1.ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇنۋان مائاشى ئەمەلدىن قالدۇرىلىدۇ
ھازىر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشى ئۇنۋانغا قارىتا ھېسابلىنىدۇ، مەكتەپلەردە ئوتتۇرا، ئالى دەرىجىلىك ئۇنۋاننىڭ سان چەكلىمىسى بولىدۇ،بولۇپمۇ ئالى دەرىجىنىڭ شۇنداق. بۇ شەرتكە توشىدىغان ئوقۇتقۇچىلار بەلگىلەنگەن سان چەكلىمىسىدىن خېلىلا كۆپ بولغاچقا، سالاھىيەت تارىخى، ئوقۇش تارىخى، ئىقتىدارى، خىزمەت مىقتارى، نەتىجىسى ئانچە پەرقلەنمىگەن ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدا(بولۇپمۇ يېزا مەجبورى مائارىپ ئوقۇتقۇچىلىرى) كىرىم پەرقى چوڭ بولماقتا.ئالى دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچىلار ھەم ئادەتتىكى دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مۇئاشى بىر ھەسسە پەرقلىنىدىغان ئىشلار مەۋجۈت، ئۇنىڭ ئۈستىگە پىنسىيە مۇئاشىغا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتمەكتە. ئىلغارمەكتەپ قۇرۇپ چىقىشتا %90تىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچىغا تايىنىشقا توغرا كىلىدۇ، ئوقۇتقۇچىلىق ئۇنۋانغا قارىتا مۇئاشنىڭ يۇقىرى- تۆۋەنلىكىنى بىكىتىش كەڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى قوزغىيالمايلا قالماستىن، كۆپلىگەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇنۋان سەۋەپلىك مۇئاش پەرقىنىڭ چوڭ بولىشى خىزمەت ئۈنىمىگىمۇ زور تەسر كۆرسىەتمەكتە. بولۇپمۇ يۇقىرى ئۇنۋان ئېلىش ئۈمىدى يوق بولغان ئوقۇتقۇچىلار نۇرغۇن مەسىلىلەرنىڭ سەۋەبىدۇر.چۈنكى ئوقۇتقۇچىلارمۇ ئوخشاشلا ئادەم، شۇڭا پىسخىكا تەڭپۇڭسىزلىقى چىقىشى تۇرغانلا گەپ. پىسخىكا تەڭپۇڭسىزلىقىنىڭ ئاسارىتى ئاستىدا ئوقۇتقۇچىلىقنى تاشلاپ خىزمەت ئالمىشىدىغان ياكى باشقا خىزمەتكە ئالمىشالمىغان ئوقۇتقۇچىلار كەلتۈرۈپ چىقارغان ناچار ئاقىۋەتلەر بارغانسېرى كۆپىيىدۇ. شۇ سەۋەپتىن ھەر قېتىم ئوتتۇرا-ئالى دەرىجىلىك ئۇنۋان باھالىغاندا، ئوقۇتقۇچىلار ئۆز-ئارا، ئوقۇتقۇچىلاربىلەن رەھبەرلەر ياكى ئوقۇتقۇچىلار بىلەن باھالىغۇچىلار ئارىسىدا زىددىيەتلەر باغانسېرى كۆپەيمەكتە. چېرىكلىشىشكە پۇرسەت كۆپەيمەكتە.
شۇڭا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇنۋانغا قارىتا مۇئاش ئېلىش سىياسىتى خاتىرجەم تۇرمۇشقا تەسر يەتكۈزۈپ،كادىر-ئاممىلارنىڭ مۇناسىۋىتىگە زىيان يەتكۈزۈپلا قالماي ، ئىناق جەمىيەت بەرپا قىلىشقىمۇ ئېغىر تەسىر يەتكۈزمەكتە. شۇڭا كىرىم تەڭپۇڭسىزلىقى كۈندىن كۈنگە ئىقتىسادى مەسىلىدىن خەلقنىڭ تۇرمۇش مەسىلسىگە، ئۇنىڭدىن ئۆزگىرىپ ئېغىر دەرىجىدىكى ئىجتىمائىي مەسىلىگەئايلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، مۇئاش ئسلاھاتىنىڭ «يوقىرىسىنى تىزگىنلەپ، ئوتتۇرىسىنى مۇقىملاشتۇرۇپ،تۆۋەننى يۆلەپ» تەدىرىجى ھالدا ئۇنۋانلاشقان مۇئاش تۈزۈمىنى سۇزلاشتۇرۇپ ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ،ئۈنۈم ۋە ئادىللىقنى بىر نۇقتا قىلغان كىرىم تەقسىم قىلىش زۆرۈر بولماقتا.
2.ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يېڭى كىرىم تۈزۈلمىسى :
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مۇئاشى :ئاساسى مۇئاش، ئوقۇتۇش ئىستاجى مۇئاشى ، نەتىجە مۇئاشى، ئالاھىدە ئېتىۋار قوشۇمچە پۇل قاتارلىقلاردىن تەركىپ تاپىدۇ.
