• قوللانچى: پارول:

تورخۇمارلىق كېسلى ھەققىدە(1) تورخۇمارلىق قانداق كېسەل؟

ئۇچۇر تېخنىكسىنىڭ ھوسۇللۇق مېۋىسى بولغان  تور ئائىلىلەرگە شىددەت بىلەن شۇڭ تارتىپ،ئادەملەرنى رېئاللىق ۋە مەۋھۈم دۇنيادا ياشايدىغان «قوش ماكانلىق» لارغا ئايلاندۇرۇپ قويغىلى تۇردى. بىرقانچە سىتاتستىكا مەلۇماتلىرىنى سىلۇشتۇرۇپ كۆرۈشۈمچە نۆۋەتتە دۆلىتىمىزنىڭ تورئابۇنىچىلىرى نەچچە يۈزمىليۇنغا يەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە تورغا خۇمار بولۇش دەرىجىسىگە بارغانلارنىڭ سانى شىددەت بىلەن ئىشىۋاتقانلىقى قەيت قېلىنىۋاتىدۇ. تورغاخۇمار بولغۇچىلارنىڭ 13 ياشتىن 20 ياشلارغىچە بولغان ياش-ئۆسمۈرلەر ئىكەنلىكى دىققەت –ئىتىبارىمىزنى قوزغىماي قالمايدۇ.

تورخۇمارلىقى  يەنە تورغا« خۇمار بولۇش يېغىندى كېسەللىكى» ( قىسقارتىلمىسى TAD) دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە« كېسەل تارىخىلىق توردىن پايدىلىنىش»( PTU) دېگەن نامىمۇ بار. پېتبۇرگ ئۇىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسۇرى كېنبورياننىڭ قارىشىچە، تورخۇمارلىقى- خۇمارسىز ماددىلارنىڭ تەسىرى ئاستىدىكى تورغا چىقىش ھاياجىنى ۋە تورغا بېرىلىپ كېتىش ھادىسىىنى كۆرسىتىدىكەن، ئۇ توردىن ھەددىدىن زىيادە پايدىلىنىشتا ئىپادىلىنىپ، شەخىسنىڭ ئىجدىمائى ، پىسخىكىلىق ئىقتىدارىنى روشەن ھالدا زەخمىلەندۈرىدىكەن.

ئاموسكان تورخۇمارلىقى  ئۇقۇمىنىڭ كېڭەيتىلگەن مەنىسىنى تەپسىلىي بايان قىلغان بولۇپ، ئۇ تورخۇمارلىقنى تۆۋەندىكى بەش خىلغا ئايرىغان.

بىرىنچى؛ تورمۇناسىۋىتى  خۇمارلىقى – يەنە توردا پاراڭلىشش، شەھۋانىي مۇلازىمەت بېكەتلىرى، ئىجدىماىي ئالاقە بېكەتلىرى ئارقىلىق تونۇشقان كىشلەربىلەن سىردىشش خۇمارلىقى.

ئىككىنچى؛شەھۋانىيلىققا خۇمار بولۇش، يەنى چوڭلار،قىران كىشلەر، ئاشىق-مەشۇقلارنىڭ تېمىسدىكى يازما-پاراڭلار ياكى شەھۋانىي رەسىم-سۈرەت،سىن –فىلىملەر،ئويۇن قاتارلىقلارغا مەپتۇن بولۇپ قىلىش.

ئۈچىنچى؛ ئۇچۇر توپلاشقا خۇمار بولۇپ قىلىش، يەنى تۈرلۈك بېكەتلەرنى زورمۇ-زور كۆرۈش، توختىماي ئۇچۇرلارنى ئاختۇرۇپ –يېشغىش ۋە چۈرۈشۈپ ساقلاشقا خۇمار بولۇپ قىلىش.

تۆتىنچى ؛ تورئويۇنلىرىغا خۇمار بولۇپ قىلىش، بۇ خۇمارلىق ئىچىدە ئەڭ كۈچلۈك بىرى بولسا كېرەك، بۇنىڭدا خۇمار بولغۇچى قارشى تۇرغىلى بولمايدىغان بىرخىل ھاياجان-ئىنتىلىش ئېلكىدە باشقىلار بىلەن قىمار ئويناش، ئويۇن ئويناش، نەرسە-كېرەك سېتىۋىلىش ..قاتارلىق ئاخىرى چىقماس ئىشلار بىلەن كۈن بويى مەشغۇل بولىدۇ.

قىستۇرۇپ ئۆتۈپ كەتسەم، مېنىڭ بىر بۇرادىرىمنىڭ كۈندە كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرىدىغان ۋاقتى بەك كۆپ ، ئەمما قىلىدىغان ئىشى ئاساسەن مەلۇم بىر تورئويۇنىنى ئويناش بولۇپ، ھەتتا يېنىدىن خىلى كۆپ پۇل خەجلەپ شۇ ئورۇن داۋامىدا ئىشلىتىدىغان مەۋھۇم قورال-قىستۇرمىلارنى سېتىۋالدى.

بەشىنچى : كومپيۇتېرغا مەپتۇن بولۇش، يەنە كومپيۇتېرنى كۆرسىلا ئۆزىنى باسالماسلىق ،كومپيۇتېرنى كۆرسىلا ئاچقۇسى كېلىدىغان، تورغا چىققۇسى كېلىدىغان بولۇش قىلىش.

تورخۇمارلىقى قانداق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە ؟

بىرىنچى؛ چىدامچانلىق – خۇمارلىق ئېغىرلاشقانسىرى خۇمار بېسىش ئۈچۈن سەرپ قىلىدىغان ۋاقىت تەبىئىي ئىشپ بارىدۇ، ھەتتا كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ، ئاش-تاماق يېمەي تورغا چىقىش دەرىجىسىگە بېرىشىمۇ مۇمكىن.

ئىككىنچى؛ خۇمارتۇتۇش ئالامىتى : تورئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغاندا، تىت-تىت بولۇش، ئارامسىزلىنىش قاتارلىق كەيپىيات ئىنكاسى پەيدا بولىدۇ. خۇددى تورغا چىقمىسا دۇنيانڭ چىتىدە قېلىپ قالغاندەك ئىچى سېقىلىدۇ.

ئۈچىنچى؛ ئىنتىزارلىق – كۈندىن-كۈنگە تېخىمۇ كۆپ تورغا چىقىش ۋە تورغا تېخىمۇ ئۇزاق ۋاقىت سەرپ قىلىشقا ئىنتىزار بولىدۇ.

تۆتىنچى؛ پاسسىپ تۇرمۇش تەسىرلىرى پەيدا بولىدۇ. يەنى ھورۇنلۇق، خامۇشلۇق ،ئائىلە مۇناسىۋىتى يىرىكلىشىش قاتارلىقلار كۆپ كۆرۈلىدۇ. ئەلۋەتتە يەنە باشقا سالامەتلىك ھەم ئىقتىسادىي ئىسراپچىلىق مەسىلىلىرىمۇ بار.





1 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • يازمىنى ئوقۇپلا تورخۇمار بلوگىغا كىرىش قانداق كىسەل دىگەن مەزمۇندىكى گەپلەرمىكىن دىسەم .ئەسلى مۇنداق تىما ئىكەن ئەمەسمۇ ھەي

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif