سىز «سەرخۇش دەقىقىلەردە» سەھىپىسىدىكى يازمىلارنى كۆرۈۋاتىسىز!
Besame Mucho مەن ئەڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان ناخشىلارنىڭ بىرى، ئادەتتە ئىشخانىدا ئىش بېجىرىۋىتىپ ئىسقىرتىپ قويىدىغان كىلاسسىك ئاھاڭلىرىمدىن ھېسابلىنىدۇ. بەزىدە ئىشخانىدىكىلەر يەنە بىرقېتىم ئىسقىرتىپ بېرىشمنى تەلەپ قېلىشىدۇ تېخى.. بۇنى دەسلىۋىدە ئاڭلىغىنىمدا ئارقاكۆرۈنىشىنى بىلمەيتىم، كېيىن بىلسەم ب ...
بەزىدە ئاجايىب ئەخمىقانە خام خىياللارغا غەرق بولۇپ كىتىمەن دېسە ، لېكىن بۇمۇ ئادەتتە مېنىڭ بىرخىل ئارام ئېلىش ئۇسۇلۇم بولۇپ قالدى . بەزىدە خىيالىمدانى-نى چوڭ تىپتىكى تارىخىي فىلىملەرنىمۇ ئىشلەپ تۈگەتكەن ھەتتا ئوسكارغىمۇ ئېرىشكەنمەن ،…
شۇنداق قىلىپ ، ئەتە ئازغىنە ئۇيغۇر بىلىدىغان «ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيىتى بايرىمى» بولىدۇ ، مەن بۇ بايرامنىڭ گېپى چىققاندىن بىرى ئائىلىۋى تەبرىكلەپ كېلىۋاتقان ئىدىم ، بۇيىل مەكتەپتە ئاز-تولا ھوقۇق تۇتقاندىن كېيىن
بۇ ناخشىنى مەن 2009 -يىلى youtubeدا ئۇچرىتىپ قىلىپ چۈشۈرۈپ قويغان ۋە كېيىنچە سنابلوگ سۇپىسىدا ئاچقان بلوگىمغا چىقىرىپ قويغان ئىدىم ، بۈگۈن شۇ بلوگىمدىكى كونا ئەستلىكلەرنى ئاختۇرىۋىتىپ يەنە ئاڭلاپ قالدىم…
«ئى تۇغان تىل»(ئاناتىل) تاتارزىيالىيسى غابدۇللاتوقاينىڭ ئەسىرى بولۇپ ،بۇ شېئىرىدا ئۇ ئۆزىنىڭ ئاناتىلىغا بولغان چوڭقۇرمۇھەببىتىنى ئاددىيغىنا مىسرالاردا يارقىن ئىپادىلەپ بەرگەن.تاتارلارنىڭ تارىخى كەچمىشلىرى بىزبىلەن ئورتاقلىقلارغا ئىگە بولۇپلا قالماي ، ئۇيغۇرلارنىڭ 20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى ئويغىنىش ۋە ئاقارتىش ھەرىكەتلىرىدە تاتارزىيالىيلىرىنىڭ تۆھپىسى ھەم ئازئەمەس..
ئالدىرىغان يولدا قاپتۇ دېگەندەك، نەچچە ۋاقىتتىن بىرى كۈن ساناپ، كۈندە بۇ ھەقتە تورئارىلاپ يۈرگەن ئىدىم. نەق شۇ «ئوسكارمۇكاپاتى تارقىتىش مۇراسىمى» ئىچىلىدىغان كۈنلەردە «دەرىجىدىن تاشقىرى» ئالدىراشچىلىقلار تۈپەيلىدىن بۇ پىلانىم يوققا چىقتى..ھىلىمۇ شۈكرى، توخونىڭ سۈتى بىلەن تۇخۇمنىڭ تۈكىدىن باشقا ھەممە نەرسىنى تاپقىلى بولىدىغان ئىنتېرنېت بولغاچقابىرنەچچە كۈن كېچىكىپ بولسىمۇ بۇ كاتتاپائالىيەتنىڭ سىن فېلىمى كۆرۈپ چىقتىم.
«ئوسكارئالتۇن ھەيكەل»مۇكاپاتى ھەققىدە بەلكىم ھىچنىمىنى بىلمەيدىغان تورداشلار بولمىسا كېرەك، شۇڭا مەن بۇ ھەقتە توختالماي، بەلكى كېنۇ مەستانىلىرى ئۈچۈن «نان تېگىدىغان» يىرىنىلا يازدىم، قىزىقسىڭىزكۆرۈپ باقارسىز..
ئاتاقلىق بالىلار فوتوگرافى Anne Geddes ئادەتتىن تاشقىرى تەسەۋۋۇر ۋە خاس ئۇسلۇب ئىگە . ئۇ ياراتقان بىر تۈركۈم بالىلار سۈرەتلىرى خىلمۇ-خىل مەتبۇئاتلاردا كەڭ تارقالغاندىن كېيىن ، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى .
Anne Geddesنىڭ بۇنچە مۇۋاپىقىيەت قازىنىشىدا بىر سىر بار دەپ قارىساق ،بۇ دەل ئۇنىڭ بالىلارغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتىدىندۇر .
مەن رەسسام ئەمەس ياكى بۇ ساھەدە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانمايمەن شۇڭا سەنئەتلىك تەرىپىدىن بۇ رەسىمگە باھا بىرەلمەيمەن ، ئەمما بۇ رەسىم مېنىڭچە دادىللىق بىلەن يېڭىلىق يارىتىشڭ مەھسۇلى .بۇنىڭغا كىرگۈزۈلگەن مەشھۇر كىشلەرگە كەلسەك بۇ رەسساملارنىڭ ئۆزىنىڭ خاھىشى خالاس .
بۇ رەسىمنى كۆرگەندىن كېيىن مۇنداق بىر خىيال تۇغۇلدى ،مەيلى تەقلىد قىلغانلىق بولۇپ قالسۇن ، ئارىمىزدىن بىرەر رەسسامىمىز چىقىپ «ئۇيغۇر تارىخىدىكى 100مەشھۇر شەخىس» دېگەندەك تېمىدا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىرەر پارچە رەسىم سىزىپ چىققان بولسا ئەجەب بىر ئەھمىيەتلىك ئىش بولارئىكەن ؟!
تورداشلار ئاۋازى