• قوللانچى: پارول:

مەن ئەسەرلىرىنى ئەڭ ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان كارتۇن فىلىم شېركەتلىرنىڭ بىرى-Pixar

ماڭائوخشاش كارتۇن فىلىم ھېرىسمەنلىرى ئۈچۈن پېكسارPixarشىركىتىنىڭ نادىر كارتۇن فىلىملىرى ناتونۇش بولمىسا كېرەك.
Pixar كارتۇن فىلىم خىزمەتخانىسى(Pixar Animation Studios) بىزگە ھازىرغا قەدەر«ئويۇنچۇقلارھېكايىسى»،«نىمونى ئىزدەش»،«ئاپتۇمۇبىللارھېكايىسى» قاتارلىق نادىركارتۇن فىلىملەرنى تەقدىم ئېتىپ، ياخشى باھايىمىزغا نائىل بولۇپ كەلدى. Pixar شېركىتى 1986-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر20بۆلۈم چوڭ كارتۇن فىلىم، 30بۆلۈمدىن ئارتۇق قىسقا كارتۇن فىلىمنى ئىشلەپ تارقاتقان. ئۇنىڭ ئەمەلىي كۈچى نۇقتىسىدىن قارىغاندا شۇنداق دېيشىكە بولىدىكى ئۇ دېسنىي شىركىتىدىن كېيىن يېتىلگەن، كارتۇن فىلىمچىلىك تارىخىدا تەسىرى ئەڭ چوڭ بولغان شېركەتتۇر.


شېركەت لوگوسى

Pixar شېركىتى 2006-يىلى دېسنى شېركىتى تەرىپىدىن سېتىۋېلىندى. Pixarنىڭ ئۇرانى »سەنئەت- تېخنىكىغا جەڭ ئېلان قىلغۇچى، تېخنىكا- سەنئەتكە ئىلھام بەرگۈچى» بولۇپ، ئۇلارنىڭ فىلىملىرىدىكى سەنئەت بىلەن تېخنىكىنىڭ بىرىكىشى جەھەتتىكى جۇلالانغان خاسلىق بۇنىڭ نامايەندىسى ھېسابلىنىدۇ.

Pixarئىشلىگەن كارتون فىلىملەر ئىچىدە تۆرت فىلىم ئوسكار«ئەڭ نادىرچوڭ كارتۇن فىلىم» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
Pixarنىڭ ھۇجۇتقا كەلتۈرگەن كارتۇن دۇنياسى پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئىجادىيلىققا ئىگە بولۇپ، ئەسلىدە باربولغان ھېكايە-چۆچەك، ياكى كونا كارتۇن فىلىملەرنى مەنبە قىلمايدۇ. بۇ ھەقتە Pixar نىڭ داڭلىق رېژىسسورى ئەندىرۇ: «ئىجادىي ۋەقەلىك يارىتىش كارتۇن فىلىم ئىشلەش جەريانىدىكى ناھايىتىمۇ مۇشكۈل ئىشلارنىڭ بىرى، ھېچبولمىغاندا بىزشۇنداق قارايمىز. بىراق بىز بۇتۈرنى تاماملاپ بولغاندىن كېيىن، تولۇپ تاشقان ۋە يەڭگىل بىركەيپىياتتا قالغان خىزمەتلەرنى تاماملايمىز»-دەيدۇ.

ئەلۋەتتە،Pixar نى تىلغا ئالغاندابىزگە»ئالما»رىۋايىتى بىلەن تونۇلغان ستۋ.جوبىزنى ئەسلىمەي تۇرالمايمىز، 1986-يىلى 2-ئايدالۇكاس كىنو شېركىتى بايرىقى ئاستىدىكىILM شىركىتىنىڭ كارتۇن فىلىم بۆلۈمىنى سىتۋ.جوبىز10مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا سېتىۋالغاندىن كېيىن، مۇستەقىل كارتۇن فىلىم ئىشلەش شېركىتى Pixarشېركىتى دۇنياغا كۆزئاچقان. دېمەك Pixar شېركىتى جوبىز بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن نادىرھاسىلاتلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.


