلاتىغائەزا بولىشى كېرەكلىكى ھەققىدە مۇراجەت سۇنۇپ دۇنيا خەلقىنى ھەيران قالدۇرغان بولسا، پەلەستىن خەلقىنى قاتتىق ھاياجانغا سالدى.
ئۇھ…ئەسلى بۇ يازما مۇشۇ يەردە ئاخىرلىشاتتى، بىراق:
11.چاۋشيەننىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرى كىم جۇڭئىن ۋاپات بولدى
17-دېكابىر دۇنيادىكى يەنە بىرھاكىممۇتلەق كىم جۇڭئىن زىيادە چارچىغانلىقتىن ۋاپات بولدى، ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ئۆلىمىمۇ تاربولغاندا رايون خارەكتىرلىك تەسىرپەيداقىلىشى مۇمكىن.





15 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • 2011-يىلى دۇنيادا ياخشى ئىش يۈز بەرمىدىمۇ نېمە؟ :mrgreen: :lol:

    • راست، شەخسەن ئۆزۇمنىڭ 2011-يىلىمۇ تازا ياخشى ئۆتمىدى

  • ئەرەب باھارىدىن بۆلەك ياخشى ئىش يوقمۇ بۇيىل ؟

    • «ئەرەپ قىشى» مۇ بولدىغاندەك قىلىدىغۇ

  • 2011-يىللىق ئون چوڭ بلوگىنى باھالاش پائالىيىتىنىمۇ 2011-يىللىق دۇنياۋى چوڭ ئىشلارنى قانداق تىزساق بۇلاتتى . :razz:

  • ئامېرىكىنىڭ ئىراقتىن ئەسكەر چېكىندۈرىشى.

    • ھىم بۇ ئىشمۇ بارئىدى، بىراق بۇنىڭغاتازاكۆڭلۇم ئۇنىماي قويدى…

  • 2011-يىلى كەمىنە سەھرالىق تور دۇنياسىدا دىۋان تالىشىش بىلەن داڭق چىقارغان بولسىمۇ ، كەمىنىنىڭ كەپىسىگە بارىدىغانلار ئازلاپ ،نەسلى قۇرۇش خەۋىپىگە دۇچ كەلدى :sad:

    • بۇ2011-يىلىدىكى ئەڭ قورقۇنچلۇق خەۋەر

    • :mrgreen: دىۋانە!

    • ئۆزلە پات-پات يېڭىلاپ تۇرسىلا جىق ئادەم باراتتى ئەمەسمۇ؟ :razz:

  • ئۇيغۇربەگنىڭ 500 دوللارلىق كېرىمىمۇ ياخشى ئىش ھېسابىغا ئېلىنسا بولاتتى!

    • ئوھۇي بۇ ئىشنى! خەجلەپ بولۇپ دەۋاتقان گەپمۇ بۇنى؟

    • خەجلەپ بولماي ئامال قانچە! :evil:

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif