روسىيە ئاستانىسى موسكۋا يەنىلا پۈتكۈل دۇنيا بويىچە دەرىجىدىن تاشقىرى بايلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان شەھەرلەر قاتارىدا1-ئورۇننى قولدىن بەرمىدى. بۇ موسكۋانىڭ بەش يىلدىن بىرى ئۈچىنچى نۆۋەت بۇ شەرەپكە نائىل بولىشىدۇر. بۇقېتىمقى باھالاشتا موسكۋا 78 نەپەر مىليادىرى ۋە بۇلارنىڭ334مىليارد ئامېرىكا دوللىرى كاپىتالى( بايلىقى) بىلەن يەنە چاقنىدى.
نيۇيورك 57نەپەر مىليادىر (ئومۇمى بايلىغى 228مىليارد ئامېرىكادوللىرى) بىلەن ئىككىنچى ئورۇندا، لوندۇن 39 نەپەر مىليادىر )ئومۇمى بايلىغى 134مىليارد ئامېرىكا دوللىرى) بىلەن ئۈچىنچى ئورۇندا تۇردى.
خوش، ئۇنداقتا موسكۋا نېمە سەۋەبتىن مىليادىرلار لاگېرىغا ئايلىنىپ قالدى؟
ئەڭ مۇھىم سەۋەب شۇكى روسىيە تەۋەلىكىدىكى مىليادىرلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى موسكۋادا ياشايدۇ، پەقەت 18نەپىرىلا موسكۋانىڭ سىرتىدا. ئامېرىكىنىڭ ئەھۋالى بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ، ئامېرىكىنىڭ مىليادىرلىرى ھەممە شەھەردە بار، نيويورك بولسا ئامېرىكىنىڭ مىليادىرلار لاگىرى ئەمما يەنە388 نەپەر مىليادىر ئامېرىكىنىڭ باشقا شەھەرلىرىدە ياشايدۇ.
ئالدىنقى ئۈچ شەھەردىن كېيىن دىققىتىمىزنى تارتىدىغىنى شياڭگاڭ بولۇپ، 38 نەپەر مىليادىر بىلەن تۆتىنچى ئورۇندا تۇرغان. بۇ تېزىملىكتە ئىلگىرىكى ئورون ئىگىلىرىدىن تەيبىي، لوس-ئانجلس، بېيجىڭ قاتارلىقلار چۈشۈپ قالغان.
تۆۋەندىكىسى بۇيىللىق مىليادىردۆۋىلىرىنىڭ رەت تەرتىپى:
1.موسكۋا(روسىيە)———-78 نەپەر
2.نيۇيورك(ئا ق ش)———57نەپەر
3.لوندون(ئەنگىلىيە)———-39نەپەر
4.شىياڭگاڭ(جۇڭگو)–38نەپەر
5.ئىستانبول(تۈركىيە)——–30نەپەر
6.سان پاۋلو(بىرازىلىيە)——19نەپەر
7.سىئول(كورىيە)——–19نەپەر
8. بومباي(ھېندىستان)——-18نەپەر
9.سان فرانسسكو(ئا ق ش)—18نەپەر
10.داللاس(ئا ق ش)—17نەپەر