بلوگدىن ئۇزۇن مۇددەت يوقاپ كېتىپ، توساتتىنلا بۇ سوئالنى كۆتۈرۈپ كەلگىنىمدىن ھەيران قىلىۋاتامسىز ؟ بۇرۇنمۇ مەندىن بىرقانچەيلەن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش سوئاللارنى سوراشقان ئىدى، ئەلۋەتتە بۇ سۇئال كىشىلىك تۇرمۇشتا ھەقىقەتەنمۇ كۆپ سورىلىدىغان بىر سۇئال. قايسى كۈنىمۇ بىرتونۇشۇم بىلەن يەنە مۇشۇ مەسلە ھەققىدە ئانچە جىددىي بولمىغان بىر مەيدان مۇنازىرىگە كىرىىشپ قالدۇق…
ھاياتىمىزدىكى ئەڭ مۇھىم ئادەم زادى كىم؟
مېنىڭ بۇنىڭغا كېسىپلا ھۆكۈم چىقارغۇدەك قۇربىتىم يوق، بۇنى كۆپچىلىككە قالدۇردۇم. ئەمما كىچىككىنە بىر ھېكايىنى قالدۇرۇپ قويۇش ئارقىلىق، بۇ مەسىلىدە قانداق قاراشتا ئىكەنلىكىمنى ئىشارە قىلىپ قويايمىكىن دەيمەن.
ناھايىتىمۇ بۇرۇنقى زاماندا، ياش ۋە قابىلىيەتلىك بىر پادىشاھ ئۆتكەن ئىكەن، گەرچە ئۇنىڭ ئالەمچە مەرتىۋىسى، ھەددىي-ھېساپسىز خەزىنىسى بولسىمۇ، ئەممائۇنى ئىككى سۇئال دائىم قىينايدىكەن. يەنى ئۇ دائىم مېنىڭ پۈتكۈل ھاياتىمدىكى ئەڭ مۇھىم ۋاقىت قايسى، مېنىڭ پۈتكۈل تۇرمۇشۇمدىكى ئەڭ مۇھىم ئادەم زادى كىم دېگەن سۇئاللارغا جاۋاب ئىزدەيدىكەن.
ئۇ، ئاخىرى پۈتكۇل دۇنيادىكى پەيلاسوفلارغا ئېلان جاكارلاپ، كىمكى بۇ ئىككى مەسىلىگە قانائەتلىنەرلىك جاۋاب تاپالىسا، ئۇنىڭغا غايەت زور ئىنئام ھەدىيە قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بېرىپتۇ. ئەمما، دۇنيانىڭ ھەرقايسى بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدىكى نۇرغۇن پەيلاسوفلار بۇ مەسىلىنىڭ يشىملىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، بىرەر جاۋابمۇ پادىشاھنى قايىل قىلالماپتۇ.
شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە، پادىشاھنىڭ يىقىنلىرىدىن بىرى، شەھەرنىڭ سىرتىدىكى تاغدا ئىنتايىن دانىشمەن بىر بۇۋاينىڭ ياشايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ بۇ مەسىلىگە جاۋاب تاپالايدىغانلىقىغا ئشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان پادىشاھ ، دەرھال شۇ تەرەپكە يول ئاپتۇ.
پادىشاھ ئۇ بۇۋاي ياشايدىغان تاغقا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، دېھقانچە ياسىنىپ ئاندىن بۇۋاينىڭ كەپىسىگە يېقىنلىشىپتۇ. ئۇ كەپە ئالدىدىكى سەيناغا يېقىنلاپ كېلىپ قارىسا، بىر بۇۋاي يەردە يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ، نېمىنىدۇر كولاۋاتقان ئىكەن. پادىشاھ بۇۋايغا سالام بەرگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ كېلىش مۇددىئايىنى بىلدۈرۈپتىكەن. بۇۋاي ئۇنىڭغا جاۋاب بەرمەي ئەكسىچە شۇنداق دەپتۇ:
- ماڭا بىرئاز بەرەڭگە كولىشىپ بەر، ئاندىن دەريا بويىغا ئېلىپ بېرىپ پاكىزە يۇيۇپ كەل، مەن سۇ قايناتقاچ تۇراي، ئىككىمىز بىللە ئازراقتىن شورپا ئىچەيلى…
پادىشاھ بۇنى بۇۋاينىڭ سىنىقى دەپ چۈشۈنۈپ ئۇنىڭ ئىيتقىنى بويىچە بەجا كەلتۈرۈپتۇ ۋە شۇ يوسۇندا بۇۋاينىڭ يىنىدا بىرقانچە كۈنلەر تۇرۇپ قاپتۇ، ئۇ بۇۋاينىڭ جاۋاب بىرىشىنى شۇنچە كۈتسىمۇ، بۇۋاي خۇددى ئۇ مەسىلىلەرنى ئۇنتۇپ قالغاندەك پەرۋاسىز يۈرۈۋىرىپتۇ.
ئاقىۋەت، پادىشاھ ئۆزىنى بۇ قىرى بىلەن ۋاقىت ئىسراپ قىلىۋاتقاندەك ھېس قىلىپتۇ-دە، يېنىدىن شاھلىق مۆھىرىنى چىقىرىپ، ئۆزىنىڭ ھەقىقى سالاھىيىتىنى ئاشكارە قىلىپتۇ ۋە بۇۋاينى ئالدامچى دەپ جاكارلاپتۇ.
………………………….
ھېكايىنىڭ يېشىمىنى ئوقۇماقچى بولسڭىز، ئالدى بىلەن ھاياتىڭىزدا ئەڭ مۇھىم ئادەمنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ياكى بۇۋاينىڭ پادىشاھقا نېمە دەيدىغانلىقى ھەققىدىكى پەرىزىڭىزنى ئىنكاس شەكلىدە قالدۇرۇڭ.