• قوللانچى: پارول:

ئىنسان ھاياتىدىكى ئەڭ قىممەتلىك 12خىل بايلىق

ئىنسان ھاياتىدىكى بىرىنچى بايلىق : ئاكتىپ ۋە كۆتۈرەڭگۈ كەيپىيات
ئىنساننىڭ بارلىق بايلىقى، بىرخىل روھى ھالەتنى مەنبە قىلىدۇ.روھى ھالەت بولسا ،ئىنسان پۈتۈنلەي كونترول قىلالايدىغان نەرسە.ئاكتىپ ۋە كۆتۈرەڭگۈ كەيپىياتنى ئۆزىنىڭ خاسلىقىغا ئايلاندۇرالىغان ئادەم يۈكسىلىشنىڭ يولنى ئاچقان بولىدۇ.

ئىنسان ھاياتىدىكى ئىككىنچى بايلىق:ساغلام تەن
ساغلام تەن -ساپ تەپەككۈرنىڭ مەنبەسى. ئاكتىپ ۋە كۆتۈرەڭگۈ كەيپىيات بىلەن مۇۋاپىق جىسمانىي چېنىقىشقا كاپالەت قىلىش كېسەللىكلەردىن خالى بولۇشنىڭ ئەڭ ياخشى يولىدۇر.

ئىنسان ھاياتىدىكى ئۈچىنچى بايلىق:كىشىلىك ئالاقىدىكى ئىناقلىق
ئىنسان ئەڭ ئاۋۋال يېتىلدۈرۈشكە تېگىشلىك  مەسئۇلىيەت بولسا-ئىچكى ئىناقلىقتۇر، ئىچكى دۇنيادىكى تىنچلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرالىسىڭىزباشقىلاربىلەن ئاسانلا ئىناق مۇناسىۋەت ئورنىتالايسىز.باشقىلارغا سەمىمىيەت بىغىشلىيالايدىغان ئادەم ھامان ياخشى جاۋابقا نائىل بولىدۇ.

ئىنسان ھاياتىدىكى تۆتىنچى بايلىق:غەم -غۇسسنى يېڭىش
ئادەمنى غەمگە مۇپتىلا قىلىدىغان يەتتە مەنبە : نامراتلىق، كېسەللىك، تەنقىد، مۇھەببەتتىن مەھرۇم بولۇش، ئۆزىنى يوقۇتۇش، قېرىش، ئۆلۈمدىن ئىبارەت. غەم-غۇسسىگە قۇل بولغان ئادەم ھەقىقىي تۈردە باي ۋە ئەركىن ئادەم ھېسابلانمايدۇ.

ئىنسان ھاياتىدىكى بەشىنچى بايلىق: ئۈمىدۋارلىق
ئۈمىد ئىنساننىڭ ئەڭ ياخشى روھى ھالىتىنى ياراتقۇچى،  ئۇ-ھەقىقىي خۇشھاللىقنىڭ مەنبەسى .

ئىنسان ھاياتىدىكى ئالتىنچى بايلىق: ئېتىقاد
ئېتىقاد بىرخىل قۇدرەتلىك كۈچ، ئۇ ئىدىيىدىكى ئاجىزئىنىرگىيىلەرنى قىممىتى زور مەنىۋىيەتكە ئايلاندۇرىدۇ.ئىتىقاديەنەھايات يولىڭىزنى چەكسىزپاراسەت نۇرلىرى بىلەن يورۇتۇپ بېرىدۇ.

ئىنسان ھاياتىدىكى يەتتىنچى بايلىق:ئۆزبەختىدىن ئۆزگىلەرنىمۇ بەھىرلەندۈرۈش
ئۆزى ئېرىشكەن بەخت -سائادەتتىن باشقىلاربىلەن ئورتاق بەھىرلىنىشنى بىلمەيدىغان ئادەم، بەختنىڭ ئىشكىنى مەڭگۈ تاپالمايدۇ.

ئىنسان ھاياتىدىكى سەككىزىنچى بايلىق:ئۆزكەسپىنى قىزغىن سۆيۈش
ھېچقانداق ئادەمنى، ئۆزكەسپىنى قىزغىن سۆيىدىغان ئادەم بىلەن بايلىق جەھەتتە سىلۇشتۇرالمايمىز، چۈنكى ئۇنىڭ ئۆزى قىزغىن سۆيۈپ قىلىدىغان ئىشى بار ،ئۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلىيالايدۇ.

