• قوللانچى: پارول:

پىسخىكىلق بىسىم سىنىقى| ئۆلۈم ۋاقتىدىن ئالدىن خەۋەر تېپىش

 

ھېچكىم ئۆزىنىڭ يەنە قانچىلىك ئۆمۈر كۆرىدىغانلىقىنى ئالدىن بىلەلمەيدۇ، بەلكىم ئۆلۈمنى ئالدىن بىلەلمەسلىكمۇ بىزنىڭ چوڭ ئامېتىمىز بولۇشى مۇمكىن.
تۆۋەندە مەن ئۆزۇم بايقىغان بىرچەتئەل توربېكىتىنى تورداشلارغا تەۋسىيە قىلماقچىمەن، بۇ توربېكەتنىڭ نامىThe Death Clock( ئۆلۈم سائىتى)  ئاڭلىماققىلا ئادەم تېنىنى شۈركەندۇرىدۇ.

لېكىن بىرنۇرمال پىسخىكىغا ئىگە ئادەم دەرھاللا كەيپىياتىنى تەڭشىيەلەيدۇ. بۇ توربېكەت سىستېمىسى مەخسۇس سىزنىڭ يەنە قانچىلىك ئۆمۈركۆرىدىغانلىقىڭىزنى ھېسابلاپ چىقىرىپ بېرىدىغان بولۇپ، سىز تەلەپ قىلىنغان ئۇچۇرلارنى ئۇنىڭغا تەمىنلەپ بەرسىڭىزلا، ئۇ سىزگە تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرىدۇ.
ئەلۋەتتە، مەن ياكى سىز بۇنىڭغا ئىشەنمەيمىز. لېكىن سىناپ باققاننىڭ زىيىنى يوق، چۈنكى بۇ بىرپىسخىكىنى تەڭشەش جەريانى . ئۇنىڭدىن باشقا سىزكىرگۈزۈش تەلەپ قىلىغان ئۇچۇرلارنى كۈزەتسىڭىزبۇنىڭدا سىزگە ئاگاھلاندۇرۇش بىرىدىغان بىرقىسىم سېگىناللارنى بايقىيالايسىز.

بۇ بەت ئېنگىلىزچە بولغاچقا، ئاساسلىق ئۇچۇرلارھەققىدە ئىزاھات بېرىۋىتەي:

Day of Birth تۇغۇلغان كۈن
Month of Birth تۇغۇلغان ئاي
Year of Birth تۇغۇلغان ۋاقىت
Sexجىنسى ( Maleئەر،Female ئايال)
Mode نۆۋەتتىكى كەيپىيات( Normalنورمال،Pessimistic قايغۇلۇق،Sadisticغەزەبلىك،Optimistic شاد-خورام)
BMI سىمىزلىك خەتىرى تۆۋەندە بۇنىڭغا دائىرئۇچۇرلاريەنە بار
Smoking Status تاماكا چېكىش ئەھۋالى Non-smoker تاماكا چەكمەيدۇ ،smokerتاماكا چېكىدۇ

The Lethal Danger of Being Fat سېىمىزلىك خىيىم-خەتەركويفىنسىتى
تەن ئېغىرلىقى نورمال تەڭپۇڭلۇقتىن ئېشىپ كەتسە ئەلۋەتتە سېمىزلىك خىيىم-خەتىرى كېلىپ چىقىدۇ،BMI بولسا بوي ئېگىزلىكى بىلەن تەن ئېغىرلىقىنىڭ نېسبىتىدىن كەلتۈرۈپ چىقىرىلدىغان سېمىزلىك خەۋىپى كويفىنتسىتى ھېسابلىنىدۇ.

Height بوي ئېگىزلىكى( Ft ئېنگىلىزچىسى،In ئېنگىلىزسۇڭى)
Weight تەن ئېغىزلىقى( Lbs قاداق)

——
بىرلىكلەرنى سۇندۇرۇپ ھېسابلاشتا تۆۋەندىكىدىن پايدىلىنىڭ:

1كىلوگېرام  2.2046 قاداققا تەڭ
1مېتىر 3.2808 ئېنگىلىزچىسىغا، 39.37 ئېنگىلىزسۇڭىغا تەڭ.
1ئېنگىلىزچىسى 12 ئېنگىلىزسۇڭىغاتەڭ.

—-
مېنىڭ نەتىجەم 2052-يىلى 21-ئىيۇل
قىنى ئەمىسە،سىزمۇ سىناپ بېقىڭ! سىزگە ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمەن.
ئۆلۈم سائىتى توربېكىتى ئادىرىسى : death clock

—-
ئەگەر خالىسڭىزسىناقتىن كېيىنكى كەيپىيات،تۇيغۇڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ ئورتاقلىشايلى.





19 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • بولدى مەن بىلمەيلا قوياي !

  • لېكىن كورمەي دىسەم كۆڭلۇم ئۇنىمىدى . شۇنىڭ بىلەن سىناپ باقسمام 2062 دەيدۇ . شۇنداق بولسىمۇ مەيلىتى …..

    • مەندىن 10يىل ئارتۇق ياشايسىزكەن، بلوگىمنىڭ مەخپى نومۇرىنى سىزگە قالدۇراي. :lol:

  • ئاۋۋال ئۆلۈم ۋە ھاياتلىقنىڭ ئىگىسى بىر ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇنكى، ماۋۇ ۋەتەن دېگەن ئالاجۇقىنىڭ كەينىگە كىرىپ ئۆتكۈزگەن «كۇپرانىلىق»مىزنى مەغفىرەت قىلغاي! :evil:
    تەكشۈرۈشىمدىن مەلۇم بولدىكى، ماۋۇ ۋەتەن دېگەن ئاداشنىڭ قۇيرۇقىنى قۇم بېسىپ، ساق 2 يىلدىن كېيىن 6-ئاپېرىلدا ئۇنىڭ كەينىدىن يېتىپ بارىسەن دەيدىغۇ.