Pixarنىڭ بىرقىسىم نادىر ئەسەرلىرىنىڭ فىلىم مۇقاۋىلىرى

تۆۋەندە ئۆزۈم كۆرگەن Pixar نىڭ نادىركارتۇن فىلىملىرىدىن بىرقانچىنى تورداشلارغا تەۋسىيە قىلغۇم كېلىپ قالدى.

»ئويۇنچۇقلارھېكايىسى»
ئېنگلىزچە نامى:Toy Story
خەنچە نامى:玩具总动员
ئىشلەنگەن ۋاقتى: بىرىنچى بۆلۈمى 1995-يىلى، ئىككىنچى بۆلۈمى 1999-يىلى، ئۈچۈنچى بۆلۈمى 2010-يىلى

»ھاشارەتلەرنىڭ ھاياتى»
ئېنگىلىزچە نامى:A Bug’s Life
خەنچە نامى:虫虫危机
ئىشلەنگەن ۋاقتى: 1998-يىلى

«غەلىتەمەخلۇقلار شېركىتى»
ئېنگىلىزچە نامى  Monsters, Inc
خەنچە نامى: 怪兽电力公司
ئىشلەنگەن ۋاقتى:2001-يىلى

«نىمونى ئىزدەش»
ئېنگىلىزچە نامى: Finding Nemo
خەنچە نامى:海底总动员
ئىشلەنگەن ۋاقتى:2003-يىلى

«دەرىجىدىن تاشقىرى زەربىدارلار»
ئېنگىلىزچە نامى:The Incredibles
خەنچە نامى:超人特攻队
ئىشلەنگەن ۋاقتى:2004-يىلى

«ئاپتۇمۇبىللار»
ئېنگىلىزچە نامى:Cars
خەنچە نامى:汽车总动员
ئىشلەنگەن ۋاقتى:2006-يىلى

«ۋال-ئى»
ئېنگىلىزچە نامى:Wall-E
خەنچە نامى:机器人总动员
ئىشلەنگەن ۋاقتى: 2008-يىلى

«ئۇچارئۆي سەپىرى»
ئېنگىلىزچە نامى:Up    
خەنچە نامى:飞屋环游记
ئىشلەنگەن ۋاقتى:2009-يىلى





8 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • ئويۇنچۇق پىدائىيلىرىنىڭ كىنوسىنى كۆرمىگەن، ئەمما … كىتابىنى كۆرگەن

  • دۇنيا بويىچە تۇنجى، كومپيۇتېردا ئىشلەنگەن، ئۈچ ئۆلچەملىك كارتون فىلىم «Toy Stroy»دەل مۇشۇ گۇرۇپپىنىڭ قولىدىن چىققان. شۇندىن بۇيان نۇرغۇن ئېسىل 3D كارتون فىلىملەرنى كۆرۈپ كېلىۋاتىمىز.

    • شۇنداق بۇلارنىڭ كارتۇن سەنئىتى ئومۇمى جەھەتتىن ئۆزىگە خاس بىرتۈرلۈك جەلب قىلىش كۈچىگە ئىگە.

  • باتۇرخان جاۋاب

    مەن ئاخىردىكى ۋاللى بىلەن ئۇچار ئۆي سەپىرىنى بەك ياقتۇرمەن، ئىككىسنى قانچە قىتىملاپ كۆرۇپ بولدۇم بۇنى ئۆزۇممۇ ئۇقمايمەن.

    • بولۇپمۇ ۋال-ئې نى دەڭ، مەنمۇ بەك ياقتۇرىمەن بۇ ئەسەرنى.

  • ئەسسالاممۇ .ئەلەيكۇم! مەن بولسام يېڭى بلوگېر،مەنمۇ كارتون فىلىملەرنى بەكلا ياقتۇرمەن ھەمدە بلوگىمدا مەخسۇس كارتون فىلىملەرنى يىغىپ چېقرايمكىن دېگەن.ئەگەر بىرەر مەسلىھەت بولسا بەرسڭىز؟رەھمەت.

  • فىلىم باشلىنىشتىن ئىلگىرىكى ئاۋۇ ئېلانىمۇ بەك ساز، ماڭا بۇلارنىڭ ئىشلىگەن كارتون فىلىملىرىدىكى ئەڭ يارايدىغان نۇقتىلارنىڭ بىرى : رىتىم.

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif