• قوللانچى: پارول:

ئامېرىكىدا مۇنازىرە قوزغىغان، قاتتىق قول«يولۋاس ئانا»ھەققىدە

قىسقىچە ئىزاھات:«يولۋاس ئانا»دېگەن بۇگەپ يېقىندىن بۇيان تېلېۋىزىيەۋە خەنزۇچە توربېكەتلەردە كۆپ ئۇچرايدىغان بولۇپ قالدى. «يولۋاس ئانا» زادى كىم ؟

ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى Amy Chua بولۇپ، ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جۇڭگۇلۇق پۇشتىدىن بولغان پىرافىسسۇرى، ئۇ يىقىندا«يولۋاس ئانىنىڭ جەڭنامىسى»ناملىق كىتابىنى ئېلان قىلىپ ئامېرىكىنى زىلزىلىگە سالدى.بۇ كىتابتا ئۇنىڭ ئىككى قىزىنى جۇڭگوچە تەربىيىلەش ئۇسۇلى بىلەن قانداق تەربىيىلەپ چىققانلىقى بايان قىلىنغان.

ئۇنىڭ كىتابىدا دېيىشىچە:« ئۇ قىزلىرىنى ئەخلەت دەپ تىللىغان، ئۇلارنىڭ بارلىق پەنلەردىكى نەتىجىسىنىڭ«ئا» بولۇشىنى تەلەپ قىلغان، قىزلىرىنىڭ تېلېۋىزۇر كۆرۇشىنى چەكلىگەن، پىئانىنو مەشىقىنى ياخشى قىلالمىغانلىقى ئۈچۈن قىزلىرىغا تاماق بەرمىگەن..ۋاھاكازالار».يولۋاس ئانىنىڭ بالاتەربىيىلەش ئۇسۇلى ئامېرىكا مائارىپ ساھەسىنى ھەيران قالدۇرغان ۋە نۇرغۇن مۇنازىرىلەرگە سەۋەب بولغان. يېقىندا ئۇنىڭ سۈرىتى داڭلىق «دەۋر»ژورنىلىنىڭ مۇقاۋىسىغا بىرىلىپ، بۇ ھەقتىكى مۇنازىرىلەرنى يۇقۇرى بالداققا كۆتۇرگەن.

يولۋاس ئانا ھەققىدە ئويلار ۋە شەرھىلەر

 

يېقىندىن بېرى، بىر نەپەر ئامىرىكىدىكى «يولۋاس ئانا» قىززىق تېمىغا ئايلىنىپ، ئامىرىكا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ زىيارەت ئوبېكتىغا ئايلاندى.غەرىپلىكلەر ئارىسىدا يولۋاس ئانا ھەققىدە مۇنازىرىلەر قىززىپ كەتتى: غەرىپتىكى داڭلىق ئونۋېرىستىتنى پۈتتۈرگەن ئايال پىروفېسسور ، جوڭگولۇق ئانا بىلەن شالغۇت پەرزەنت، قاتتىق باشقۇرۇش نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتى.يولۋاس ئانىنىڭ ئامىرىكا ئاخبارات ۋاستىلىرىدە زىيارەت قىلىنىش نىسبىتى ئېشىۋاتىدۇ،ھەتتا دەۋىر ژۇرنىلىنىڭ مۇقاۋىسىغا سۈرىتى بېسىلدى. «ۋال سىتېرىت كۈندىلىك گېزىتى» دە« جوڭگولۇق ئانىلار نېمە ئۈچۈن غەلبە قىلدى؟»دىگەن تېمىدىكى ماقالە ئىلان قىلىنغاندىن كىيىن، ئاز بولمىغان كىشىلەر يولۋاس ئانىغا ‹ياق› دىگەن بولسمۇ، لېكىن غەرىپ ئاخپارات ۋاستىلىرى بۇ تېمىغا قايتما ئىنكاسى كۈچلۈك بولدى .