    • ئەلداۋاغا تايىنىپ مەندىن 2 يىل ئارتۇق ياشىۋالدىكەندە بۇ :eek:

  • مېنىڭ 2100-يىلىغىچە ياشايسەن دەيدا… ھا ھا … :lol:

    • بىرەر مۇزىينىڭ ئېلىپ كەتمىسۇن يەنە :?:

  • سۆيگۈم جاۋاب

    ۋاي ئاللا، مېنى 2068-يىلى بىرىنچى ئايدا ئۆلىسەن دەيدۇ، ھىسابلاپ باقسام ئۇ چاغدا 80 ياشقا كىرگەن موماي بولۇپ قالدىكەنمەن، نىمە دىگەن ئۇزۇن ياشىغان ئۆمۈر بۇ….. ئۆزەمنىڭ قېرىپ مۈكچىيىپ كەتكەن ھالىتىمنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ كۈلگۈم كەلدى، … لىكىن، تەتۈر ئايلىنۋاتقان سىكونىت سائىتىگە قاراپ يۈركىم جىغغىدە بولۇپ قالدى… شۇنداق بىلىنمەيلا ئۆتۈپ كېتەرمۇ ھايات دېگەن…
    مېنىڭچە، بۇ ئادەمنىڭ سالامەتلىكىگە ئاساسەن چىقىرىلغان سىناقمىكىن، تاسادىپىي ھادىسلەر سەۋەبىدىن غىققىدە جان چىقىپ كەتسە 80 ياشقا كىرەلمەي موماي بولۇش ئارزۇيۇمغا يىتەلمەي قالىمەندە ئەپسۇس…..

    • ئاساسەن توغرا پەرەز قىلىپسىز، بۇ سېمىزلىك، تاماكا چېكىش قاتارلىق سالامەتلىك مەسىلىلىرىگە تاقىشىدۇ.

  • قاملاشمىغان سىناق،بىراق مەن ۋەتەن ئەپەندىنىڭ كەينىگە كىرىپ سىناپ باقسام 2071-يىلى ئۆلىسەن دەيدۇ قاملاشمىغان.

    • مېنىڭ كەينىمگە كىرمەڭ :mrgreen:

  • ك كەچۈرۈڭلا ،، مەن بىلەلمىدىم ،،يىل ئاي ،كۈن قانداق نەدىن چىقىدۇ … يەنە ب م ى ،،دېگەن نېمە گەپ ،،مەن 77 كىلو ،، بوي ئىگىزلىكىم 174 كىلىدۇ ،، تاماكا چىكىمەن 1990 3–13 كۈنى تۇغۇلغان ،،،، خاپا بولماي مېنىڭ كىگە ،،قاراپ باققان بولساڭلا ،،،،سىلەر نى ئاۋارە قىلدىم ….. :?: مېنىڭ چچ نۇمۇرۇم 24612736 ،،ىاپا بولماي ،دەپ بەر گەن بولساڭلار ،،، بولمىسا مۇشۇ يەر گە يېزىپ قويساڭ لارمۇ بولىدۇ ،،،سىلەر نى ئاۋارە قىلدىم ،،رەخمەت. :

    • لۇكچەك ،سىنىڭ نەتىجەڭ : 2063-يىلى12-ئاينىڭ23-كۈنى بولۇپ چىقتى. ئەڭ ياخشىسى تاماكىنى تاشلا، زىيادە جىددىيلىشىدىغان مىجەزىڭنى ئۆزگەرت.

  • The Lethal Danger of Being Fat سېىمىزلىك خىيىم-خەتەركويفىنسىتى دېگەنگە دېققەت قىلىڭلار.

  • ماۋۇ مۇدھىش قاپلىغان سازلىقتىكى تەجىربىخاننىڭ ئەتراپىدا ئوقۇش پۇتتۇرۈش ئېغىر كىلىپ ئۆزىنى بىنادىن تاشلايدىغانلار كۆپۈيۈپ قالدى. مەنمۇ ئۆزەمدىن ئەنسىرەپ قېلىۋاتىمەن. قېنى ھېلىقى ئاچماقچى بولغان پىسخىكىلىك مەسلىھەت سوراش «بىلەرمەن» بىلوگى؟ قاچان ئاچماقچى بولىۋاتىسىز؟ يا ماۋۇ ئەلداۋادىن پىسخىكىلىق مەسلىھەت سورىغىلى بولمىغان…

    • تەييارلىقىنى قىلىۋاتىمەن .

  • باھارىم جاۋاب

    مەن 2056يىلى 6ئاينىڭ8كۇنى ئولدىكەنمەن .ئەگەر سالامەتلىكىم ياخشى بولسلا شۇنداق بولشى مۇمكىن. بولمسا ئاللانىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئۇنىڭدڭىن بۇرۇن كىتىپ قىلشىم مۇمكىن

  • مەن2069- يىلى 7-ئاينىڭ 10- كۈنى چەرخى پەلەك بىلەن خوشلىشىدىكەنمەن :o

  • مەن نەتىجىنى تاپالمىدىمغۇ؟
    خاپا بولماي ماڭىمۇ بىر كارىۋېتڭلا
    ئېغىرلىقىم 69 ئېگىزلىكىم 176 1980-9-3تۇغۇلغان.تاماكا چىكىمەن

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif