بۈگۈن verycd دىن بىركىنۇ ئىزدەۋىتىپ، كۈتمىگەن يەردىن« تاھىر-زۆھرە» (Takhir and Zukhra) ناملىق بىركىنۇھەققىدىكى ئۇچۇرغا ئېرىشىپ قالدىم. كىنونىڭ ئىشلەنگىنىگە ئۇزۇن بولغان ئىكەن، شۇڭىمۇ گوگۇلدىن ئىزدەپمۇ ھېچقانچە ماتېرىيالغا ئېرىشەلمىدىم.
ئېنگلىزچە چۈشەندۈرۈشىنى ھەجىلەپ يۈرۈپ قارىسام، بۇ كىنو 1945-يىلى سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىدە ئىشلەنگەن بولۇپ 1946-يىلى قويۇلۇشقا باشلىغان. ئۇسلۇبى بوللىيۋود ئۇسلۇبىدىكى(Bollywood-style) ناخشا-مۇزىكىلىق تىياتىر دەپتۇ، ئاندىن باشقا كىنونىڭ مەزمۇنى ھەققىدە توختىلىپ تاھىر-زۆھرەنىڭ بولسا ئۆزبېكلەرنىڭ «رومىيۇ-جۇلىتاسى»(the Uzbek Romeo and Juliet) ھېسابلىنىدىغانلىقى ،مەزكۇر فىلىمدە ئۇلارنىڭ ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىن تارتىپ باشلانغان سۆيگۈتارىخى ھەمدە تراگېدىيىسى تەسۋىرلىنىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان ئىكەن…
قانداق بولۇپ كەتتى بۇ؟……….