• قوللانچى: پارول:

(10+2)5 ئۇسۇلىدا لايغەزەللىكنى داۋالاش

(10+2)5X   ۋاقىت باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى بىلەمسىز؟ بۇنىڭدىكى 10 نىڭ ئىپادىلەيدىغىنى بولسا10مېنۇت ئىچىدە پۈتۈن زېھنى(%100) بىلەن مەلۇم ئىشنى قىلىش، ۋاقىت توشقاندا ئاندىن ئارام ئېلىش.
2نىڭ ئىپادىلەيدىغىنى بولسا 10مىنۇتلۇق خىزمەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن 2 مىنۇت ئارام ئېلشىنى كۆرسىتىدۇ، بۇ ۋاقىتتا چاي ئىچەمسىز، تورغا چىقامسىز…. نېمە قىلسىڭىزمەيلى، ئەيتاۋۇر مەلۇم شەكىلدەئارام ئالىسىز، لېكىن 2مىنۇت ۋاقىت تولغان ھامان، دەرھال خىزمەتكە كىرىشىپ كېتىشىڭىز كېرەك، يەنى تىزىملىكتىكى ئىشلارنى ئورۇندايسىز.
5نىڭ ئىپادىلەيدىغىنى بولسا: بىرسائەت ئىچىدە مۇشۇنداق ئۇسۇلنى بەش قېتىم تەكرارلاش.
بۇنى ئورۇنداش جەريانىدا مۇنداق بىرقانچە نۇقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك؛ 10مىنۇت ئىچىدە ۋەزىپىڭىزنى تاماملىۋىتىشكە كۈچىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، پەقەت ئىلگىرىلەش بولسا بولدى، ئەگەر10مىنۇت توشماي تۇرۇپلا تاماملىۋەتسىڭىز دەرھال توختاپ 2مىنۇت خالىغان شەكىلدە ئارام ئالىسىز، ئاندىن يەنە 10مىنۇت خىزمەت قىلىسىز، ھەرگىز ئارام ۋاقتىنى ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىشكە بولمايدۇ. مانا مۇشۇنداق سىناق ئېلىپ بارىمىز، بۇ تەرتىپ سىزنى لايغەزەللىك كىرىزىسىدىن قۇتقۇزۇپ چىقىدۇ.
ئەگەر قايسى بىر ۋاقىتتا ئۆزىڭىزدە سۆرەلمىلىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللىنىش ئارقىلىق ئۆزىڭىزنى داۋالاش ئېلىپ بارسىڭىز بولىدۇ.

بۇخىل ئۇسۇل كىملەرگە ماس كېلىدۇ؟

1. ئىش بېجىرىشتە سۆرەلمىلىك قىلىدىغانلار
2. ئوي-پىكىرى ئاسانلا چىچىلىدىغانلار
3. توربېسىمى بار كىشلەر(تورخۇمارلىق كېسلى بارلار دېمەكچى)
4. زور بىرتۈركۈم ئىشلارنى بىرتەرەپ قىلىۋاتقان ئادەم
5.مەلۇم كۆلەمدىكى خىزمەتنى تۈركۈم بويىچە ھەل قىلىشتا قىيىنچىلىققا يولۇققان ئادەم

سىزنېمىلەرنى ھازىرلايسىز؟

1. بىردانە ھېسابلاش ماشىنىسى
2.بىرپارچە ئاددىيغىنە تۈزۈلگەن ئىش بېجىرىش تېزىسى
3.بىرسائەت ۋاقىت
4.سىزنىڭ ئەشۇ سۆرەلمىلىك كېسىلىڭىز

قانداق ئەمەلىيلەشتۈرۈمىز؟
(10+2)5X نىڭ تەرتىپىنى يەنە تەكرارلايمىز:
1. ئون مىنۇت ئىچىدە پۈتۈن زىھنىڭىز بىلەن مەلۇم ئىشنى ئورۇندايسىز، ۋاقىت توشقان ھامان ئارام ئالىسىز.
2.ئارام ئېلىش ۋاقتى ئىككى مىنۇت بولىدۇ، بۇۋاقىتتا ئۆزىڭىز خالىغان بىرئارام ئېلىش شەكلىنى ئىختىيارى تاللايسىز، ئەمما ۋاقىت توشقان ھامان خىزمەتكە ئاتلىنىپ تېگىشلىك ئىشنى قىلىسىز.
3.بىر سائەت ئىچىدە بۇ خىل تەرتىپنى بەش قېتىم تەكرارلايسىز.

قانداق نەتىجىگە ئېرىشىشىڭىزمۇمكىن؟

بىرسائەتلىك يۇقىرى ئۈنۈملۈك خىزمەت جەريانىنى باشتىن كەچۈرىسىز. قەرەللىك داۋاملاشتۇرۇپ بەرسىڭىز تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشىشىڭىزمۇمكىن.





6 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • ماڭا ھەجەپ تەس بىلىنىپ كەتتا. :cry:

  • مەن ئۆگۈنۈپ قويسام بولغۇدەك، كاللامدا نۇرغۇن ئىش…..

  • روھىمىز جاۋاب

    ۋاھ بەك ياخشى بىلىم كەن بۇ .

  • تىرىشىپ باقمىسام بولمدى ئەمدى ،

  • مەن بىر ئولتۇرسام قورساق ئېچىپ،چوڭ ئۈچەي كىچىك ئۈچەينىڭ گىلىنى سىققىلى تۇرغاندا ئاندىن قوپىمەن… ماۋۇ ماڭا ماس كەلمىگۈدەك :lol:

  • ئالا قانات جاۋاب

    ئۆگۈنىش تاپشۇرۇق ئىشلەش تېكىست يادلاش دىگەندەك لەگىمۇ ماس كىلە ما بۇ ئۇسۇل

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif