Besame Mucho مەن ئەڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان ناخشىلارنىڭ بىرى، ئادەتتە ئىشخانىدا ئىش بېجىرىۋىتىپ ئىسقىرتىپ قويىدىغان كىلاسسىك ئاھاڭلىرىمدىن ھېسابلىنىدۇ. بەزىدە ئىشخانىدىكىلەر يەنە بىرقېتىم ئىسقىرتىپ بېرىشمنى تەلەپ قېلىشىدۇ تېخى..
بۇنى دەسلىۋىدە ئاڭلىغىنىمدا ئارقاكۆرۈنىشىنى بىلمەيتىم، كېيىن بىلسەم بۇ بەك كونا ناخشىكەن. 1941-يىلى مىكسىكىلىق مەشھۇرئايال كومپوزىتور كونسيۇلو ۋىلزاكيۇز ( Consuelo Velazquez) ئېغىر كېسەل ئازاۋى تارتىۋاتقان بىر يېقىن دوستىنى يوقلىغاندىن كېيىن،ئىنتايىن ھاياجانلانغان، ھاياتنىڭ نەقەدەر قىسقا ئىكەنلىكىنى، تۇرمۇشنى ، دوست -يارەنلەرنى قەدىرلەشنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان ھەمدە Besame Mucho (قانغۇچە سۆيگىن) ناملىق بۇ لېرىك ناخشىنى ئىجاد قىلغان ئىكەن.
1944-يىلى بۇ ناخشا ئامېرىكىدا بىراقلا نام قازىنىپ، 10چوڭ مودا ناخشىنىڭ بىرى سۈپىتىدە دەۋرسۈرگەن ھەمدە تۈرلۈك تىللارغا تەرجىمە قېلىنىپ دۇنياغا تارقىلشقا باشلىغان. كېيىن يەنە« لاتىن دۇنياسىنىڭ ئەسرھالقىغان ناخشىسى» دەپ ئاتالغان.
ھازىرغا قەدەر بىزگە تونۇش ۋە ناتونۇش نۇرغۇن داڭلىق سەنئەتكارلار ناخشا ۋە كۈي شەكلىدە Besame Mucho نى ئورۇنداشنى ئۇنتۇپ قالمىدى، بۇ شەرەپلەر تەبىئيلا مەزكۇر ناخشىنى ھەقىقى بىر كىلاسسىك ئەسەرگە ئايلاندۇردى.
مېنىڭ ئېسىمدە قېلىشىچە، ئېلگىرى مەلۇم بىر فىلىم تورىدا بىر ئۇيغۇر بالىنىڭمۇ بۇناخشىنى ئېيتقانلىقىنى كۆرگەندەك قىلىۋىدىم، لېكىن بۈگۈن ھېچ تاپالمىدىم…
تۆۋەندىكىسىAndrea Bocelli نىڭ ئورۇنلىشىدىكى نۇسقىسى، مېنىڭچە بۇناخشىنى ئەڭ ياخشى ئېيتقان ناخشىچى دەل مۇشۇ كىشى.
كەچۈرۈڭلا خەنچە سەۋىيەمنىڭ شۇنچە ناچارلىقىغا باقماي، بۇ ناخشىنىڭ خەنچە تەرجىمىسىگە ئاساسەن ئۇيغۇرچە تەرجىمسىنى ئىشلەپ قويدۇم.
خەنچە تەرجىمىسى:
深深地吻我吧
吻我,深深地吻我吧
就好像今晚是最后一夜
吻我,深深地吻我吧
我好怕今夜之后就会失去你
我想很近很近地感觉你
我想面对著你 看著你
在你的眼睛里看到我自己
想想看也许明天
我就已经远远地
远远地离开了你
…
吻我,深深地吻我吧
就好像今晚是最后一夜
吻我,深深地吻我吧
我好怕今夜之后就会失去你 ….
قانغۇچە سۆيگىن
سۆي مىنى، قېنىپ-قېنىپ سۆي مىنى،
گويا بۇ بىر ئەڭ ئاخىرقى ئاخشامدەك.
سۆي مىنى، قېنىپ-قېنىپ سۆي مىنى،
قورقىمەن تۈن ئۆتسىلا سەن يوقتەك.
سىنى ئەڭ يېقىن جايدىن تۇيغۇم بار،
تىنىقلىرىڭغا قارمۇ-قارشى تۇرغۇم بار،
قارچۇقىڭدىن ئۆز-ئۆزۈمنى كۆرگۈم بار.
ئويلاۋاتىمەن،
بەلكىم ئەتە سەندىن ئايرىلىپ،
يىراق-يىراقلارغا كەتمىكىم بار….
سۆي مىنى، قېنىپ-قېنىپ سۆي مىنى،
گويا بۇ بىر ئەڭ ئاخىرقى ئاخشامدەك.
سۆي مىنى، قېنىپ-قېنىپ سۆي مىنى،
قورقىمەن تۈن ئۆتسىلا سەن يوقتەك.