مۇقەررەركى ،يولۋاس ئانا غەرىىپتە دەۋىر سۈرگەن،چۈنكى بۇنداق ئانا ئامرىكىدا ناھايتى ئەتىۋار شەخىس،قارىماققا ناھايتى يېڭىچە.جوڭگودا ئۇنىڭدىنمۇ ئېشىپ چۈشىدىغان يولۋاس ئانا ۋە يولۋاس ئاتىلار بار،كۆپچىلىك ئاللىقاچان بۇنىڭغا كۆنۇك،ئەجەپلىنىپمۇ كەتمەيدۇ. جوڭگودا ‹ كالتەك ئاستىدىن ۋاپادار پەرزەنت چىقىدۇ›،‹ بالىسىنىڭ ياراملىق بولۇشىنى ئارزۇ قىلىش›،ۋە ‹چېچىندىن لىمغا ئېسىپ قويۇپ ،مىق ئۈستىدە ئولتۇرۇپ ئۆگىنىش› تەك مەدەنىيەت موھېتىدا بالىنىڭ تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىدىغان،بالىغا ئەركىنلىك بېرىدىغان ئاتا-ئانىلارنى تاپماق ھەقىقەتەن تەس،بىراق بالىنى قاتتىق باشقۇرىدىغان ئاتا-ئانىلارنى ھەممىلا يەردە ئۇچراتقىلى بولىدۇ.

