• قوللانچى: پارول:

ياشلىقتا نېمىلەرگە مەبلەغ سېلىش كېرەك؟

نەچچە ۋاقىتتىن بىرى بەكلا ئالدىراش بولۇپ كەتتىم، گەرچە يەنىلا سىياسى ئۆگىنىش، مۇقىملىق خىزمىتى، كۆتۈرە ئالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلىسى بىلەن سۆھبەتلىشىش ئىشلىرى داۋام قىلىۋاتقان بولسىمۇ، نامدا تەتىل بولغاچقا ، بىرقانچە تورداشنىڭ ئېمەيىل ۋە كىيۇ-كىيۇدا سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىۋېتىشنى توغرا تاپتىم.
(ئەسكەرتىش: مەن پەقەت بىرئاددى سەھرا ئوقۇتقۇچىسى، بىرقىسىم تورداشلار بلوگىمدىكى جاھاندارچىلىق، پىسخولۇگىيەگە ئائىت يازمىلارنى ئوقۇغاندىن كېيىن، مەندىن بەزى مەسىلىلەر ھەققىدە مەسلىھەت سورايدىغان ئىشلار بولىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە مەن ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ مىنى چوڭ بىلگىدىن خۇشاللىقىمنى يوشۇرمايمەن، ئەمما بەرگەن جاۋابىم رازى قىلالامدۇ يوق، بۇنىسى ماڭا قاراڭغۇ،چۈنكى مەن پەقەت ئۆزۈمنىڭ شۇ مەسىلىلەردىكى قاراشلىرىمنىلا ئوتتۇرىغا قويۇپ بېرەلەيمەن خالاس.)
بىر ئوقۇغۇچى تورداش مەندىن  «ياشلىق مەزگىلىدە ئەڭ ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك ئىش قايسى؟» دەپ سوراپتىكەن، ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن قىسقىلا جاۋاب بەردىم، قالغىنىنى تورداشلار تولۇقلىۋەتسە ياخشى بولغىنى.
ئەمەلىيەتتە، بۇ ھەقتە ھازىرغىچە نۇرغۇن قاراشلار، تەلىملەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى،مەخسۇس كىتابلار يېزىلدى.شۇلارنىڭ ۋە ئۆزۈمنىڭ قاراشلىرىدىن يەكۈنلىگەندە ياشلىقتا تۆۋەندىكىلەرگە ئەڭ ئەھمىيەت بېرىش لازىم دەپ قارايمەن:

1. مېڭىگە مەبلەغ سېلىش . نامراتلىقنىڭ ھەقىقى مەنىسى پۇل قاپچۇقىنىڭ قۇرۇقلۇقى ئەمەس، بەلكى مېڭىنىڭ قۇپ-قۇرۇق بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ.شۇڭا ياشلىقتا مېڭىگە مەبلەغ سىلىش، ئۇنى بېيىتىش كېرەك.

2.پىسخىكىغا مەبلەغ سېلىش. بۇ مەن ئەڭ مۇھىم دەپ قارىغان بىر تۈر، ئەڭ قىسقىسى سىزنىڭ ھارغىنلىق ھېس قىلىشىڭىز ياكى ئۇنداق بولماسلىقىڭىزمۇ سىزنىڭ پىسخىكىلىق ساپايىڭىزدىن كېلىدۇ.ياشلىق مەزگىلىدە ئادەم ئۆزىدە ئاكتىپ بولغان پىسخىكا يېتىلدۈرۈشى كېرەك، بۇ بىزنىڭ بەخت تۇيغۇسىغا ئېرىشىشىمىزدىكى مۇھىم بىر يول.

3. تەن ساغلاملىقىغا مەبلەغ سېلىش . بۇنىڭ سەۋەبلىرىنى ئېيتىشنىڭ ھاجىتى بولمىسا كېرەك، لېكىن ياشلاردا بۇجەھەتتە سەل قاراش بىزدە سەل ئېغىر بولىۋاتىدۇ. ھەقىقەت شۇكى ساقلىق بولمىسا، باشقا ئارمانلار پەقەت بىرخام -خىيال خالاس.

4.دوستلۇققا مەبلەغ سېلىش . ياشلىقنىڭ مۇھىم بىرمەزمۇنى دەل دوستلۇق ھېسابلىنىدۇ، ئەمما كۆپىنچىمىزنىڭ نەزىرىدە ئۇ پەقەت پايدىلىنىدىغان نەرسە، لېكىن سەمىڭىزدە بولسۇن دوستلۇق ئەمەلىيەتتە ئۆز-ئارا ئىللىقلىق يەتكۈزىدىغان مۇھەببەت لىنىيىسى.

5. پەزىلەتكە مەبلەغ سېلىش. بىزنىڭ جەمئىيەتتىن ئاغىرىنىشلىرىمىزنىڭ بىر يىلتىزى دەل جەمئىيەتتە ناباب ئىنسانلارنىڭ كۆپىيىپ، پەزىلەتلىك كىشىلەرنى ئۇچرىتىشىنىڭ تەسلىشىپ كەتكەنلىكىدىن بولۇۋاتىدۇ. لېكىن جەمئىيەت ھامان پەزىلەتكە مۇھتاج بولىدۇ، پەزىلەتكە ئىچىرقايدۇ. كەلگۈسىدىكى مەدەنىيەتلىك جەمئىيەتتە پەزىلەتلىك بولۇشىڭىز ئىش-ئوقىتىڭىزنىڭ ئىلگىرى بېسىشتىكى مۇھىم ئاساس بولىدۇ.





3 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif