• قوللانچى: پارول:

«مۇنەۋۋەر بالاقانداق تاۋلىنىدۇ»(1)بالىڭىزغاشۇنداق دەڭ

1. ساڭا ياخشىچاق بولمىغانلارغا ناچار باھا بەرمە. سېنىڭ بىر پۈتۈن ھاياتىڭدا، مەن بىلەن ئاپاڭدىن باشقا ھېچكىمنىڭ ساڭا ياخشىچاق بولۇش ۋەزىپىسى يوق.ئۆزۈڭ بىلەن ياخشى ئۆتىدىغان ئادەملەرنى قەدىرلەشنى بىل، ئۇلارغاجاۋاب قايتۇرۇشنى ئېسىڭدىن چىقارما.

2.ھېچكىم -ھېچكىمنىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇھەم ھېچقانداق بىرنەرسە مۇقەررەرئەتىۋارلىق بولمايدۇ. بۇنۇقتىنى ئېنىق بىلىۋال. كىلچەكتە سەن ئەگەرئۆزۇڭ سۆيگەن بارلىق نەرسىلەردىن ئايرىلىپ قالساڭمۇ،شۇندىمۇ شۇنى ئېنىق چۈشىنىشىڭ كېرەككى، بۇنىڭ كارايىتى چاغلىق.

3.ھايات بەك قىسقا، بۈگۈنكى ھاياتىڭنى ئىسراپ قىلىۋەتسەڭ، بىلىشىڭ كېرەككى ئۇ بىربۆلەك ھاياتىڭ سەندىن مەڭگۈلۈك يىراقلىققا ئۇزاپ كەتكەن بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن قانچە بالدۇر ھاياتلىقنى قەدىرلەشنى بىلسەڭ، سېنىڭ ھاياتتىن بەھرىلىنىش ۋاقتىنىڭ شۇنچە كۆپ بولىدۇ. بىلگىنكى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنى خام خىيال قىلىۋەرگەندىن كۆرە ، ھاياتتىن بالدۇرراق بەھىرئالغان ئەۋزەل.

4.سۆيگۈ بىرتۈرلۈك تۇيغۇ، ئۇھەرقانداق ۋاقىتتا كۆڭۈلنىڭ خاھىشىغائەگىشىپ ئۆزگىرىشى مۇمكىن. ئەگەركۈنلەرنىڭ بىرىدە، سەن بارلىغىڭنى بېغىشلىغان سۆيگۈنىڭ سېنىڭدىن ئايرىلسا، سەۋرچانلىق بىلەن بىرمەزگىل كۈتكىن. ۋاقىت ئاستا-ئاستا ئازابلىرىڭنى يۇيۇۋەتسۇن، قەلبىڭ ئاستا-ئاستا تىنچىسۇن.بىلگىنكى سۆيگۈدىن ھەددىدىن زىيادە مۇكەممەللىك كۈتسەڭ، شۇنچە دەھشەت تېراگىيىدىگە دۇچار بولىسەن. 

5.گەرچە، بىزبىلىدىغان خىلى كۆپ ئۇتۇق قازانغۇچىلار ھېچقانچە مائارىپ تەربىيىسى كۆرمىگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇھەرگىزمۇمۇۋاپىقىيەت قازىنىشتاتەربىيىلىنىشنىڭ ھاجىتى يوق دېگەنلىك ئەمەس. سەن بىلىم ئېلىشىڭ كېرەك، ئۇ ساڭا كېرەكلىك قۇرال. ئېسىڭدە بولسۇن ،قولۇڭدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقىمۇ يوق ھالدا«قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلەش» مۇمكىن ئەمەس.

6.سەن ئۆزۈڭدىن ۋەدىگە ۋاپا قىلىشنى تەلەپ قىلساڭ بولىدۇ، لېكىن خەقتىن تەلەپ قىلالمايسەن. سەن ئۆزۈڭ باشقىلارغا يىقىندارچىلىق قىلساڭ بولىدۇ، لېكىن باشقىلارغا بۇنداق تەمەدە بولما. سېنىڭ باشقىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشىڭ، باشقىلارنىڭمۇ ساڭا شۇنداق مۇئامىلە قىلىشنى بەلگىلەپ بىرەلمەيدۇ. ناۋادا بۇ نۇقتىنى توغرا تونۇپ يېتەلمسەڭ،ھايات مۇساپەڭدە دىلخەستىلىك ساڭادائىم ھەمراھ بولىدۇ.

7.مەن 20يىل ئۇدا لاتارىيە سېتىۋالغان بولساممۇ، يەنىلا نامراتلىقتىن قۇتۇلالمىدىم، ھەتتا ئۈچىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتمۇ چىقىپ باقمىدى، بۇ ئادەمنىڭ داۋاملىق تەرەققىي قېلىشى كېرەكلىكىنى، داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئەمگەك  قېلىشنىڭلا ئىشەنچىلىك قەد كۆتۈرۈش يولى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. يادىڭدا چىڭ تۇت، دۇنيادا بىكارلىق تاماق يوق.

8.قىرىنداشلىقمۇ ساڭا بىرلا قېتىم نېسىپ بولىدۇ، بۇئۆمرىمىزدە ئىككىمىزمەيلى قانچىلىك ئۇزۇن بىرگە ياشايلى، يەنىلائىككىمىزگە ئورتاق پەيتلەرنى ئىنتايىن قەدىرلەيلى، كېيىنكى ئۆمرۈڭدە بۇپەيتلەرنىڭ قايتىلىنىشى مۇمكىن ئەمەسقۇ ئاخىر..





3 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • ئەۋلادىم جاۋاب

    ناھايتى ياخشى سۆزلەركەن،،،،

  • ئارزۇ جاۋاب

    ئوقۇپ ھاردۇغۇم چىقىپ قالدى ، رەخمەت.

  • ئابلەت جاۋاب

    بۇلارنى ئوقۇپ بالام ئەمەس ئاۋال ئۆزۇم تەربېيلىنىشىم كىرەكلىكىنى ھىس قىلدىم

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif