تاماكا چېكىش تارىخىم ئۇزۇن بولمىسىمۇ، ئەمما تاماكا تاشلاش قېتىم سانىم بەك كۆپ. ھەرقېتىم تاماكا تاشلاشقا ئاتلانغاندا ئامېرىكا يازغۇچىسى مارك. تۇۋېننىڭ «تاماكا تاشلاش دۇنيادىكى ئەڭ ئاسان ئىش، مەن 1000قېتىم تاشلاپ بولدۇم» دېگەن گېپى يادىمغا يېتىپ كۈلۈپ كېتىمەن.
خۇدايىم بۇيرىسا، بۇدورەم تاماكا تاشلىغىنىمغا مانا ھازىر ساق 3 ئاي بولدى، بۇقېتىملىقنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق تاماكا تاشلاش بولۇپ قىلىشى ئۈچۈن قاتتىق تىرىشىمەن.
تاماكا تاشلىغانلىقىمنىڭ 3ئايلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇشۇنىڭغا ئائىت نەرسىلەر بولسا كۆرەيچۇ دەپ، تورئارىلاپ يۈرسەم مەلۇم بىر خەنچە بېكەتتە، تاماكىنىڭ زىيىنى ھەققىدە ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان بىرگەپ بار ئىكەن، شۇڭا ئوقۇپ بولۇپلا، تورداشلارغا تەۋسىيە قىلىش نېيىتىدە ئاساسى مەزمۇنلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈپ مەزكۇر ماقالىنى تەييارلىدىم.
تاماكىنىڭ زىيىنىنى دەپ يۈرمىسەكمۇ بولىدۇ، بۇ ھەقىقەت ھەتتا تاماكا قېپىنىڭ ئۆزىگىمۇ يېزىلغان. تاماكا چېكىدىغانلار خەقنىڭ قولىدىن سوراپ چەككەن تاماكىنى ئادەتتە « ئىككىنچى قول» تاماكا دەپ ئاتاپ قويۇشىدۇ، لېكىن بىز بۈگۈن «ئۈچىنچى قول تاماكا» ھەققىدە توختىلىمىز. ئەلۋەتتە بۇيەردىكى «ئۈچىنچى قول تاماكا» ھەرگىزمۇ ئۈچىنچى ئادەمنىڭ قولىغا ئۆتكەن تاماكىنى كۆرسەتمەيدۇ.
يېقىندىكى تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا ئەگەر سىزبىر تاماكاچىكىدىغان دادا بولسىڭىز، ئۇنداقتا سىزنىڭ بالىلارنىڭ ئالدىدا تاماكا چەكمەيدىغان ئېسىل تەدبىرلىرىڭىزنىڭمۇئانچە ئەھمىيىتى يوق ئىكەن، مۇناسىۋەتلىك بۇ تەتقىقات نەتىجىسىدە ئېيتىلىشىچە، سىزنىڭ چاچ ۋە كېيىم-كېچەكلىرىڭىزگە سېڭىۋالغان ھەقىقى يوشۇرۇن قاتىل-« ئۈچىنچى قول تاماكا» نىڭ زىيىنىنىمۇ مۆلچەرلەش قېيىن ئىكەن.
ئامېرىكا سانتىياگو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروپىسسورى جورج.مات ۋە ماسساچۇسېتس شتاتلىق مەركىزى بالىلاردوختۇرخانىسىدىكى دوكتۇر جاناسىن.ۋىينكوفلار ئېلىپ بارغان تەتقىقات تەتقىقات نەتىجىسىدىن قارىغاندا، تاماكىنى تۇتاشتۇرغاندىن كېيىن چىققان تۈتەك تەركىبىدىكى زىيانلىق ماددىلار ئەمەلىيەتتە ئاسانلىقچە يوقالمايدىغان بولۇپ، تاماكىنى ئۆچۈرۈپ بولغاندىن كېيىنمۇ خىلى ۋاقىتلارغىچە تۇرىدىكەن.
چۈنكى تاماكىنى قانداق بىرتەرەپ قىلىشىڭىزدىن قەنتى، تاماكا يوپۇرمىقى كۆيگەندە چىققان تۇتۇن تەركىبىدىكى 90% نىكوتىن قاتارلىق زىيانلىق ماددىلار سىزنىڭ چىچىڭىز، تېرىڭىز، كىيىم-كېچىكىڭىز ھەم ئائىلە جابدۇقلىرى، تام -تورۇس قاتارلىقلار تەرىپىدىن سۇمۇرۇۋىلىنىدىغان بولۇپ، گەرچە سىز تاماكا چەككەندە باشقىلار يېنىڭىزدا بولمىسىمۇ كېيىن ئۇلار سىز ۋە تاماكا چېكىلگەن مۇھىت بىلەن ئۇچراشقاندا، ئۆزلىرىمۇ بىلمىگەن ھالدا «ئۈچىنچى قول تاماكا» نى چىكىدىكەن، بۇنىڭ تەسىرى بولۇپمۇ كىچىك بالىلارغا بەك ئۆتكۈر بولىدىكەن!
تەتقىقاتچىلار يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەتقىق قىلىپ شۇنى بايقىغانكى، بەڭگىلەرنىڭ ئۆيىدە «ئۈچىنچى قول تاماكا» نىڭ ساقلىنىپ تۇرۇش ۋاقتى بىرقەدەر ئۇزۇن بولۇپ، بۇنداق مۇھىت بالىلارنىڭ تونۇش-چۈشىنىش ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشىگە توسالغۇ پەيدا قىلىدىكەن، ئەگەر بىركىچىك بالا شۇنداق مۇھىتتا ئۇزۇن مەزگىل تۇرسا ،ئۇنىڭ ئوقۇپ چۈشىنىش ئىقتىدارى كۆرىنەرلىك ھالدا ئاجىزبولىدىكەن.
مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات جەريانىدا ،تەكشۈرۈشنى قۇبۇل قىلغان ئائىلىلەر ئىچىدە 95.5% تاماكا چەكمەيدىغانلار ۋە 84.1% تاماكا چېكىدىغانلارنىڭ قارىشىچە «ئىككىنچى قول» تاماكا بالىلارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان سالىدىكەن، 65.4% تاماكا چەكمەيدىغانلار 43.3% تاماكاچەككۇچىلەرلا «ئۈچىنچى قول تاماكا» نىڭ بالىلارغا زىيانلىق ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدىكەن.
خانە ( ئۆي ئىچىدە) تاماكا چېكىشنى قەتئىي چەكلەش لازىممۇ-يوق؟ دېگەن مەسىلىدە تاماكا چەكمەيدىغانلار بىلەن تاماكا چېكىدىغانلارنىڭ قارىشىدا زور پەرق بولۇپ قوللاش نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 88.4% بىلەن 26.7% بولغان.
دېمەك، تاماكىنىڭ زىيىنىنى كونترول قىلىش ئۇنچە ئاسانغا چۈشمەيدىغاندەك قىلىدۇ.
ئاخىرىدا، ماڭا ئوخشاش تاماكا تاشلىغۇچىلارغا مەدەت تىلەش بىلەن بىرگە، تاماكا چەككۈچىلەرگە دەيدىغىنىم:
-تاماكا تاشلىغىنىڭىز، بالىڭىزغا بەرگەن ئەڭ ياخشى سوۋغاتلىرىڭىزنىڭ بىرى بولۇپ قالغۇسى.