ئامىرىكىلىق يولۋاس ئانا دولقۇنىنىڭ كۆتۈرۈلۈشى جوڭگوچە قاتتىق باشقۇرۇش تۈزۈمىنىڭ مۇۋاپىقىيىتىنى نامايەن قىلدى،بۇ دولقۇن ئامىرىكىلىقلارغا غەم-ئەندىشە ئېلىپ كەلگەن بولسا جوڭگولۇقلارنىڭ گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كەتتى.بۇلتۇر 12-ئايدا ئېلان قىلغان ‹خەلقئارا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاساسى ئېقتىدارىنى سىناش تۈرى (PISA:Programfor International Student Assessment) نىڭ نەتىجىسىدىن ئامىرىكىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسى ئوتتۇرا ھال بولغان،كۆرۈپ ئوقۇش ئېقتىدارى 17-ئورۇندا ،ئىلىم-پەن نەتىجىسى 23-ئورۇندا، ماتىماتېكا نەتىجىسى 31-ئورۇندا بولۇپ،ئومۇمى نەتىجىسى 17-ئورۇندا تۇرغان.شاڭخەيدىن كەلگەن ئوقۇغۇچلارنىڭ نەتىجىسى ئالاھىدە يۇقۇرى بولۇپ ،ئۈچتىن يۇقۇرى باھالاش تۈرىنىڭ ھەممىسىدىلا نەتىجىسى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان. بۇ چاغدا كۆپچلىكنىڭ ھەممىسى جوڭگونىڭ مائارىپ ئىسلاھاتى ئۈنۈملۈك ھالدا پايدىلىق دەلىل ۋە ئاساسنى تاپقان ئوخشايدۇ دەپ ئويلىدى. بىزنىڭ جوڭگو مائارىپى نېمە بولدى ، ھەتتا ئامىرىكىلىقلارمۇ بىزگە ھەۋەس قىلشىۋاتىدىغۇ؟ مەيلى قىچىر بولسۇن ياكى ئات بولسۇن ،ھامان سوۋۇتۇش كېرەكمۇ؟ جوڭگو مائارىپىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىغا قارىتا، بەك مۇرەككەپلەشتۈرىۋىتىشنىڭ ھاجىتى يوق.ئەكسىچە ئامىرىكىلىقلار ساراسىمىگە چۈشۈپ قالدى.ھەتتا زوڭتوڭمۇ نۆۋەتتىكى ئامىرىكا باشلانغۇچ مائارىپىنىڭ ئارقىدا قېلىشى بىلەن ئەينى يىلىدىكى روسىيىلىكلەرنىڭ ئالدى بىلەن سۈنئى ھەمراھنى قويۇپ بېرىپ ئامىرىكىنى ھەيرەتتە قالدۇرغىنىنى باغلاپ مۇلاھىزە قىلىۋاتىدۇ.ئامىرىكىلىقلارنىڭ ئازاپ تۇيغۇسىنىڭ كۈچلۈك بولۇشىنى ئۆزلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان،ئۇلارنىڭ بەزى ئىشلارغا بولغان تەسەۋۋۇرى نورماللىقتن ھالقىپ كەتكەن.غەرىپلىكلەر ‹ئۇيقۇدىكى شەرىق يولۋىسى ئويغىنىشى كېرەك› دەۋاتقىلى نەچچە يۈز يىل بولدى ،نەتىجىدە بىز يەنىلا ئىزچىل تەنبىھ ئىشتىپ كەلدۇق.شۇڭا بىز ئامىرىكىلىقلارنىڭ بۇ ھەيرانلىقىنى راست دەپ قالماسلىقىمىز كېرەك ،مەغرۇرلىنىپ كېتىشىمىزنىڭ تېخىمۇ ئورنى يوق. بەلكى ھەقىقي سەگەكلىك بىلەن ئويلىنىشقا تېگىشلىك بولغىنى : نېمە ئۈچۈن جوڭگودىن ئاز بولمىغان تالانىت ئېگىلىرى چىقىدىيۇ،لېكىن ئالدىنقى قاتاردىكىلەرنى بېسىپ چۈشىدىغان تالانىت ئېگىلىرى چىقمايدۇ؟ ئامىرىكىدا ،نۇرغۇن ئىنېستۇتلاردىكى فاكۇلتېت مۇدىر پىروفېسسورلىرىنىڭ ھەممىسىنى دىگۈدەك جوڭگو تەربىيلەپ چىققان،لېكىن ئومۇمى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا،ئۇلار يەنىلا دۇنيا پەن-تېخنىكىسىنىڭ پەللىسىدە تۇرۇشقا ئامالسىز.بۇنداق كىشىلەرنى تەربىيلەپ چىقىش ئۈچۈن بەلكىم جوڭگو ۋاقىتقا ئېھتىياجلىقتۇ.لېكىن بەزى ئىچكى ئامىللار پەۋقۇلاددە تالانىتلىقلارنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشىنى چەكلەپ قويۇۋاتقانلىقى ئېھتىماللىققا ئەڭ يېقىن بولۇشى مۈمكۈن.كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى غەرىپ بالىلىرىنىڭ يۈرەكلىك ،مۇستەقىللىقى كۈچلۈك، ئىزدىنىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئېڭى بولۇپمۇ ئۆزگىچىلىككە ئېگە يېڭىلىق يارىتىش ئېڭىنىڭ جوڭگولۇق بالىلاردىن روشەن ھالدا يۇقۇرى ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلدى. نۇرغۇن بالىلار ئىلىم –پەنگە قىزىققانلىقتىن ئىلىم –پەن ئۈگىنىدۇ،ئىلىم –پەننى سۆيگەنلىكتىن ئىلىم-پەن ئۈگىنىۋاتىدۇ.ئۇلارنىڭ مەقسىدى ئىمتىھاندا ياخشى نەتىجە ئېلىش ئەمەس،بەلكى قانداقتۇر بىرەر يېڭىلىققا ئىنتىلىش.ياكى كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان بىرەر ئىلگىرلەشنى بايقاش ئۇچۈن.شۇڭا، ئەگەر مۇشۇنداق نوتىلار ھازىر ئىمتىھاندا ئوتتۇرا ئېقىمدا تۇرالىسا،كەلگۈسىدە ئەلۋەتتە ياراملىق بۇلۇپ چىقالايدۇ.غەرىپ ئىلىم –پەن ساھەسىدە،بولۇپمۇ ئۇل ئىلىم –پەن ساھەسىدە ،پۇلنىڭ ھېچقانچە ھەركەتلەندۈرگۈچىلىك رولى بولمىغاچقا، نۇرغۇن ئالىملار پۇل ئۇچۈن ئەمەس بەلكى بۇ خىزمەتنى ھەقىقي سۆيگەنلىكى سەۋەبىدىن بۇ خىزمەتنى ئىشلەۋاتىدۇ.قىزىقىش ۋە سۆيۈش مۇۋاپىقىيەتنىڭ ھالقىلىق ئامىلى. دۆلەت ئىچىدىكى ئەھۋالغا نىسبەتەن ، ئىمتىھان مائارىپىنى سۆكۈشمۇ ياخشى ئىش،ساپا مائارىپىنى قوللاشمۇ ياخشى ئىش،پۈتكۈل جەمىيەت سېستىمىسى يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى تالانىتلىقلارنىڭ يېتىشىپ چىقىشغا تەقەززا بولماقتا.شۇڭا جوڭگو تېخىمۇ غەم قىلىشى كېرەك ،بىر نەچچە پالۋاننىڭ مۇسابىقىدىكى ئازغىنە نەتىجىسىدىن خۇدىمىزنى بىلمەي قالساق بولمايدۇ.