ئىنسان ھاياتىدىكى توققۇزىنچى بايلىق: كۆڭۈل-كۆكسىنى كەڭرى تۇتۇش
كۆڭلى -كۆكسىنى ھەرقانداق شارائىتتىمۇ كەڭرى تۇتالايدىغان ئادەملەر ھەقىقىي تەربىيە كۆرگەن كىشىلەر ھېسابلىنىدۇ .ئۇلارنىڭ ئىچكى دۇنياسى ھامان قۇياش نۇرىغا تويۇنغان ھالدا. ئۇلارنىڭ ئىش-ئوقەتلىرى ھامان يۈرۈشكەن ھالدا.

ئىنسان ھاياتىدىكى ئونىنچى بايلىق: ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش
ئادەم ئۆزىگە «خوجا» بولماي تۇرۇپ، ھەرقانداق ئىشقا«خوجا»بولالمايدۇ. ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش، ئۈمىدلەر مەنزىلىگە يېتىشنىڭ يولى، دوست ھەتتا دۈشمەننىڭ ھۆرمىتىنى قوزغايدىغان ئەڭگۈشتەر.(ۋەتەن تەرجىمە جەريانىدا شۇنى قىستۇرۇپ قويۇدۇكى :ئۆزىنى سورىغان شەھەر سورايدۇ.-دېگەن ئېسىل نەسەبلىك ئاتا-بۇۋىلار)

ئىنسان ھاياتىدىكى ئون بىرىنچى بايلىق: ئۆزگىنى چۈشىنىش ئىقتىدارى
ئۆزگىنى چۈشىنىش دۈشمەننى ئازايتىپ، دوستنى ئۇلغايتىشكى ئەڭگۈشتەر. ئۇ ئىنسان بىلەن ئىنسان ئارىسىداھىممەت،ھەمكارلىق ئورنىتىشنىڭ ئاساسى.بۇنىڭداتەۋسىيەشۇكى:ئۆزگىنى چۈشىنىشتىن بۇرۇن ئۆزۈڭنى چۈشەن.

ئىنسان ھاياتىدىكى ئون ئىككىنچى بايلىق:ئىقتىسادى كاپالەت
مەزكۇرئون ئىككى بايلىق قاتارىدا گەرچە ئەڭ ئاخىرىغا تىزىلغان بولسىمۇ، ئەممابۇ ئىنسان ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم بايلىقنىڭ بىرى. ئاخىرىدا شۇنى ئەسكەرتىمىزكى: ئەگەرسىز ئالدىنقى ئون بىرخىل بايلىقنى توپلىيالىسىڭىزلا،بۇ بايلىق(ئىقتىساد)قىمۇ ئاسانلا ئېرىشەلەيسىز.

_______

ۋەتەن تەرجىمىسى
芸影荷花بلوگىدىن تەرجىمەقىلىندى





5 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • بۇبايلىقلارنى ئۆزىدە ھازىرلىغان كىشى دىۋان ئالالايدۇ….
    قالتىس تېتىملىق ئەسەرلەرنى يوللاۋاتىسىز بۇرادەر.

  • ئەۋللادىم جاۋاب

    :razz:

  • مەن مۇشۇ تۈرلەر بويىچە بولغاندا، ئوتتۇرا بۇژىئازىيە سىنىپىغا تەۋە بولغۇدەكمەن . :mrgreen:

    • weten

      قارىغاندائون ئىككىنچى خىل بايلىقمۇ خىلى باركەندە؟ :mrgreen:

  • نۇرغۇنلىرىمىز مۇشۇنداق ھېكمەتلەرنى بىر قاراپلا قۇرۇق گەپ، نەزەرىيەدەك بىلىنىپ تەپسىلىي ئوقۇمايمىز، ئەمەلىيەتتە مۇشۇلارنى ئىش ئەمەلىيەت بىلەن بىرلەشتۈرۈپ سىناپ باقساقلا پەرق شۇ ھامان كۆرۈلىدۇ.

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif