بۇرۇندىن تارتىپ ئىنسانىيەتنىڭ زور بالايى-ئاپەتلەرگە ئۇچىرىشى ۋە بۇنىڭدىن قۇتۇلۇش يولىدىكى كەچۈرمىشلىرى تەسۋىرلەنگەن كىتاب ياكى كىنولاربولسا بەك كۆرىۋىتىمەن. ئىنسان تەبىئىتىدىكى جاسارەت، ئەقىل -پاراسەت ۋە پىسخىكىسىدىكى ئاجايىب زىددىيەتلىك كەچۈرمۈشلەر بۇنداق ئەسەرلەردە ياخشى ئىپادىلىنىدۇ.
ئالدىنقى مەزگىللەردە يەنە بىر ئامېرىكا پەسىللىك تېلېۋىزىيە تېياتىرى « تىرىك مۇردىلار »(The Walking Dead) نى ئالاھىدە قىزىقىش بىلەن كۆرۈۋاتقان ئىدىم، ئەپسۇس 2-پەسىللىك قىسىملىرىنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن ، ھازىرغىچە 3-پەسلى ھەققىدە خەۋەر بولمىدى.
مەن ھازىر كۆرىۋاتقان« گۆمۈرۈلگەن ئاسمان»(Falling Skies) ۋەقەلىك ماھىيىتى جەھەتتىن دەل شۇ « تىرىك مۇردىلار »(The Walking Dead) غا ئوخشىشىپ كېتىدۇ.ئالدىنقىسىدا دۇنيانى تىرىك جەسەتلەر ۋاباسى قاپلاپ كەتكەن بولسا، بۇنىڭدا تاشقى پىلانت مەخلۇقاتلىرى يەرشارىنى ئېگىلىۋالىدۇ. كىنۇ ۋەقەلىكى ئۇلار يەرشارىغا تاجاۋۇز قىلىپ يىرىم يىلدىن كېيىنكى ۋاقىتتىن باشلىنىدۇ. بىر قىسىم بەخىتكە يارىشا ھايات قالغان ھەربىي ۋە ئازساندىكى پۇقرالار پارتىزانلىق ئۇرۇش ئېلىپ بېرىپ تاشقى پىلانتلىقلارغا قارشىلىق بىلدۈرىدۇ. كىنودىكى باش پۇرسۇناژ تام ۋە ئۇنىڭ ئۈچ ئوغلىنى مەركەز قىلغان باش قەھرىمانلارنىڭ كەچۈرمىشىلىرى كىنونىڭ ئاساسى مەزمۇنىنى تەشكىل قىلىدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئامېرىكا ئاخىرزامان ۋەھىمىسى، مىسلىسىز چوڭ ئاپەتلەر تېمىسدىكى كىنۇلارنى كۆپلەپ ئىشلەۋاتىدۇ، بۇ كىنۇلار قارىماققا چەكتىن ئاشقان فانتازىيىگە تولغاندەك قىلىغىنى بىلەن بىزنى نۇرغۇن يوشۇرۇن بىشارەت بىلەن تەمىنلەپ، ئىنسانىيەتنىڭ كىلەچىكىدىكى كىرىزىسلار ھەققىدە تەسەۋۋۇرغا باشلايدۇ. مەزكۇر تېلېۋىزىيە تىياتىرى نۆۋەتتە 1-پەسىلنى( 10 قىسىم) ئاخىرلاشتۇرۇپ ،2-پەسلىنىڭ 2- قىسمىغا كەلدى. كۆرۈشنى خالايدىغانلار بولسا، ماۋۇ توربېكەتتىن توردا تۇرۇپ ياكى چۈشۈرۈپ كۆرۈشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. http://yyets.com/