مەيلى قانداقلا بولسۇن، نۆۋەتتە غەرىپ ۋە شەرىقتن ئىبارەت ئىككى تەرەپ مائارىپ ساھەسى قارشى تەرەپنىڭ ئۇسلۇبىغا دىققەت قىلىۋاتىدۇ ھەم ئۆگىنىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئۆزىدىكى مەسلىلىلەرئۈستىدە ئويلىنىۋاتىدۇ.بۇ شەك-شۈبىھىسىزكى بىر ياخشى ئىش.ماھىيەت جەھەتتىن ئېيتقاندا، غەرىپ مائارىپىمۇ ئۇنچە مۇكەممەل ئەمەس.ھەر ئىككى تەرەپتە ئورتاقلىق ۋە پەرىق مەۋجۈت.جوڭگولۇق بالىلارنىڭ پەقەتلا دەرستىن سىرت پائالىيىتى يوقمۇ ئەمەس،ئامىرىكىلىق بالىلارمۇ كۈنبويى ئويناپلا يۈرمەيدۇ.مەسىلىنىڭ نېگىزى شۇكى: قانداق قىلغاندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇستەقىل پىكىر قىلىش روھىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ؟ بالىلارنىڭ تەسەۋۋۇر كۈچىنى ۋە ئىجادىيلىق روھىنى قانداق قوزغىتىش كېرەك؟ قانداق قىلىپ ئوقۇغۇچىلادا مەغلۇبىيەتتىن قۇرۇقمايدىغان ئاكتېپ ئىزدىنىش روھىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ؟

مېنىڭچە، بۇ بىز غەرىپلىكلەردىن ئۆگىنىشكە تېگىشلىك نوقتىلار. بۇ ئۆگىنىش پەقەت مائارىپ ساھەسىنىڭلا ئىشى بولماستىن، بەلكى پۈتكۈل جەمىيەتنىڭ ئىشى بولۇشى كېرەك.ھەتتا تۈزۈم قاتلىمىنىڭ ئىشى بولۇشى كېرەك ،چۈنكى جەمىيەتتىن ئايرىلغان ئەھۋال ئاستىدا مەكتەپ مائارىپى پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ.

____

ۋەتەن بلوگى تەرجىمە گۇرۇپپىسىدىن «ئەۋلادىم»تەرجىمە قىلدى

بلوگىمىزدىكى ئەسەرلەرنى رۇخسەتسىز، ياكى مەنبەسىنى ئەسكەرتمىگەن ھالداكۆچۇرۇپ ئىشلەتمەڭ.





5 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • بۇ توغرىسىدىكى ئۇچۇرنى مەنمۇ تېلېۋىزور ۋە توردىن كۆرگەن. ھەيرانلىقىم ئېشىپ، توردىن بۇ توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئاختۇرۇپمۇ كۆردۈم. ھېس قىلىشىمچە، «يولۋاس ئانا»غا غەربلىكلەرنىڭ ھەيران قېلىشى قانداقتۇر «يولۋاس ئانا»نىڭ تەربىيىلەش ئۇسۇلى، ئائىلە تەربىيىسىگە مەپتۇن بولغانلىقى، قىزىققانلىقى بولماستىن، بەلكى بۈگۈنگىدەك مۇشۇ دەۋردىمۇ مۇشۇنداق بىر «بوغما» تەربىيە ئۇسۇلىنىڭ بولۇشىدىن قاتتىق چۆچىگەن، ھەم ئاشۇ خىل قارىماققا قىزىققاندەك كۆرۈنىدىغان تەشۋىقات ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ «يولۋاس ئانا»چە ئائىلە تەربىيەسى ۋە مەكتەپ تەربىيەسىنى مەسخىرە قىلغان. سازايى قىلغان خالاس.
    بالام يەنە 5يىلدىن كېيىن مەكتەپكە كىرىدۇ، ھەي…

