1.ئۇنىڭغا بىرئازپۇل بېرىپ تۇرۇڭ ۋەئۇنىڭغا«مالىيەئىشلىرىنى باشقۇرۇش»نى ئۆگىتىڭ
2.ئۇنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ،ئۇنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى ۋە خەت چەكلىرىنى كۆرمەڭ.
3.ۋاقتىڭىزنىڭ ياربىرىشىچە ئۇنىڭ بىلەن سەيلە-ساياھەت قىلىپ تۇرۇڭ.
4.ئۇ ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئۇنىڭغا ياخشى ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بېرىڭ، ئۇ كۈلۈمسرىگىنىچە ئۇخلاپ قالسۇن.
5.ئۇنىڭ ئوينىشى،شوخلۇق قىلىشى ئۈچۈن بولسا مەخسۇس بىر ئۆي، ھىچبولمىغاندا ئۆينىڭ بىربۇلۇڭىدىن ئىبارەت زىمىنى بولسۇن.
6.شارائىتىڭىز ياربەرسە ھەركۈنى كەچلىك تاماقتىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن بىرگە سىرتتا بىرپەس ئايلىنىپ كىرىڭ.
7.شادلىقتىن ئۇنىڭ بىلەن بىللە بەھىرئېلىڭ.
8.ئۇنىڭغاقاراپ كۈلگىنىڭىزدە،ئۇمۇ كۈلۈمسىرەپ قارايدىغان بولسۇن.
9.ئۇنى جەمئىيەتنىڭ ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەت قاتلىمىدىكى بالىلاربىلەن نۇرمال ئالاقە قىلالايدىغان بولۇشقا يېتەكلەڭ.
10.ئۇنى ھەرخىل ياشتىكى كېشىلەربىلەن ئالاقە قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈڭ.
11.ئۇنىڭ ئوينىشى ئۈچۈن ھەقىقى بىربۆلەك ۋاقىت ۋە ھەقىقى بىرپارچە بوشلۇق كېرەك.
12.ئۇنىڭغا ۋېلسپىت مېنىشنى، سۇ ئۈزۈشنى..ئۆگىتىڭ بۇلارجەمئىيەتكە قەدەم قويۇشنىڭ بىرخىل ئاساسى ئىقتىدارلىرى.
13.ھەركۈنى سەھەردە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇنىڭ بىلەن سالاملىشىڭ، ئۇ خەيرلىك بىركۈننىڭ باشلانغانلىقىنى ھېس قىلسۇن.
14.ئەر-ئايال ئىككىڭلارنىڭ بەكلا ئۇرۇشقىڭلاركېلىپ كەتكەن بولسىمۇ،شۇنى دەپ قويايكى ھەرگىزمۇئۇنىڭ ئالدىدا ئۇنداق قىلماڭلار.
15.ھەركۈنى ئىشتىن قايتىپ كەلگەندە ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈمسىرىگەن ھالدا«بالام، بۈگۈن خۇشالمۇ سەن؟»دەپ ئەھۋال سوراڭ.
16.ئۇنىڭغا ئۇنچە كۆپ ماددى بايلىق ھەدىيە قىلماڭ، ئەمما ئەڭ زور تېرىشچانلىق بىلەن بىر ساغلام تەن، بىرساغلام پىسخىكاۋەشاد-خۇرام تۇرمۇش ئاتا قىلىڭ.
17.دىققىتىڭىزنى ئۇنىڭ تۇرمۇش ئىقتىدارى بىلەن ھەرىكەت ئادىتىنى يىتىلدۈرۈشكە قارىتىڭ.
18.ئەگەرئۇنىڭ ئىجادى پىكىرىنى چاڭ-تۇزان ئاچقان بولسا،ئۇنى ھەرگىزمۇمەينەت بولۇشتىن توسماڭ.
19.ئەر-ئايال ئىككىڭلارمېھىرى-مۇھەببىتىڭلارنى ئورتاق تەقدىم قىلغاندىلا ئاندى ئۇ بۇ ئائىلىنڭ مۇھەببەتكە تولغانلىقىنى ھېس قىلالايدۇ،شۇنىڭدىن سىلەرنى ئۆگىنىش ئۈلەىسى قىلىدۇ.
20.ئەر-ئايال ئىككىڭلارئارىسدائۆز-ئارايول قويۇش ۋە ئەپۇچانلىق بولسۇن.
21.ئۇنىڭغا ھەددىدىن زىيادە كۆڭۇل بۆلۇپ كەتمەڭ،ئۇ ئۆزىنىڭ ئىشىنى ئۆزى قىلسۇن، ئەممائۇنىڭدا«ئۆزۇمنىڭ راست»قارىشى ھەرگىز يېتىلىپ قالمىسىۇن.
22.ئۇنىڭغا بەكلاچاپلىشىۋالماڭ، ئۇ تەڭتۇشلىرى بىلەن كۆپرەك ئارىلاشسۇن، ھەرگىزمۇياۋايى مىجەزلىك ئادەم بولۇپ قالمىسۇن.
23.ئۇنىڭ نېمە ئالغۇسى كەلسە شۇنى ئېلىپ بىرىۋەرمەڭ.ئۇبالدۇرراق«ئەمگەك بىلەن تاپاۋەتنىڭ، ھوقۇق بىلەن مەجبۇرىيەتنىڭ مۇناسىۋىتى»نى بىلىۋالسۇن.
24.تۇرمۇشتىكى قېيىنچىلىقنى يېڭىش ياكى ئائىلىنىڭ مەلۇم مۇھىم ئىشلىرى ھەققىدە ئۇنىڭ بىلەنمۇ مەسلىھەتلىشىپ قويۇڭلار، ئۇ تۇرمۇشقا پىشسۇن.
25.ئۇ ىسلەرنىڭ ئۆزىگە بىغىشلىغان مېھرى-مۇھەببىتىڭلارنىڭ تۇراقلىق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.شۇڭا بىردەم كۆيۈپ بىردەم سوۋۇپ يۈرمەڭلار.