(1)ئاساسى مائاشى:ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سالاھىتىگە ئاساسەن بېكىتىلىدۇ
باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ 2000يۇەن،تۇلۇقسىز ئوتتۇرا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ 2300يۇەن،تۇلۇق ئوتتۇرا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ 2500يۇەن ،ئالى تېخنىكوم ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ 2800 يۇەن، ئالى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ 3000يۇەن قىلىپ بېكىتىلىدۇ.(خەلق ئىقتىسادىنىڭ يوقۇرلىشىغا ئەگىشىپ يوقۇرلايدۇ)
(2) ئوقۇتۇش ستاژى مائاشى
يىلىغا 30يۇەن بولۇپ،ئوقۇتۇش يىل سانىغا قارىتا يوقىرىلاپ ماڭىدۇ.خىزمەت ئىستاجى مۇئاشىنىڭ ئەمىلىشى پىشقەدەم ئوقۇتقۇچىلارغا بولغان غەمغورلۇق بولۇپلا قالماستىن ، تېخىمۇ مۇھىمى،داۋاملىق ئوقۇتقۇچىلىق سېپىگە قاتنىشىش ئىدىيىسىنى ئىلھاملاندۇرۇشتا بولۇپ،ئوقۇتقۇچىلىق سېپى قۇرۇلۇشى ۋە مۇقىملىقى ئۈچۇن ئىنتايىن پايدىلىق.
(3)دەرس نۇرمىسى مائاشى
دەرس سائەتلىك قوشۇمچە ياردەم پۇلى ئەمەلى ئۆتكەن دەرس سائىتى بويىچە مۇئاش ھېساپلاش پىرىنسىپىنى كۆرسىتىدۇ. ئاساسلىقى ئوقۇتقۇچىلارنى كۆپرەك دەرس ئېلىشىقا ئىلھاملاندۇرۇش،بولۇپمۇ زېھنى تولۇپ تاشقان ياش ئوقۇتقۇچىلارنى كۆپرەك دەرس ئېلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش ئۈچۈندۇر.
(4)نەتىجە مۇئاشى
مەۋسۈملۈك ھەم يىللىق مۇكاپات (ئۇنۋان مۇئاشنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ).بۇ قىسمەن مۇكاپات پۇتۈن مۇئاشنىڭ %10نىلائىگەللەيدۇ.كۆپچىلىك كۆرسىتىش ھەم ئەمەلى نەتىجىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ھەر مەۋسۈم ۋە يىلدا باھالىنىدۇ.ھەر بىر ئوقۇتقۇچى ئاكتىپلىق بىلەن تىرىشسىلا ھەر يىلى پۇرسەت بار دىگەن گەپ. ئاساسلىقى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۆپلەپ ئۈنۈم يارىتىپ، نەتىجە قازىنىشى ،دەرسنى جىق ئېلىپلا قالماي دەرسنىمۇ ياخشى ئۆتۈشى ئۈمۇت قىلىندۇ.
(5)ئالاھىدە ئېتىۋار قوشۇمچە پۇلى
پۈتۈن ئوقۇتقۇچىلار ئورتاق ئېتىراپ قىلىدىغان ئالاھىدە مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارغا بېرىلىدۇ،سان چەكلىمىسى يوق،ناھىيە-شەھەردىن يوقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ يوقىرى ئۆلچەملىك تەكشۈرىشىدىن ئۆتۈپ تەستىخلانغان بولىشى كېرەك.ئاساسلىقى مائارىپ-ئوقۇتۇش خىزمىتىدە ئالاھىدە نەتىجە ياراتقان،ھەم كېڭەيتىلگەن،بىر مەكتەپنىڭ ياكى بىر رايوننىڭ مائارىپىغا بەلگىلىك تەسر كۆرسىتەلىگەن مائارىپ ھەم ئوقۇتۇش ئۇسۇلى بار بولىشى كېرەك .تەسر دائىرسىنىڭ چوڭ كىچىكلىكىگە ئاساسەن دەرىجىسىنى بېكىتىشكە بولىدۇ،ياكى دۆلەت دەرىجىلىك،ئۆلكە دەرىجىلىك،ۋىلايەت شەھەر دەرىجىلىك ، ناھىيە دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ ئوخشىمىغان ئۆلچەملىرىگە ئاساسەن ئاشۇنداق تالانتلىق مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنى مۇكاپاتلاپ،ئىلھاملاندۇرىلىدۇ.
(6)چەت رايونلار تۇلۇقلىما ياردىمى
يېزىلاردىكى ھەم چەت تاغلىق رايونلاردىكى ئوقۇتقۇچىلارغا ئايرىم تۇلۇقلىما پۇلى بېرىلىدۇ،يەنى مۇئاشنىڭ %30 بويىچە بېرىلىدۇ. خۇددى دۆلەت كادىرلىرى يېزىغا چۈشكەنلىك تۇلۇقلىما پۇلىغا ئوخشاش،قانچە چەت رايوندا بولسا تۇلۇقلىمىسىمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ،مەڭگۈلۈك ئەمەس، خىزمەت ئورنىدىن يۆتكەلسە شۇنىڭغا قارىتاتەڭشىلىدۇ.
____
教师工资改革方案
http://zhidao.baidu.com/question/202477131.html