  • بۇنى ناھايتى ياخشى تىما بوپتۇ… ھازىر جەمىيىتىمىزدە ھەممە ئىشنى مەكتەپكە ئارتىپ قويىدىغان ئەھۋال يەنىلا بىر قەدەر ئېغىر…… :!: :!: :!:

  • مەنمۇ چۈشتاقنىڭ پىكرىگە قوشۇلىمەن، دېمىسىمۇ غەربلىكلەرنىڭ ھەيران قالغىنى ئۇنىڭ يېڭىچە تەربىيەلەش ئۇسۇلى ئەمەس بەلكى يېڭى دەۋردىكى زاماندىن قالغان مەجبۇرى خاراكتىرلىق ھەم زۇراۋانلىق تۈسىنى ئالغان تەربىيەلەش ئۇسۇلىدۇر، غەربلىكلەر ھەرگىزمۇ بۇ خىل چىكىدىن ئاشقان ئائىلە تەربىيەسىنى ئېلىپ بارمايدۇ، ئۇلارنىڭ مۇلاھىزىسىنىڭ ئوننىڭ توققۇزى دەل چۈشتاق ئېيتقاندەك مەسخىرە ۋە چۈچۈش، ئەمما بۇ تېمىنىڭ جۇڭگو ئىچىدە غۇلغۇلا قوزغىشىدىكى سەۋەب تېخىمۇ ئاددى، جۇڭگولۇقلار ھەر قانداق ئۇسۇلدا دۇنياغا تۇنۇلالىغان ئادىمى بولسىلا كۆپتۈرۈپ پەردازلاپ دۆلەت ئىچىگە كۆرسىتىشكە بەكلا ماھىر، جۇڭگو ئىچىدە بۇنىڭغا ئوخشاش تەربىيە ئۇسۇللىرىنى ھەممىلا جايدا كۆرگىلى بولىدۇ، جۇڭگودىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر قايسى پەنلەردىكى ئىمتىھان نەتىجىسىنىڭ دۇنيادىكى خېلى تەرەققى قىلغان دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئوقۇغۇچىلاردىنمۇ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى جاھان ئەھلى بىلىدۇ، ئەمما ئۆگەنگەنلەرنى ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىشكە كەلگەندە جۇڭگودىكى ئوقۇغۇچىلار ھەتتا ئەڭ نامرات دۆلەتلەردىكى ئوقۇغۇچىلارغىمۇ تەڭ كېلەلمەيدۇ، مانا بۇ دۇنيا نۇپۇسىنىڭ ئالتىدىن بىرىنى ئىگەللىگەن جۇڭگودا بىرەر نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈدەك ئادەم چىقالماسلىقىنىڭ سەۋەبىدۇر

  • ئەھمەت جاۋاب

    بۇ يازمىنى ئوقۇپ بىزمۇ ‹‹يولۋاس مۇئەللىم››بولۇپ باقساق قانداق بولار دەپ ئويلىنىپ قالدىم ،بىراق بۇ راستىنلا بەك كۇلكىلىك .يىڭى يازمىلىرىڭلارغا تەشنامەن

  • بىلىم دېگەننى قورساققا قاچىلىۋالسىلا ھېساب ئەمەس. ئۇنى ئەمەلىيەتتە ئىشلىتەلەيدىغان ماھارەت، ئىقتىدار تەڭ بولىشى كېرەك. بۇ خۇددى جاپالىق ئىشلەپ پۇل تېپىپ قانداق خەجلەشنى بىلەلمىگەندەكلا ئىش.

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif