ئويلاپ باقسام، نەچچە ئاي ئىلگىرى قولۇمدىكى پىسخىلۇگىيىگە ئائىت بىر خەنچە كىتابچىدىن ئاساسى مەزمۇنىنى ئېلىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ تەرجىمە قىلىۋاتقان «ياش ئانىلار بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك 10 پىسخىكىلىق قانۇنىيەت» ناملىق بىر چاتما يازمام بارئىدى، بۈگۈن يادىمغا يېتىپ قالدى، ئاي ئاخىرىدىكى بۈ بىرقانچە تۈندە شۇنىڭ ئاخىرىنى ئېلان قىلىۋېتەي.
ئالتىنچى قانۇنىيەت – خاۋتورن ئېففېكتى
ئامېرىكىنىڭ چىكاكوشەھىرىنىڭ سىرتىدىكى خاۋتورن تېلېفۇن زاپچاسلىرى زاۋۇتىنىڭ مۇكەممەل بولغان كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرى، داۋالاش تۈزۈمى ۋە ياشانغاندا كۈتۈنۈش تۈزۈمى قاتارلىق كاپالەتلىرى بولسىمۇ، ئەمما ئىشچىلارنىڭ دائىملا زەردىسى ئۆرلەپ، خىزمەتتە ئەستايىدىل بولمايتتى.
كېيىن، بىر پىسخولوگىيە مۇتەخەسىسى بۇ ئەھۋالغا قارىتا بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ. ئۇ ئىككى يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئىشچىلار بىلەن 20مىڭ ئادەم قېتىم ئايرىم سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ زاۋۇت تەرەپكە بولغان تۈرلۈك كۆزقاراشلىرى ۋە نارازىلىقلىرىنى سەۋرچانلىق بىلەن ئاڭلايدۇ.
ئاقىۋەت بۇخىل سۆھبەت تەجرىبىسى كۈتۈلمىگەن ياخشى ئۈنۈملەرنى يارىتىدۇ،خاۋتورن زاۋۇتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمدارلىقى زور دەرىجىدە ئاشىدۇ.
شەخسەن مەنمۇ سۆھبەتلىشىشنىڭ قۇدرىتىگە ئىشىنىمەن، باشقىلارنىڭ ئېيتقانلىرى مەيلى ئورۇنسىز بولسۇن، سەۋرچانلىق بىلەن ئاڭلاپ قويۇش ۋە مۇۋاپىق تەكلىپ بېرىش راستىنلا ياخشى ئۈنۈم يارىتىدۇ.
بۇنى بالا تەربىيىلەشكە تەتبىقلىساق، بالىلار ئۆگىنىش ۋە ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا بەزى قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلالمايدۇ ياكى ئايرىم مەسىلىلەرگە نارازى بولۇپ تۇرىدۇ، ئەمما بۇنى كۆپ ھاللاردا ئوچۇق -ئاشكارە، دادىل ئوتتۇرىغا قويالمايدۇ. بىر ئانا بولۇش سۈپىتڭىز بىلەن ئايرىم ۋاقىت چىقىرىپ بالىلار بىلەن دوستانە پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش كېرەك.
ئەلۋەتتەسۆھبەت داۋامىدا ماھىرلىق ۋە سەمىمىيلىك بىلەن بالىنى ئۆز تۇرمۇش ۋە ئۆگىنىشتىكى قېيىنچىلىقلىرىنى، ئاتا-ئانىسغا، مەكتەپكە، ئوقۇتقۇچىلىرىغا، ساۋاقداش، دوست-بۇرادەرلىرىگە بولغان كۆزقاراشلىرى ھەمدە نارازىلىقلىرىنى سۆزلەشكە يېتەكلەش كېرەك. بالا ئىچىنى بوشىتىپ بولغاندىن كېيىن، ھەقىقەتەن ئىچىدىكى بىر « دەرد »نى چىقىرىپ تاشلىغاندەك تۇيغۇغا كېلىدۇ، راھەتلىنىدۇ…
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دائىمىيلىق خىزمەت تۈرىدە ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەتلىشىش دېگەن بىر تۈرلۈك خىزمەت بار، لېكىن مېنىڭ بايقىشىمچە خىلى كۆپ ساندىكى خىزمەتداشلىرىم بۇنى رەسمىيەت يۈزىسىدىنلا قەغەز يۈزىدە ئىپادىلەپ، ئايلىق باھالاشتىن ئۆتىۋالىدۇ. مەن 10يىللىق ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىم ۋە ئىككى يىللىق رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى تەجرىبىلىرىمگە ئاساسەن شۇنداق ھۆكۈم قىلىمەنكى، سۆھبەتلىشىش ئۇسۇلى مەسىلىلەردىكى جىددىيلىكنى پەسەيتىدىغان، مۇناسىۋەتلەرنىڭ قىزىتمىسىنى ياندۇرىدىغان ئېسىل دورا.