ئۆزنۆۋىتىدە يەنە پىسخولۇگىيە ھەۋەسكارى بولغانلىقىم ئۈچۈن بەزىدە بۇ ھەقتىكى ئالاقىدار مەزمۇنلارنى ئىزدەپ بىلىم جۇغلاپ تۇرىمەن.بۈگۈن خەنچە مەلۇم بىربېكەتتە ئۇچراتقان «قارشى تەرەپنىڭ يالغان سۆزلەۋاتقانلىقىنى بايقاشنىڭ بەش خىل چارىسى»دېگەن يازما ئۈستىدە تورداشلاربىلەن ئورتاقلىشىپ بىقىشنى توغرا تېپىپ،تەرجىمە قىلىپ قويدۇم.
بىرىنچى، ئۇكۆزلىرىنى كۆزلىرىڭىزبىلەن ئۇچراشتۇرماسلىققا تىرىشىدۇ.كۆپىنچە كىشىلەرئادەتتە باشقىلاربىلەن پاراڭلىشىۋاتقاندائارىدا“كۆزئالاقىسى»نىڭ بولىشى نۇرمال ئىش، بولۇپمۇ غەرىبلىكلەر«كۆزئالاقىسى»گەئامراق بولۇپ قارشى تەرەپنىڭ كۆزىگە بىقىپ تۇرۇپ سۆزلىشىشكە ئادەتلەنگەن. ئەگەرسىزبىلەن پاراڭلىشىۋاتقان كىشى باشتىن ئاخىركۆزلىرىڭلارنىڭ ئۇچرىشىپ قىلىشىدىن بىئارامسىزلىق ھېس قىلىۋاتقاندەك بولسابۇئۇنىڭ يالغان ئېيتىۋاتقانلىقىدىن بېشارەت.بەزى ئادەملەرنىڭ سۆزىدىكى «يالغان»تەركىبى ئاشقانسىرى ئۇخىل ھەرىكىتىمۇ ئىشىپ ماڭىدۇ.
ئىككىنچى،ئۇسىزسورىغان ھەممە مەسىلىلەرگەبەكمۇھازىرجاۋابلىق قىلىدۇ. ئەگەرقارشى تەرەپتە بۇخىل ئالامەت كۆرۇلسە، بۇئۇنىڭ سىلەرنۆۋەتتە سۆزلىشىۋاتقان مەسىلە ئۈستىدە ئاللاقاچان كۆڭۈل قويۇپ بىر«ھېكايە»توقۇپ چىققانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئۈچىنچى،ئۇ سۆھبەت داۋامىدائىختىيارسىزتۈردە تىت-تىت بولىۋاتقانلىقىنى چاندۇرۇپ قويىدۇ.بۇخىل ئەھۋال ئۇنىڭغانىسبەتەن ھەقىقەتەنمۇتەس، ئادەم جىددىيلەشكەندە تىت-تىت بولىدۇ،يالغان ئېيتىۋاتقان پەيىتتە ھەقىقەتنىڭ ئاشكارىلىنىپ قىلىشىدىن ئەنسىرەپ تۇرغاندا بۇخىل ئەھۋال تېخىمۇ كۈچىيىدۇ.ئۇنىڭغاقاراڭ؛كۆزىنى بەكلاچىمچىقلىتىۋاتامدۇ؟ئۇيەر-بۇيىرىنى قاشلاۋاتامدۇ؟پات-پاتلاتۈكۈرۇكىنى يۇتۇۋاتامدۇ؟ياكى قولىداقەلەم دېگەندەك نەرسىلەرنى توختىماي ئوينىتىۋاتامدۇ؟ئادەتتە جىددىيلەشكەن (بولۇپمۇ يالغانچىلىق ئۈستىدە)ئادەمنىڭ ھەرىكىتىدە بۇخىل ئالامەتلەركۆرىنەرلىك بولىدۇ.
تۆتىنچى،ئۇسىزگە قايتا-قايتائۆزسەمىمىيىتىنى ئىپادىلەشكە ئۇرۇنىدۇ.تەبىئىي پاراڭ ئادەتتە تەكەللۇپسىز، بولۇپمۇھەددىدىن زىيادە سەمىمىيەت چۈشەندۇرۇشىدىن خالى داۋام قىلىدۇ. ئەگەرقارشى تەرەپتە بۇخىل ئەھۋال كۆرۇلسە سىزبىرئازكۆڭۆل قويسىڭىزلائۇنىڭ ھەددىدىن زىيادە ياسالمىلىق بىلەن ئۆزىنى سەمىمىي كۆرسەتمەكچى بولغانلىقىنى بايقايسىزئەلۋەتتە.
بەشىنچى،ئەڭ مۇھىمى سىزدە ئىنتۇئىتسىيە(بىۋاسىتە سىزىم)ئىقتىدارى بولۇشى كېرەك.بەزى ۋاقىتلارداياكى بەزى كىشلەرگەنىسبەتەن سىزيەنىلائۆزىڭىزدىكى ئىقتىدارغاياكى بىۋاسىتە سەزگۈگە تايىنىسز.ئەگەرسىزقارشى تەرەپنىڭ يالغان ئېيتىۋاتقانلىقىنى بايقاش ئۈچۈن يۇقىرىقى ئالامەتلەرنى تاپالمىسىڭىز،ئۇنداقتائۇ يالغان ئېيتمىغان بولىدۇ،ياكى ئۇچىغاچىققان يالغانچى بولىدۇ، بۇنداق نائىنىق ھۆكۈم مۇھىتىدا ئەلۋەتتەسىزكۆپلىگەن ئۇچۇرلارنى توپلاش بىلەن بىلەن بىرگە بىۋاسىتە سىزىمىڭىزغا تايىنىسىز.ئەگەر بۇيازمىدا دىگەنلىرىمگىمۇ ئىشەنمىسىڭىزئۇنداقتا سىزدەجەزمەن«زىيادەسەزگۈرلۈك»كېلىسى پەيدا بولىۋىتىپتۇ دەپ قارايمەن، چاقچاق قىلمىدىم ئەگەرشۇنداق تۇيغۇ بولسا، ئىنكاس قالدۇرۇڭ…